داڭلىق كومپىيوتىر پىروگرامما تەھرىرلىگۈچ قۇرالى notepad «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق نەشرىنى ئىلان قىلدى

29- ئۆكتەبىر، زور ئالقىشقا ئىرىشكەن پىروگرامما كودى تەھرىرلىگۈچ يۇمشاق دىتالى notepad يىڭى ئىلان قىلغان نەشرىگە « ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ نام قويغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى ئىشلەتكەن. نودپەدنىڭ قۇرغۇچىسى دون خو يىڭى نەشىرنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنى تىرورچى دىگەن نامدا لاگىرلارغا سولاۋاتقانلىقىنى ئىيتىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ چاقىرىقىدا يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروجەكتىنىڭ دوكىلات ۋە ئۇلىنىشلىرىنى ئىشلەتكەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

2019-11-1

ئەردەم 

نودپەدنىڭ پىروگرامما تىكىست تەھرىرلەش قۇرالى  دۇنيا مىقياسىدا نەچچە ئون مىلىيون قىتىم چۈشۈرۈلگەن،  پىروگراممىلارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى %35.6 گە يەتكەن، يەڭگىل،  ئاددىي، ھەقسىز،  كىڭەيتىش  قولاي بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن ئەڭ مودا، ئەڭ سۆيۈملۈك تەھرىرلەش قۇرالى دەپ تەرىپلەنگەن. 

 بۇ يىڭى نەشىر ئىلان قىلىنىپ نەچچە سائەت ئۆتمەيلا نەچچە مىلىيون خىتايلار نودپەدكە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇز يۇمتالنىڭ پىروگرامما ھەمكارلىق سۇپىسى گىتخاپدىكى سەھىپىسىنى خىتايلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى قاپلاپ كەتكەن.  نودپەدنىڭ  ئورگان تور بىتىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر نەچچە سائەتكىچە ئۈزۈلۈپ قالغان. 

نودپەد قۇرغۇچىسى دوننىڭ گىرمانىيە ئاۋازىغا بىلدۈرۈشىچە، كۆپىنچە ھۇجۇمچىلار ساختا ھىساب نۇمۇرى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىنتايىن ئاز قىسمىلا ھەقىقىي ھىساب نۇمۇرى ئىشلەتكەن ئىكەن. دون بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى، ئەكسىنچە خىتاينىڭ ئوبرازىغا زىيانلىق ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ بۇ يىڭى نەشىرنى ئىلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مەنبە:

https://notepad-plus-plus.org/news/v781-free-uyghur-edition/

https://www.zdnet.com/article/chinese-users-attack-notepad-app-after-free-uyghur-release/

https://www.dw.com/zh/%E5%BC%80%E6%BA%90%E8%BD%AF%E4%BB%B6%E5%A3%B0%E6%8F%B4%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E4%BA%BA-%E4%B8%AD%E5%9B%BD%E7%BD%91%E5%86%9B%E5%87%BA%E5%BE%81%E6%8A%A4%E5%8C%97%E4%BA%AC/a-51066291

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

چاقماق خەۋەر: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوۋيىنغا (抖音) قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىدى

شە نويابىر 2 , 2019
كۆپلىگەن مېدىيالارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوۋيىن ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

You May Like