پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) ھەققىدە ئىستانبۇل تىنچلىق سوتىغا دەۋا ئېچىلدى

مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كېچە سائەت 1:30 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دائىش تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارىلىپ، ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 27- نويابىر

 

مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كېچە سائەت 1:30 ئەتراپىدا، ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇلباسىت (ئېھسان) تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن دائىش تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارىلىپ، ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

 

ئېھسان تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا بىللە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دوستلىرى ۋە ئىستانبولدىكى ئەركىن پائالىيەت گۇرۇپپىسىدىكى ياشلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن ۋە بۇ مەسىلىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنېۋىرسىتېتىنىڭ پروفېسسور، دوكتورى، خەلقئارالىق ئادۋۇكات، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگۈچىسى ئىلياس دۇئان ئەپەندىنى ئادۋۇكاتلىققا تەكلىپ قىلغان.

 

پروفېسسور، دوكتۇر ئىلياس دۇئان ئەپەندى 23- نويابىر ئەنقەرەدىن ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىپ، كۈچۈك چەكمەجە بىخەتەرلىك ئورنىدا تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان ئېھسان بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، قانۇنلۇق ھالدا ئېھساننىڭ ئادۋۇكاتى سۈپىتىدە بۇ دېلونى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا باشلىغان.

 

بىز ئادۋۇكات ئىلياس دۇئان ئەپەندىدىن ئېھساننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، بىزگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ئېھسان ھازىر مىڭ قېلىچ مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدا تېررورلۇق بىلەن ئالاقىلىق ھېچقانداق يىپ ئۇچى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار يوق. مەن ئۇنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىستانبۇل تىنچلىق سوتىغا ئەرز قىلدىم. ئەگەر بۇ دەۋا رەت قىلىنسا، بىر دەرىجە يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلمەن. ئېھساننىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن بېرى، تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتى بويىچە، تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ ياشاۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلغان. شۇڭا تۈركىيە دۆلىتى ئۇنى دەلىل-ئىسپاتسىز تۇتقانلىقى ئۈچۈن، دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك.

 


ئېھسان بىلەن بىللە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋلان شىرمۇھەممەت ئېھسان ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئېھسان تۇتۇلغاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئەھۋالنى ئىگىلىدۇق ۋە بۇ مەسىلىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئادۋۇكات تۇتتۇق. ئادۋۇكاتقا ۋاكالەت بېرىش ئىشلىرىدا سەل جاپا تارتقان بولساقمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ، ئېھساننى قۇيۇپ بېرىش ھەققىدە تىنچلىق سوتىغا ئەرز سۇندۇق.»

 

بىز بىر تەرەپتىن قانۇنىي يوللار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتۇق ۋە يەنە بىر تەرەپتىن سوتسىيال مېدىيالاردا ئېھسان ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدۇق، بولۇپمۇ ئادۋۇكات ئىلياس دۇئان ئەپەندىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا تارقالغان ئېھسان ھەققىدىكى خەۋەر ھەر قايسى تۈرك مىللەتچىلىرى ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ياخشى پارتىيەنىڭ ئانتالىيادىكى مىللەت ۋەكىلىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسابىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ئېھساننىڭ مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بىز قېرىندىشىمىز ئېھساننىڭ گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلىشىغا بولغان نارازىلىقىمىزنى ھەر خىل ئۇسۇللاردا سوتسىيال مېدىيالاردا ئىپادە قىلىۋاتىمىز ۋە ئېھسان قويوپ بېرىلگىچە ھەرخىل قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرلىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىمىزنى بايان قىلىمىز ۋە ئېھسان ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئادالەت تەلەپ قىلىمىز.

 

ئېھسان ھازىر مىڭ قىلىچ مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرلۇۋاتقان بولۇپ، بىز بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشىمىزنى، ئېھساننىڭ ئاقلىنىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە قىيىن كۈنلەردە قېرىنداشنى يالغۇز قويمىغان، ئادالەت يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان پائالىيەتچى ياشلار گۇرۇپپىسىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» دىن چېكىنىپ چىقتى

دۈ نويابىر 30 , 2020
ئامېرىكا 22- نويابىر «ھاۋا بوشلۇقىنى ئېچىۋىتىش كېلىشىمى» (Open Skies Treaty) دىن رەسمىي چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ترامپنىڭ تەختتىن چۈشۈش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

You May Like