بىرۇسسىل: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىچكى- تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا:» ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا خورلۇققا ئۇچراش خەۋپىگە قارىتا تولۇق، ئادىل، ئالاھىدە باھا چقىرىشتىن بۇرۇن بۇرۇن ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرماسلىق كىرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن بۇلتۇر 10- ئايدىن باشلاپ ئالاقە قىلالمىغان. ئۇ باشقىلاردىن ئاپىسنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركىزىگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرتاپقان. 11-ئايدا دادىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇپ، دەرۋەقە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئىكەن. تۇتۇپ كېتىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئاتا-ئانىسى ئسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ھەجگە بارغانلىقى ئىكەن.
نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئوپىك 1960-يىلى باغدادتا قۇرۇلۇپ، 58 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قاتار دۆلىتى يىڭى يىل 1-ئايدىن باشلاپ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
«بېرىتانىيە ھوكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بىسىم چۈشۈرۈشى كېرەك.» : گە قايتۇرۇلغان جاۋابنىڭ تەرجىمىسى
جەنۇبىي خىتاي سەھرى پوچتسى 2018-يىلى 5- دېكابىر ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ […]
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 5-دېكابىر ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان كوررىكتور: مەنزىل ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-12-5 [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس […]
27-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان جەمىيەتلەر قۇرۇلتىيى Esam تەرىپىدىن 2-نويابىردىن 3-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھرىدە ئېچىلدى.
2- نويابىر ئىقتىساد ۋە جەمىيەت تەتقىقات مەركىزى ESam تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلىقئارا مۇسۇلمان توپلۇلۇقلار (جەمىيەتلەر) بىرلىكى قۇرۇلىتىيى ئىستانبۇلدا باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان قىتئە ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.
2001-يىلى ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسنىڭ ختتاينىڭ دۇنيا ئېقتسادى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەندىن كىينكى ھەقىقى تۈردىكى ئېچۋىتىش ۋە دىموكراتىيەگە قاراپ يۈزلىنىش ئىھتىماللىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش شرىكدارچىلىقىغا بولغان كۇتۈشلەر نەتىجىسدە ،دۇنيانىڭ ئەڭ رىئالست ھەمكارلىق رامكىسى بولغان «دۇنيا سودا تەشكىلاتى»غا كىرىشگە ئشىك ئېچىلغان ،بۇنىڭدىن غەرپ ۋە ختتاي ئورتاق خوشال بولغانىدى.
سىگال سامۇئېل ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار خەۋەر بېرىدىغان تەھرىرى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاماققا ئېلىش ۋەقەسىنىڭ بۇ يىللىق دىنىي ساھەدىكى ئەڭ چوڭ تېما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
2- نويابىر ئىستانبۇل پاتىھ ساراچخانە باغچىىسدا ئىيى پارتىيە قارتال رايۇنلۇق باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، باشقا پارتىيە ۋە ئىجتىمائى جەمىيەتلەرنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە جازا لاگىرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا كۆپ ساندا ئىيى پارتىيە ئەزالىرى ۋە باشقا ئىجتىمائى جەمىيەت رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى·
خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى قىزىقىۋاتىدۇ. خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ 2007-يىلىدىكى 17-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «خىتاي يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر ناھايىتى ئاقىلانە ئىستراتېگىيە. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ھەربىي كۈچىڭىزنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىكەنسىز، سىز قوشنىلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ قويىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سىز بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق كۈچىنىمۇ باشقا ئىككى خىل كۈچ بىلەن بىللە ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قوشنىلىرىڭىزنى ئ
27-نويابىر، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كىمىسىنىڭ «قانۇنسىز ھالدا» روسىيە دىڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە قۇراللىق كۈچ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ دانە پاراخوتى ۋە غەۋۋاسلىرىنى تۇتۇقلىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى روسىيەدىن ئەڭ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان چىگراسىدا 30 كۈنلۈك ھەربىي ھالەت يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بىر دۆلەت كۈچىيىپ، بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ كەلگەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تەھدىت بولۇپ قالغاندا چوقۇم بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ياۋروپا پارچىلىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمران ئورۇندىكى دۆلەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەدە ئەندىشە پەيدا بولدى.
خىتاي ئالىمى خې جىيەنكۈي دۇنيادىكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۇنجى بوۋاقنىڭ يورۇق كۆرگىنىنى ئېلان قىلىشى بىلەن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى.گېرمانىيە ئاخباراتى بۇئىشقا ئالاقىدار ئىلىمى تەتقىقات ۋە مۇنازىرىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى .
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى تەرۇز قىلدى دېگەن باھانە بىلەن مۇقىمسىز شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) رايۇنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالىسا، خىتاي » ئوخشاش نىسبەتتە» ئۆچ ئالىدۇ، بېيجىڭ بۇ رايۇندا تېرورچىلارنى «قايتا تەربىيلەۋاتىدۇ».
26دۆلەتتىكى 278 ئىلىم ئادەملىرى ئوخشاش ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ ، خەلىقئارانى شەرقى تۈكىستان (شىنجاڭ) كىشىلك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى .
ئو سۆزىدە ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولغان بولسىمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرنداشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر قاتتىق زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ بەردى. ئو يەنە جازا لاگىرىدا كۆرگەن زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنى ، كىشىلەرنىڭ كامىردىن تۇرۇپ ئازلاپ ، تۇرۇپ كۆپىيىپ قالدىغانلىقىنى، كامىرنىڭ شارائىتىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى ، ھەتتا يىگۈدەك تۈزۈك تاماق ۋە ئۇخلىغۇدەك بوشلۇقنڭمۇ يوق ئىكەنلىكى قاتارلىق بىرقاتار زۇلۇملارنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن بىر كامىرغا سولانغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ، ھەدىمىزگە ئۆزىلىرىنىڭ بۇ يەردىن
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونىغا يېقىن فايىر فاكىس شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى،ئەدىب ،جامائەت ئەربابى ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى،ئەدەبى ئىجادى ئەمگىكىنى قۇتلۇقلاش ئەدەبى ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىلدى.
پاناما پىرېزىدېنتى پەيشەنبە كۈنىدىكى بىر پارچە باياناتنامىسىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپڭنىڭ 12-ئاينىڭ بېشىدا پانامانى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتاينىڭ پاناما تەيۋەن بىلەن 2017-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، بېيجىڭنى ئېتىراپ قىلغىنىدىن بۇيانقى پاناماغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھىسابلىندۇ. پاناما تەيۋەن بىلەن 2017-يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن، بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى (ش ت- ت) دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەردىن بولغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرى قولغا ئېلىش قىلمىشىغا قارىتا ئىمزالىق بايانات ئېلان قىلدى.