ئوبزور: ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئوت ۋەقەسىدە پايدىنى ختاي خەلقى، ختاي بىلەن سودا قىلىدىغان دۇنيا ئالدى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2022-يىلى 24-نويابىرغىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە، ختاي ھاكېمىيتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سياسىتى ئۈستىگە ، ختايدىن تارقالغان كوۋىد-19 ۋېرۇسى سەۋەبلىك شەھەر ۋە ئاھالىلارنى قامال قىلش، نورمال تېجارەت ۋە ئ‍اممىۋى-ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، خەلقنى ئاچلىققا مەجبۇرلاش سياسىتى داۋام قىلىۋاتاتتى.

بۇ كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئ‍ولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى «بەخت سائادەت» گۈللۈكىدە سەۋەبى تا ھازىرغىچە قانائەتلىنەرلىك،ئادىل ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈپ ئىلان قىلىنمىغان ئ‍وت ئاپىتى يۈز بەردى. ختاي ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ساقچى تارماقلىرى ئوت ئاپىتى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىينمۇ ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغان ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتمىگەنلىكىگە قارىماي، ئ‍وت ئاپىتى يۈز بەرگەندىمۇ، ئاھالىلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن قامالغان ئ‍شىكنى ئېچىپ، ئوتتىن قېچىش تەلىۋىگە قارشى تۇرغان.

نەتىجىدە كەم بولغاندا، 49 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر ئوت ئىچىدە ناھايتى ئېچىنىشلىق ھالدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ ۋەقە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى ئەزگەن ئېچنىشلىق ۋەقە ھسابلىنىدۇ.ۋەقەدىن كىين ختاي ئىچى ۋە سرتىدا زور كۆلەمدە ختاينىڭ ۋەھشيانە كوۋىد سياسىتگە قارشى ھەرىكەتلەر ۋە ئوت ۋەقەسدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بىرىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىكى پىدائى قىرىنداشلار بۇ جەھەتتە چوڭ تاراتقۇلارغا پاكىت-ئۇچۇر تەمىنلەش، تەرجىمە قىلىش، قازا قىلغانلارنىڭ تۇققانلىرىنى تونۇشتۇرۇش، سان ئىنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلىپ باردى.

(قستۇرما :مەزكۇر ماقالە ئاپتورى مەن مەخسۇس مۇشۇ ۋەقە ھەققىدىلا 10 غا يېقىن تاراتقۇغا مەخسۇس پاكىت ۋە ئۇچۇر تەمىنلىدىم، كۆز قارىشىم ئىلان قىلىندى.7 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ يېغىلىشقا قاتنىشپ، ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، ختايچە سۆز قىلىپ، دۇنيانى بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن دەس تۇرۇشىقا چاقىردىم.)

ختاينىڭ قامال سياستىدىن جاق تويغان، ئاچلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن قاچقان مىلىيونلارچە ختاي شاڭخەي، بېجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئاز كۆرۈلىدىغان نامايىش باشلىدى.دۇنيا جامائەتچىلىكى ختايغا چاقىرىق ئىلان قىلدى.جاللات شى جىن پىڭ ئامالسز قامالنى بوشتىشقا مەجبۇر بولدى.

49 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ ئوتتا ئۆلۈش ۋەقەسى 1 يىرىم مىليارد ختاي خەلقىنى- ختاي كومپارتىيەسنىڭ ۋەھشىيانە ئۆيگە قاماش سياستىدىن ئ‍امانلىققا چىقاردى.

دۇنيادىكى مىليارلىغان ختاي بىلەن تېجارەت قىلىدىغان كىشلەرگە ختاينىڭ قامالنى بىكار قىلىپ سودا قىلىش ئىشكنى ئاچتى.مەن بۇ پۇرسەتتە شۇنداق ختاپ قىلىمەن: ئەي دۇنيا خەلقى، ئەي دۇنيا خەلقى، ئەگەر سلەر بۈگۈن نورماكل ياشاۋاتقان بولساڭلار ياكى ختاي بىلەن سودا قىلىپ، جان بىقىۋاتقان بولساڭلار، ئۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈكى ياكى تېرىكىنىڭ پايدىسدىندۇر.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر: تۈركىيەدىن ئ‍سرائىلىيەگە مال سالىدىغان كېمىلەرنى تەكشۈرۈش قانۇن لايىھىسى ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

جۈ نويابىر 24 , 2023
(ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى، مەنبەسى جۇمھۇرىيەت گېزىتى تور بېكىتى، بىز خەۋەرنىڭ باش تونۇشتۇرۇلۇشنى ئەينەن تەرجىمە قىلدۇق، ھىچقانداق تەھرىرلىمىدۇق، ئ‍ۆزگەرتمىدۇق، بۇ قانۇن لايىھەسنى رەت قىلغان ئاق پارتىيە ياكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسى بىلەنمۇ ھىچقانداق سياسى ياكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ياكى ئالاقىمىز يوقتۇر.) سائادەت پارتىيسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈركىيەدىن ئ‍سرائىلىيەگە […]
تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق

You May Like