نىمىشقا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيەنى مەڭگۈ بەرمەيدۇ؟

ئاۋال بۇ خىتايدىكى ئاپتونومىيەنى تەھلىل قىلىشتىن باشلىنىدۇ. ئاپتور لىنا كۇتكائۇسكايتى 2012 -يازغان «خىتاينىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا (ماقالىدە شىنجاڭ دەپ يېزىلغان) بولغان دۆلەت سىياسىتى نىمىشقا خوڭكوڭ ئەندىزىسى ئەمەس؟» (Chinese State Policies Towards Tibet And Xinjiang Why not the

ئاپتورى: ئ‍وكيان

تەھرىر: مەنزىل

  [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]    

ئاۋال بۇ خىتايدىكى ئاپتونومىيەنى تەھلىل قىلىشتىن باشلىنىدۇ. ئاپتور لىنا كۇتكائۇسكايتى 2012 -يازغان «خىتاينىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا (ماقالىدە شىنجاڭ دەپ يېزىلغان) بولغان دۆلەت سىياسىتى نىمىشقا خوڭكوڭ ئەندىزىسى ئەمەس؟» (Chinese State Policies Towards Tibet And Xinjiang Why not the Hong Kong Scenario) دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتكە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى خوڭكوڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەرنى ئىنچىكە چۈشەندۈرگەن. ئاپتور ماقالىدە خىتايدا 2 خىل تۈردىكى ئاپتونومىيە تۈزۈمى بارلىقى، 1-خىلنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم پىرىنسىپى» ئاستىدىكى خوڭكوڭ ۋە ماكائوغا بېرىلگەن ھەقىقىي ئاپتونومىيە ، 2- تۈردىكى «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا بېرىلگەن ھەقىقى ئىجرا قىلىنمىغان قەغەز يۈزىدىكى ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى يازغان. تىبەت، شەرقىي تۈركىستان بىلەن خوڭكوڭنى سېلىشتۇرىشىدىكى سەۋەپ، بۇ ئۈچ رايون ئالاھىدە رايونلارغا تەۋە بولۇپ، ئادەتتىكى ئۆلكە رايونلاردىن پەرىققە ئىگە، شۇنداقلا بۇ ئۈچ رايون خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە خىتاي مىللەتچىلىك ئارزۇسىغا خىرىس قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايونلارنى سېلىشتۇرىدۇ ھەمدە بۇ خىرىسلار مەيلى ئىچكى جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاشقى جەھەتتىن بولسۇن، مىللىي ۋە قانۇنىي ئاساسى بولسۇن، دۆلەت نۇقتىنەزىرىدىن چىقىش قىلغاندا بۇ مەسىلىلەرنىڭ يادروسى بىر، يەنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىلىدۇ ۋە چوقۇم يوقىتىلىشى مۇقەررەر بولىدۇ. ھەقىقىي ئاپتونومىيە دېگەن نېمە؟ خۇرىست خاننۇم ۋە رىچارد لىلىيكنىڭ « خەلقئارا قانۇنىدىكى ئاپتونومىيە ئۇقۇمى» دېگەن ماقالىسىدە [2] قانۇنلۇق ئاپتونومىيە بولسا مۇستەقىل يەرلىك قانۇن تۈزۈش ئورگىنى (independent local legislature) مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىغا بېقىنماسلىقى، يەرلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى رەھبەر شۇ رايۇندىكى خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشى (يەنى ئۇيغۇرلار ئۆز رەھبىرىنى ئۆزى تەيىنلىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە نۇر بەكرى بولسۇن ياكى شۆھرەت زاكىر بولسۇن ئۇلارنىڭ قانداق باشلىق بولغىنىننى خەلق بىلمەيدۇ، پەقەت تېلىۋىزۇرغا چىققاندا خەۋەر تاپىدۇ، تىبەتتىمۇ ئوخشاش)، مۇستەقىل ئەدلىيە ئورۇنلىرى، يەرلىك قارار چىقىرىش قاتارلىقلار مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارار قىلىش ھوقۇقى (general discretionary powers) بىلەن مۇرەسسەلىشىدىغان بولماسلىقى لازىم، دېيىلگەن. شۇڭا بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى پەقەت خوڭكوڭدىكىسى بولسا ھەقىقىي ئاپتونومىيە، ئەمما تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بولسا يۇقارقى ھېچقايسى تەلەپكە چۈشمەيدۇ، ئەكسىچە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونتىروللۇقى ئاستىدا بولىدۇ. • ئوخشاشلىقلار: o سىياسىي جەھەتتە : خىتاي بولسا بىرلا پارتىيە يەنى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى يېتەكچىلىكىدىكى ھاكىممۇتلەق دۆلىتى (دىكتاتور دۆلەت). خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، يەرلىكتىن مەركەزگىچە ھەممە جەھەتتىكى، مىسالەن، ئىقتىساد، ئاخبارات قاتارلىقلار قاتتىق كونتىرول قىلىنىدۇ. ئاممىۋى ساھەلەر نازارەت ئاستىدا بولىدۇ، شۇڭا پۇقراۋى جەمىيەتنىڭ رول ئويناش