ئۆمەر قاناتنىڭ ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيە زىيارەت تەپسىلاتى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلەر

ئۆمەر قاناتنىڭ ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيە زىيارەت تەپسىلاتى ۋە بىر قىسىم نەتىجىلەر

 ئۆمەر قاناتنىڭ ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيە زىيارەت تەپسىلاتى ۋە  بىر قىسىم نەتىجىلەر

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-ئاپرېل

18-ئاپرېل

ئۆمەر قانات 18-ئاپرېل ھىندونېزىيە پارلامېنتى، پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دوكتور فادىل زون (Dr. Fadli Zon)بىلەن ئۇچراشقان. ئۆمەر قانات ھىندونېزىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. رەئىس فادىل ئەپەندى بۇ ھەقتە قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

19-ئاپرېل

ئۆمەر قانات ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى ۋە ئەڭ چوڭ دىنى تەشكىلات « مۇھەممەدىيە» تەشكىلاتنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى مۇھىتدىن جۇنەيدى (Muhyidin Junaidi ) بىلەن ئۇچراشقان ۋە ھىندونېزىيەدىكى بارلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھەرىكەت قوزغاش پىلانى ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن.

19-ئاپرېل

« ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىرېكتورى ئۆمەر قانات ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان «ئىستىقلال» مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور پروفېسسور ناسرۇددىن ئۇمەر ( the Grand Imam of the Istiklal Mosque, Prof. Dr. Nasaruddin Umar,) بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بارغان.

19-ئاپرېل كۈنى

ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ھۆكۈمەتكە تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدە تەكلىپ-تەۋسيە بېرىدىغان ، ھەربىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈم مۇدىرى ۋە مەزكۇر بۆلۈمنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان.

مەقسەت: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ھىندونېزىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ھەققىدىكى كونكرېت تەلەپلەر ھەققىدە بولغان.

19-ئاپرېل كۈنى 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان پىرىما (Prima)، پاماستا (Pamasta) ۋە ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق 25 تەشكىلات رەھبەرلىكى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قوزغاش دولقۇنى قوزغىغان.

ئۆمەر قانات ھىندونېزىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان مۇنبەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قوزغاش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

19-ئاپرېل كۈنى

ئۆمەر قانات ۋە لوئىسا  ھىندونېزىيە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «مۇھەممەدىيە» تەشكىلاتنىڭ ئىدارە مەجلىسى مۇئاۋىن رەئىسى (Trisno Raharjo )،باش كاتىپ ياردەمچىسى مۇجاھىد رەئىس (Mujahid Rais)،خەلقئارا ھەرىكەت بۆلۈم مەسئۇلى زىياد (Ziyad e) بىلەن كۆرۈشۈپ،ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت ئىلىشىغا جىددىي تۈرتكە بولۇشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.مەزكۇر تەشكىلات لېدىرلىرى ھىندونېزىيەنىڭ مېدىيالىرىدا ئۆمەر قانات بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلققە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

22-ئاپرېل كۈنى ئۆمەر قانات ۋە لوئىسا مالايسىيادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيە مىللىي فرونت ( National Front)نىڭ باش كاتىپى ( Dr. Zambry Abdul Kadir)بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن مالايسىيا تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت،ئامما ۋە تەشكىلات تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەر ئىلىپ بېرىلغان ۋە بىر قىسىم ھەرىكەت تۈرلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

جۈ ئاپرېل 29 , 2022
گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

You May Like