نۇرى تۈركەلنىڭ ئۇيغۇر سياسى ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھىسى ئامېرىكا سياسى ساھەسى ۋە ئۇيغۇر ئاممىسى تەرپىدىن رەسمى قۇتلاندى.

نۇرى تۈركەلنىڭ ئۇيغۇر سياسى ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھىسى ئامېرىكا سياسى ساھەسى ۋە ئۇيغۇر ئاممىسى تەرپىدىن رەسمى قۇتلاندى.

 

مەرغۇبە تۇرسۇن، 21-ئ‍يۇل

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

ئون نەچچە يىللاپ  ئۇيغۇر سياسى ئەركىنلىكى ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى ئۈچۈن خەلقئارا ھۆكۈمەتلەر ئارا ھېمايىچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر ئادوۋكات نۇرى تۈركەلنىڭ ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقاندا،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان ھەرىكەتتېرشچانلىقلىرىنى تەبرىكلەش ۋە قۇتلۇقلاش خاتىرە پائالىيتى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا ئ‍ىلىپ بىرىلدى.

ۋاشنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» پىلانلاپ ئ‍ۆتكۈزگەن مەزكۇر خاتىرە پائالىيەت ئاق سارايغا يانداشقان مەلۇم چوڭ  قانۇن مۇلازىمەت شركىتى بىناسدا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسنىڭ سابىق باشلىقى نانسى پىلوسى خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختتاي ئ‍شلىرى كومېتىتى مەسئۇل خادىملىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتىتى نۆۋەتتىكى رەئىسى ۋە ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامنتى ئەزالىرى، كانادا پارلامنتى ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنۇستىتۇتى مۇئاۋىن رەئىسى، نۇرى تۈركەلنىڭ  ھۆكۈمەت ۋە خىزمەتتىكى خىزمەتداشلىرى ۋە  يېقىن دوسلىرى، ئۇيغۇر قوللىغۇچلىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

 

نانسى پىلوسى خانىم تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ،ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلىنغان ئەمگەكلەر ئۈستىدە توختالدى، نۇرى تۈركەلنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشتىكى رولى، خىزمىتى ۋە تىرشچانلىقىنى ئالاھىدە ماختىدى.

 

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ دىرىكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى يغىندا مۇنداق دىدى:

ئۇيغۇر خەلقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى خانىمنڭ قۇرۇلۇشمىزنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەلنى ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومىتىتىغا تەيىنلىشىئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارادا ۋە ئامېرىكىدا يۇقىرى كۆتۈرۈشكە زور پۇرسەت ياراتتى. نۇرى تۈركەل ئون نەچچە يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ بېشىدا بار كۈچى بىلەن سەمىمى ۋە كۆرىنەرلىك خىزمەت قىلدى.بىز ئۇنىڭ خىزمىتىگە رەھمەت ئىيتىمىز،ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھەر بىر كىشىگە مننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. 

 

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دىدى: ختتاي ھاكىمىيتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى ئون نەچچە دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كىلىشىدە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشدا نۇرى تۈركەل ۋە باشقا نۇرغۇن تۆھپىكارلارنىڭ تۆھپىسى بار. ئالدىمىزدا مەسللەر ۋە مەجبۇرىيەتلەر ناھايتى كۆپ.بىز داۋاملىق كۆرەش قىلىشمىز كىرەك.ئۇيغۇر خەلقى داۋاملىق سلەرنىڭ قوللىشڭلارغا مۇھتاج.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دىدى: مەن بۇنداق بىر كۇتۇۋىلنشنى ئويلاپ باقمىغان ،  ھاياتىمدا مەيلى كەسپى مەيلى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بولسۇن،مەن تەشەككۈر ئېيتىدىغان كىشلەر ناھايتى كۆپ.بۈگۈن مەن نەنسى پىلوسى خانىمغا رەھمەت ئىيتىمەن.ئۇ ئىنتايىن ستىراتىگىيەلىك قارار بىلەن مىنى ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك كومېتىتى كومسسارى قىلىپ تەيىنلەپ،ئۇيغۇرلارغا تارىخى بىر پۇرسەتتە سەھنە بەردى

 

يېغىندا يەنە ياۋروپا پارلامىنت ۋەكىلى، كانادا پارلامنىت ۋەكىلى،ئامېرىكا دىنى  ئەركىنلىك كومىتىتى كومسسارى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

نۇرى تۈركەل-202-يىلى دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى 100 تەسرى زور شەخسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن،

ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ كۆپ ھۈججەت ۋە ئ‍سپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنى بىرلىشپ قۇرغان،ئامېرىكا خەلقئارا  دىنى ئەركىنلىك كومىتىتى كومسسارى ۋە رەئىسى بولغان، ختتاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى تەرىپىدىن ئىككىنچى قىتىمدا جازالانغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى قاتارىغا تېزىلغان..

 

مەزكۇر پائالىيەتتە،ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكئىچمەك مەدەنىيتىمۇ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكئىچمەك مەدەنىيتىنى ئامېرىكىلىقلارغا بىلدۇرۇشتە يىللاردىن بىرى ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان دولان يېمەك ئىچمەك شركىتى كۆپچىللىككە مۇلازىمەت قىلدى.

 

يېغىنغا ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىمى جۇلىيا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ختتاي تۈركىيە تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرستاندا تەشۋىقات زىيارىتىدە بولۇشقا تەشكىللىگەن.

شە ئىيۇل 22 , 2023
ختتاي تۈركىيە تاراتقۇلىرىنى ئۇيغۇرستاندا تەشۋىقات زىيارىتىدە بولۇشقا تەشكىللىگەن.

You May Like