شارائىتى بولمايدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى ( يەنە مىللەتچىلىك ئىدىيسى سەۋەبىدىن) ئاز سانلىقلارنىڭ پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتاملىرىدا ھوقۇق تۇتۇشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە دۆلەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگنىڭ كۆۋرۈكى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ سېستىما مۇنداق خاراكتېرنى پەيدا قىلىدۇ: ئىگىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىدە ھەرگىز يول قويمايدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، ھەتتا خېلى ئەركىنلىكى بار خوڭكوڭنىڭمۇ تولۇق دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقنىڭ سەۋەبى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۈچ رايوندىكى يەرلىك ئىجرائىيە كۈچىگە تايىنىپ رايونلارنىڭ سىياسىي پائالىيتىنى كونتىرول قىلىدۇ، يەنى ئۆزى بىۋاستە بېيجىڭدىن بۇ رايونلارنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلايدۇ. ئەلۋەتتە تەيىنلەش دەرىجىسىدە پەرق بار، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە بىۋاستە تاللاپ ئەۋەتىدۇ، خوڭكوڭدا بولسا پۇقرالارنىڭ رەھبەر تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ، ئەمما تەيىنلەنگەن رەھبەر يەنىلا بېيجىڭنىڭ تەرەپدارى بولۇشى زۆزۈر.   o مۇستەقىللىك جەھەتتە: بۇ ئۈچ رايوننىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش رايى بار. بۇ بولسا خىتاي دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈك مەسىلىسى، ھەممىدىن مۇھىمى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، بۇمۇ بۇ رايونلاردىكى بىر ئوخشاشلىق. • پەرىقلەر: o سىياسىي جەھەتتە: خوڭكوڭ بىلەن تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ پەرقى دېموكراتىيە دەرىجىسى ۋە پۇقراۋى ئەركىنلىكى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. خوڭكوڭدا چەكلىك دېموكراتىيە بار بولۇپ، پۇقرالارنىڭ سايلام ھوقۇقى بولىدۇ ( ئەلۋەتتە كاندىداتنى بېيجىڭ قارار قىلىدۇ)، مۇستەقىل ئەدلىيە سېستىمىسى بار بولۇپ، سىياسىي ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ، مەسىلەن، رازىلىق ياكى نارازلىقىنى ئەركىن ئىپادىلەش، ئاخبارات، نەشرىيات، نامايىش قىلىش ۋاھاكازالار. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ھېچقانداق دېموكراتىيە يوق، سىياسىي قارارلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ھەر قانداق يەرلىك قارار چوقۇم مەركەزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، بېيجىڭ بۇ رايونلاردىكى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى قاتتىق كونتورۇل قىلغان بولۇپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى نارازىلىق ياكى ئاپتونومىيە تەلىپى رەت قىلىنىدۇ ۋە قورال كۈچى بىلەن باستۇرىلىدۇ. 14-مارت «لىخاسا ۋەقەسى»، 5-ئىيۇل«ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، «ئىلھام توختى ۋەقەسى» بۇنىڭ مىسالى. سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقنى ساقلاش بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن بىرىنچى مۇھىم مەسىلىدۇر، شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دائىم « مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ»، «شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمەنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەندەك شوئارلانى توۋلىشىنىڭ سەۋەبى بار. o ئىقتىسادىي جەھەتتە: خوڭكوڭ بىلەن تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي قارارىنى بېيجىڭ بېكىتىدۇ. خىتاي بۇ رايونلارنىڭ بايلىقىنى ئېلىپ، ئاندىن بۇ رايوندىكىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، بۇ ھالدا بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي پۈتۈنلەي مەركەزگە بېقىندىلىق ھالدا بولىدۇ. خىتاي بۇ رايونلاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىلغارلاشقان ئۇل-ئەسلەھەلەر، شۇنداقلا نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگۈرۈش ئارقىلىق مىللىي توقۇنۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. رايونلارغا ئېتىبار بېرىش