نيۇيورك مۇسۇلمانلار ئېتتپاقى يېغىنىدا ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

9-ئاپرىل نيۇيورك مەركىزى شەھەر خىلتون مىھمانسارىيدا نيۇيورك مۇسۇلمانلار ئېتتپاقى يېغىنى ئۆتكۇزۇلدى

نيۇيورك مۇسۇلمانلار ئېتتپاقى يېغىنىدا ئۇيغۇر مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

2019-يىلى 11-ئاپرىل،نيۇيورك

9-ئاپرىل نيۇيورك مەركىزى شەھەر خىلتون مىھمانسارىيدا نيۇيورك مۇسۇلمانلار ئېتتپاقى يېغىنى ئۆتكۇزۇلدى.مەزكۇر ئ‍تتپاق قۇرۇلغان 16 يىلدىن بىرى نيۇيورك مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ مەدەنىيەت،قانۇن، مائارىپ،خىزمەت،سەھىيە،ئ‍نسانى ھوقۇق،ئېقتساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى ئۇچۇن خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ،16 -قتېتىملىق قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت پائاليتى،ئۇتۇق قازانغان مۇسۇلمان ياشلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىدا دۇچ كىلىۋاتقان مەسللىرىنى يورۇتۇشقا تىرشقان.يېغىنغا ۋاشنگىتوندىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەكىلى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قاتناشقان بولۇپ،ئېتتپاق رەئىسى دەببى خانىم يېغىن باشلىنىش بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنكى كۇندە ئەڭ ئىغىر .ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قسمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.ئېتپاق رەئىسى ۋە يېغىن رىياسەتچىسى ئافرىقا مۇسۇلمان ئاياللىرى ئۇچۇن تۆھپىكار خانىم بىلەن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ۋە ئۇنىڭ خىزمىتنى تونۇشتۇردى.

ئۇچ سائەت داۋاملاشقان يېغىندا،مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيتىدە ئ‍ۆز ئېتىقادى،مەدەنىيتى ۋە تەرەققياتىنى ساقلاش،تەرەققى قىلدۇرۇش ئاساسى تېما بولدى.مۇسۇلمانلار ئۇچۇن تۆھپە قوشقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى،زىيالىيلار ۋەكىللىرى مۇكاپاتلاندى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ، مۇسۇلمان قىزلار تورىنى قۇرغۇچى ئامانىمۇ مۇكاپاتلاندى،نيۇيورك تۇنجى مۇسۇلمان ئەر سوتچى شاھابىدىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيتىدىكى ئورنى،ياشلارنىڭ رولى ھەققدە قىزىزىقارلىق تەجربىلەرنى ئورتاقلاشتى.

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىشش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھەق تەرەپتە تۇرۇشىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن تىرىشۋاتقان بولۇپ،بۇ ئۇنىڭ  بىر قسىم ئۇنېۋرستىت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدىن باشقا  ،12-قېتىم مۇسۇلمانلار پائالىيەت سورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر قاتناشتۇرۇشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

لاگىرلار ھەققىدىكى رەسم كۆرگەزمىسدىن خۇلاسە:14 دۆلەت،30 شەھەردە ،20 تاراتقۇ!

جۈ ئاپرېل 12 , 2019
ئۇيغۇرلار ئ‍ۇچۈن ھەرىكەت قۇرغۇچىسى،بىر ئاۋاز ،بىر قەدەم ھەرىكىتى تەشكىللىگۇچىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكا،كانادا،تۇركىيە ۋە ياۋروپادىكى گوللاندىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ 30 گە يېقىن شەھىرىدە ختتاينىڭ جىنايى قىلمشلىرىنى پاش قىلىش-21-ئەسردىكى يېغىۋىلىش لاگىرلىرى تېمىسدا رەسم كۆرگەزمىسى ئۆتكۇزۇلدى.

You May Like