سىىياسىتى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەسلى ماھىيتى بولسا ئاز سانلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللىي قارشىلىقىنى چېكىندۈرۈش بولسىمۇ، بۇ سىياسەتلەر ئەمەلىي پىراكتىكىدا يەنىلا خىتاي مىللىتىگە پايدا ئېلىپ كەلگەن. كۆرۈنۈشتە ئىقتىسادىي قالاق رايۇنلارنى يۆلىگەن بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن (مەسىلەن ساھالەر بويىچە شىنجاڭ، شىزاڭغا ياردەم بېرىش)، ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونلارغا يۆتكەپ كېلىپ، ئىجتىمائىي مەسىلە تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن. مەسىلەن، يەرلىك مىللەتلەردىكى ئىشسىزلىق قاتارلىقلار. ئەمما خوڭكوڭ كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى، شۇنداقلا مۇستەقىل رايون خامچوت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بېيجىڭنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىمايدۇ. پەقەت ئىقتىسادىي كىرزىسقا دۇچ كەلگەندە ياردەم ئالىدۇ. خوڭكوڭ بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىي بىرلىشىشى چىگرا ئاتلىغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسىلەن ھازىر خوڭكوڭدىكى ئاساسەن ھەممە قايتا-ئېكىسپۇرت ماللار چوڭ قۇرۇقلۇققا بارىدۇ ياكى كېلىدۇ، يەنە خوڭكوڭنىڭ پۈتۈن ياساش ۋە سانائەت مۈلكى چوڭ قۇرۇقلۇققا يۆتكەپ كېتىلگەن. o مەدەنىيەت جەھەتتە: مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيتى خىتاينىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىدىنمۇ بەكرەك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ماۋزىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن بۇ رايونلار بىر مەزگىللىك ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، مىللىي مەدەنىيتى ۋە دىنىي ئېتقادىي جانلانغان، ئەمما كېيىن كونتىروللۇق يەنە كۈچەيگەن، بولۇپمۇ 1990- يىلدىن كېيىن. سەۋەبى 1987-يىلىدىكى ئارقىمۇ ئارقا يۈز بەرگەن «لىخاسا نامايىشى» ۋە 1990- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «بارىن قوراللىق ئىنقىلابى». خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى «ئاتېئىزىملىق» ئۈستىگە قۇرۇلغان، يەنى دىننى ئىنكار قىلىدۇ. ئەمما بۇ «دىنسىز» پارتىيە كونتۇرۇللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە كىشىلەر دىنغا ئېتقاد قىلىدۇ. بۇ ھالەت خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دىنسىزلىق مەيدانى بىلەن روشەن قارشىلىق پەيدا قىلغان. شۇڭا ئاتىئېزىملىق تەربىيىسى مەكتەپلەردە زۆرۈر دەرىسلىك قىلىنىدۇ، مەسچىت، بۇتخانىلار قاتتىق كونتىرۇل قىلىنىدۇ، «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» دەپ ئاتىغان ئىماملار، راھىپلار چوقۇم كومپارتىيەنىڭ دېگەن تەلىپىگە بويسۇنىدۇ، دىنغا ئائىت كىتابلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى بويىچە باشقۇرىلىدۇ ۋە تارقىتىلىدۇ، ھېساپتا دىنغا ئىشىنىدىغان خەلىقلەر قاتتىق بېسىم ئاستىدا ياشايدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرىشنىڭ يەنە بىر يولى خىتاي كۆچمەنلەر. ماۋ دەۋرىدە خىتايلار مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن بولسا، ھازىر ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق، مەسىلەن، سودا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرگە ياردەم پۇلى بېرىش، پىلانلىق تۇغۇتتا كەڭچىلىك قىلىش قاتارلىقلارئارقىلىق كۆچۈرۈلمەكتە. ( مەن ئىچكىردە ئوقۇغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس «غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش» دېگەن تەشۋىقاتنى قىلاتتى، بۇمۇ خىتايلارنى غەربتىكى كەڭ زىمىنلارغا مەڭگۈ يەرلەشتۈرۈشنى غەرەز قىلغان) o نوپۇس جەھەتتە: ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا توشۇش» دەپ زامانىۋى قۇل سودىسى قىلىش، يەنى 2008-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن 1.87مىليون ئادەم ئىچكىرىگە توشۇلغان. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسى 1947-يىلدىكى 6.7% تىن ، ھازىرقى 40% كە يەتكەن. ( مەنچە بۇ سان تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، خىتاي نوپۇسى ئاللىقاچان ئۇيغۇر نوپۇسىدىن ئېشىپ بولغان بولۇشى مۈمكىن). تۈركۈملەپ ئېقىپ كىرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئۆز زىمىنىدا ئاز سانلىققا ئايلاندۇرىۋېتىشى بىر رېئالىستىك مەسىلە بولماقتا. ( ئىچكى موڭغۇل بىر مىسال بولىدۇ،80% خىتاي، 17% موڭغۇل) خوڭكوڭدا بولسا 96% خىتايلا بولۇپ، گۇاڭدۇڭ دېئالىكتىكىنى سۆزلەيدۇ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىملىكى مۇرەككەپ بولۇپ، ھەم ئەنگىلىيەنىڭ تەسىرى ھەم خىتاي مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى بار، دۆلىتى بولماسلىق ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن كىملىككە تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ قويغان. مىللىي كىملىككە قارىغاندا كاپىتالىستىك پىكىرخوڭكوڭ كىملىكىنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر سىياسىي تەشۋىقات ۋە مائارىپ ئارقىلىق خوڭكوڭلۇقلارنىڭ يېڭى كىملىكىنى تىكلەشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا چىگرا ھالقىغان كۆچمەنلەرنى تۈركۈملەپ خوڭكوڭغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن پىسخىكىلىق جەھەتتىن قوشۇۋىتىشكە كۈچەۋاتىدۇ. (مەسىلەن، ھازىر ھەر يىلى جوڭكوڭدا تۇغۇلىدىغان 40% بوۋاق چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن خىتايلارنىڭ، شۇڭا خوڭكوڭدىكى يەرلىك ئاياللارغىمۇ دوختۇرخانىلار يېتىشمىگەن.) ئەمما بۇ خىل ئۇرۇنۇش ئەكسىچە تەسىر بېرىپ، يەرلىكلەر بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغان. o دېپلوماتىيە جەھەتتە: بۇ جەھەتتىمۇ زور پەرق بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا چېتىلىدىغان تاشقى سىياسىتى ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. خەلقئارانىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 2. باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ رايونلاردىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرنى قوللىشىنى توسۇش. بولۇپمۇ خىتايدەك 2-چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت ئىقتىسادنى كوزۇر قىلىپ، بۇ ئىككى رايوننى خەلىقئارادا يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن، تىبەتكە نىسبەتەن، تىبەت دىنىي رەھبىرى دالاي لامانى بۆلگۈنچى دەپ ئەيىپلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، بۇ خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ سودىسىغا تەسىر يەتكەن. بۇ «دالاي لاما ئېففىفىكتى» دەپ ئاتالغان، يەنى بۇنداق كۆرۈشۈش خىتايغا بولغان ئېكىسپورتنى ئىككى يىل 8.1% -16.9% تۆۋەنلەتكەن. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نى بازا قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەر قايسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قانداق تۈردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى باستۇرغان، ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان (تۈركىيە بۇنداق شەرتنامىنى ئىمزالىماسلىق كېرەك، شەخسىي قارىشىم). خىتاي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتقادى ئىسلام دىنى بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، تېررورىزرىمغا قارشى ئۇرۇشنى سۇيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئاپتورخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى دۇنيا ئالدىدا سەلبىي كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەتتا تىنچلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى» قاتارلىقلارنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈش كېرەككى، خىتاي ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزاسى بولۇپ، تۇنجى بولۇپ خەلقئارالىق قۇرال ئىشلىتىشكە «قوشۇلۇش» بېلىتىنى تاشلىغىنى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1368-قارارى، يەنى ئافغانىستانغا قوراللىق كىرىشكە قوشۇلۇش. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بىكار كەتمىگەن: 2002-يىلى ئامېرىكا ۋە ب د ت نامى ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ جاكارلىغان. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا بىر باھانە يارىتىپ بەرگەن. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي بۇ ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىككى مەقسەتكە يەتمەكچى: 1. تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تاشقى دۇنيانىڭ ياردىمىدىن ئايرىۋېتىش؛ 2. خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىچكى ئىشى» دەپ ئۆزىنىڭ بۇ رايونلارنى باستۇرىشىغا قانۇنىي ئاساس يارىتىش ئارقىلىق چىگرا ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش. ئەمما خوڭكوڭ مۇستەقىل ھالدا خەلقئارا سەھنىدە رول ئوينىيالايدۇ، ئۆزىنىڭ رايون بايرىقىنى ئاسالايدۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەكىلى بار، ھەتتا ئايرىم ئەزالىق ھالاھىيىتى بىلەن ھەر خىل خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ. مەسىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى «جۇڭگو شىياڭگاڭ» دېگەن نام بىلەن خىتاي دۆلىتى بىلەنمۇ رىقابەتلىشىدۇ. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان، تىبەتكە بەرگەن ئاپتونومىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ؟ ئەمما خوڭكوڭغا ھەقىقىي ئاپتونومىيەنى بېرىدۇ؟ (خوڭكوڭ ھازىر بارغانسىرى ئۆز ھوقۇقىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندە) مىلتون ئېسمان «مىللىي سىياسەت» دېگەن كىتابىدا [3] بىر دۆلەتنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ زىمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتا دۆلەت نىشانى نۇقتىسىغا ئاساسلانغاندا ئىككى خىل يول بارلىقى، بىرى ئوخشاشلاشتۇرۇش يەنى ئاسسىمىلياتسىيە ، يەنە بىرى كۆپ خىللىققا يول قويۇش (Homogenisation / Acceptance of Pluralism ). ئەگەر سىز بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ئىككىنچى تۈرنى ھېس قىلالىشىڭىز مۈمكىن، يەنى ئوخشىمىغان ئىرق، مىللەت، دىن، تىل، مەدەنىيەتلەرگە يول قويىدۇ، يەنە ئالاھىدە ئاپتونوم ھوقۇققىغىمۇ ئىگە بولىدۇ، مەسىلەن ئىسپانىيەدىكى كاتالان ۋە كانادادىكى كۈبەك رايونى قاتارلىقلار. ئەمما خىتايدەك بىر دىكتاتور، فاشىست دۆلەتنىڭ بىرىنچى يولنى تاللىغانلىقىنى ئاپتور نۇرغۇن مىساللار بىلەن چۈشەندۈرگەن. مىسالەن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ كۆۋرۈكى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋال ئاتالمىش «قوش تىل»نى يولغا قويغان بولسا، 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈن مائارىپ ساھەسىدىن سۈپۈرۈلۈپ چىقىرۋېتىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. 1- ۋەدىنى كىمگە بەرگەن؟ خىتايلار تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندە، «ئاپتونومىيە»دىن ئىبارەت بۇ قۇرۇق قالپاقنى يەرلىك خەلقلەرگە، يەنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ۋەدە قىلغان. ئەمما خوڭكوڭدا بولسا خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈش بار بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مەسىلە، يەنى خىتاي ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن «ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامى» تۈزگەندە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەدە بېرىپ توختامغا قول قويغان، يەنى 50 يىل ئۆز تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش (1997— 2047) . خىتاي خەلقئارادا ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىنىڭ چۈشىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، خوڭكوڭغا نىسبەتەن «چاقماق تېزلىكىدە» ئەمەس، بەلكى «پاقىنى ئىلمان سۇدا قاينىتىش» ئۇسۇلىدا سىڭىپ كىرىشنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ھازىر ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قولىدا قورال بولمىغاچقا، ئەزەلدىن ئالدامچىلىق ۋە باندىتلىق قىلىپ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققان خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى ئاتالمىش ئازادلىق ئارمىيەسىنى بۇ رايونلارغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىنلا ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى. بىر زېمىننىڭ بېسىۋىلىنغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولغانسىرى، خەلقئارادا دۆلەتنى قوللاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش خاھىشى ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. خىتاينىڭ غەربتىكى بۇ ئىككى چوڭ زېمىنلارنى بېسىۋالغىنىغا 60 يىلدىن ئاشتى، شۇڭا ھازىر بۇ مەسىلىلەرنى ئىچكى ئىشىمىز دەپ ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن باستۇرۋاتىدۇ. ئەمما خوڭكوڭنى قولغا ئالغىلى تېخى ئۇزاق بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوڭكوڭ يۈكسەك دەرىجىدە خەلقئارالاشقان مۇھىتى بار، ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە رايون بولغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ قاتتىق ۋاستىلەرنى بىۋاستە ئىشلىتەلمەيۋاتىدۇ، يول قويۇۋاتىدۇ. ئەمما بىر ھەقىقەت شۇكى خوڭكوڭمۇ مۇشۇ بويىچە ماڭسا، ئاقىۋىتى ھامان ئۇيغۇر، تىبەتلەردەك ئەھۋالغا قالىدۇ. 2- بايلىقلاردىن ۋە ئەۋزەللىكلەردىن قانداق پايدىلىنىدۇ؟ خوڭكوڭ ئەنگىلىيەنىڭ ئىگىدارلىقى ۋاقتىدا دۇنيادىكى ئەڭ جانلانغان سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خىتاي خوڭكوڭنى قولغا ئالغاندا ئۇنىڭ خەلقئاراغا داڭلىق بولغان سودا مەركەزلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن، چۈنكى ئەگەر خىتاي خوڭكوڭنى بىرلا ۋاقىتتا دىكتاتور مۇھىت ئاستىدىكى بازارغا ئۆزگەرتسە، خوڭكوڭدىكى نۇرغۇن چەتئەل سودىگەرلىرىنى يوقىتىپ قوياتتى، بۇنداق بولسا خوڭكوڭنىڭ خىتايغا نىسبەتەن كوزىرلىق رولى قالمايتتى. شۇڭا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ياردەم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھازىرقى سېستىمىنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈر ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە ئوچۇق بولغان كاپىتالىستىك بازار ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلاتتى. ئەلۋەتتە ئەنگىلىيەمۇ ئۆز دۆلەت مەنپەئەتى، ھەمدە شىركەت ۋە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتمەيدىغان بىر تەلەپنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇڭا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم » دېگەن ئاپتونومىيە قارىشى مەيدانغا كەلگەن. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەت يەر مەيدانى جەھەتتە خىتاي ھازىرقى تېرروتورىيسىىدە ئالدىنقى بىر- ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ زىمىنلاردىن چىقىدىغان تەبئىي بايلىقلار مىقدارىمۇ خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مول نېفىت، تەبئىي گاز قاتارلىق قېزىلما بايلىقلىرى بىلەن، تىبەت مول سۇ ۋە ئورمان بايلىقى بىلەن خىتاي ئۈچۈن خۇددى جېنىدەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىر قېتىم خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ئەسلىدە توخۇنىڭ باش قىسىم تەرىپى دەپ تەسۋېرلىگەن (توخۇ خىتاينىڭ ھازىرقى خەرىتىدىكى شەكلىنى كۆرسىتىدۇ). ئەگەرئاپتونومىيەنى بۇ رايونلارغا بەرسە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىمىندىكى بايلىقلارغا بىۋاستە ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ، چۈنكى رېئال ئاپتونومىيەدە شۇ زىمىندىكى بايلىقلاردىن يەرلىكلەر ئاۋال پايدىلىنىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئاپتونومىيە يوق بولغاندا بېيجىڭ بۇ زېمىندىكى بايلىقلارنى خالىغانچە بىۋاستە ئېچىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. 3- شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ جۇغراپىيلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى ( Geopolitics ) خىتاي ئۈچۈن ئېيىتقاندا، شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتنىڭ ئىستىراتېگىيلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم، بۇ رايونلارنى بۇفىر رايونى ( Buffer Zones) يەنى جىددىيلىكنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدىغان رايونلار، دېيىشكە بولىدۇ [4]. شەرقىي تۈركىستان ئۆزىدىكى مول ئېنىرگىيە بايلىقىدىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن چىگرالىنىدۇ، جەمئىي سەككىز دۆلەت بىلەن قوشنا، شۇڭا بۇ ئارقىلىق خىتاي كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئېرىشىش تاماسىدا بولۇۋاتىدۇ. «بىر بەلۋاغ، بىر يول» دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈن چىقىرىلغان. مەسىلەن پارس قولتۇقىدىكى نېفىت سۇ يولى بىلەن پاكىستاندىكى پورتقا كەلگەندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئ‍ەتلىك پويىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرى خىتاينىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى شەھەرلىرىگىچە يەتكۈزۈلۈشى، ھەم يەنە مۇشۇ قۇرۇقلۇق لىنىيسى بويىچە خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ماللارنى يەنە پاكىستاننىڭ پورتىغىچە يەتكۈزۈش، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا بىلەن بولغان سودىنى ياخشىلاش. بۇ پىلان بويىچە بولسا پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت 48 سائەتلا كېتىدىكەن. دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قاتتىق كونتىرۇل قىلىشىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ پىلانىغا دەخلى يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىدىن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نەپ ئېلىشى مۈمكىن ئەمەس. بۇنىڭ مىسالى، شەرقىي تۈركىستاندىن پاكىستانغا قاتنايدىغان ئايروپىلانغا چىقىدىغان ئادەملەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن خىتايلار ۋە پاكىستانلىق سودىگەرلەر بولۇشى، ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار. تىبەتنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىمۇ ناھايىتى مۇھىم، تىبەتنىڭ قوشنىسى ھىندىستان بولسا ئىقتىسادىي كۈچلۈك، نوپۇسىمۇ خىتايدىن كېيىنلا تۇرىدىغان بىر دېموكراتىك دۆلەت. بۇمۇ خىتاينى ئەندىشىگە سالىدۇ. تىبەت يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز جايغا جايلاشقان، ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىغا تۇتىشىدۇ. بۇمۇ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئىستىراتىگىيلىك جەھەتتىكى ھەم ھەربىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ساقلاش زۆرۈر بولۇپ قالغان. 4- ئېتنىك كىملىك مۇھىممۇ؟ خوڭكوڭ ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلار ئېتنىك جەھەتتە زور پەرقى يوق، يىغىپ كەلگەندە ھەممسى بىر خىتاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوڭكوڭدىكىلەر چەكلىمىلىك نىشاننى ئارزۇ قىلغان، مەسىلەن، رايون رەھبىرىنى ئومۇميۈزلۈك سايلام ئارقىلىق تاللاش، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماسلىق (ئەمما خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى ئۆزىنىڭ قارا جەمىيەت تۈسىنى ئالغان سىياسىتى ئارقىلىق ھازىر خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندە). شۇڭا خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭ تەلىپىنى بېيجىڭ چوڭ خەتەر دەپ ئويلىمىغان، ھەم ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قىسمەن جاۋاپ بەرگەن، يەنە سىموۋوللوق قوشۇلۇشلارنى قوللىنىپ، مۇھىم قارارلارنى كېچىكتۈرگەن. مەسىلەن، 2020-يىللىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى ئومۇميۈزلۈك بېلەت تاشلاشقا ۋەدە بەرگەن، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خېلى يىللاردىن بېرى ئومۇمىي بېلەت تاشلاشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرچىراي، تىل-يېزىق، تارىخ، دىن، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي مىللىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلارنىڭ ئ‍ۆزلىرى تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان رايونلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، شۇڭا بۇمۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە ئاپتونومىيەنى بەرمەي، بەلكى مانجۇ ۋە موڭغۇللارنى سىڭدۈرۋەتكەندەك، ساق قالغان بۇ ئىككى چوڭ مىللەتنى ئېرىتىپ خىتاي قىلىۋىتىش ياكى بىئولوگىيلىك قىرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان (مىسال، ئۇيغۇرلاردىن ئومۇميۈزلۈك DNA ۋە قان ئەۋرىشكىسى يىغىشى). خىتاينىڭ ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتى دەل مۇشۇ سەۋەپكە چۈشىدۇ.ھەتتا چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا تېلفون قىلىشمۇ بىر چوڭ ئارزۇ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، سەۋەبى نېمە؟ 5- خىتاي دۆلەت ئىدىئولوگىيىسى دېگەن نېمە؟ چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيسىچۇ؟ ھازىرقى خىتاينىڭ دۆلەت ئېدولوگىيسى 3 تەركىپتىن شەكىللەنگەن، كومۇنىزىم؛ مىللەتچىلىك؛ پىراگماتىزىم (ئەمەلىيەتچانلىق). بۇ ئۈچ تەركىپ ئۆز ئارا قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى خىتاي دۆلىتىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان ئېدىئولوگىيەنى شەكىللەندۈرگەن. ماۋزىدۇڭنىڭ كومۇنىزىمى چوڭقۇر مىللەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات چوقۇم مىللەتچىلىك نىشانىغا بويسۇنىشى كېرەك دېيىلگەن. گەرچە كومۇنىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيسى دۆلەت ئېدىئولوگىيىسى دەپ رەسمىيلەشكەن بولسىمۇ، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىق ئەۋج ئالغان. چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى 19-ئەسىردە ئەجنەبىيلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە قىممىتىنى يوقاتمىغان. مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنى ئۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «قانۇنلۇق زىمىنلىرى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھازىرغىچە بىر مۇھىم نىشان قىلغان: زېمىن كېڭەيمىچىلىكى، بۇرۇنقى تېرىتورىيەلىرىنى قايتۇرۋېلىش ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتە زامانىۋىلىشىشنى بۇ نىشانغا يېتىشتىكى مەقسەت قىلغان. نىمىشقا ئىقتىساد مۇھىم؟ چۈنكى ئىقتىسادىي زامانىۋىلىشىش ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلىنىشنى كەلتۈرىدۇ، زاغرا تىل بىلەن دېگەندە ئۇرۇش قىلىمەن دېسىڭىز يانچۇقتا پۇل بولۇش كېرەك. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن خىتاي پىرىزدېنتى شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي ئارزۇسى»، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى قىلغىنىنى كۆرىۋالىمىز. ئۇنداقتا بۇرۇنقى تېرىتورىيەلەر دەپ ئۇيغۇر زىمىنى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋىلىپ، «بۇ زىمىن خەن دەۋرىدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى» دەپ، تىبەتنىمۇ «تاڭ دەۋرىدە سۇڭ زەن گەنبۇگە خىتاي مەلىكىسى ۋېنچىڭنى ياتلىق قىلغان، شۇڭا تىبەتمۇ خىتاي زىمىنى» دەۋالغانلار ئەجىبا زىمىنغا تويمىغانمىدۇ؟ مەنچە تويمىدى، چۈنكى مېنىڭ خىتاي مىللىتىدىكىلەر بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ئالاقەمدىن خۇلاسىلىسەم، خىتايلار ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا كورىيان يېرىم ئارىلىنى بىزنىڭ يېرىمىز دەپ قارايدۇ. بۇنداق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى مېنىڭ دەۋالدىغان يۈزى قېلىنلىق، نەپسانىيەتچلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق خىتايلارنىڭ ئۇدۇمى، گېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئالدامچىلىق دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇئەللىمىمىزنىڭ «ئەجىبا تەكلىماكانغا بىر يېڭى خەينى كۆمۈپ قويۇپ، بىر يىلدىن كېيىن ئېلىپ، «قاراڭلار،1000 يىللىق يادىكارلىق، شىنجاڭ تارىختىن بۇيان جوڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى!» دېسە كىم ئىشىنىدۇ» دېگىنى ئېسىمدە. ئۇنداق بولسا نىيەدىن تېپىلغان «كىرورەن گۈزىلى» تىپىك كائۇكازىيان (ئاق تەنلىك) ئادىمىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا خىتاي شائىرى لىبەينى قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان دەپ ئاڭلاپ ھەيران قالغان. بەزىلەر چاقچاق قىلىپ، «ياق، لىبەي ئەمەس، ئەبەي» دېگەنلەرمۇ بولغان. ئىچكىرىدە ئوقۇغان ۋاقتىمدا بىر خىتاي مۇئەللىم لىبەينى تىلغا ئېلىپ، «سىچۈندە ياشىغان خىتاي شائىرى لىبەي قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان، ئۇنداقتا ئۇ چەتئەللىكمۇ؟» دېگەندە، بەزى ساۋاقداشلار «ھەئە» دېدى. ئۇ مۇئەللىم «ياق، ئۇ خىتاي دۆلىتىدە تۇغۇلغان، قىرغىزىستان ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ زېمىنىمىز ئىدى، ئۇ بىر چىگرا جەڭچىسىنىڭ ئوغلى، كېيىن ئائىلىسىى بىلەن يۇرتى سىچۈنگە كۆچۈپ كەتكەن» دېدى. ئۇ يەنە «مەن قىرغىزىستانغا بارغان، ئۇ يەرنىڭ مەنزىرلىرى، تاغلىرى، سۈزۈك كۆللىرى شۇنچىلىك گۈزەلكى، «شىنجاڭ» دىكى بىلەن سېلىشتۇغىلى بولمايدۇ. مەن ئىسسىق كۆلگە بارغاندا، «بۇ زېمىن مېنىڭ ئاتا-بوۋامنىڭ زېمىنى ئىدى» دەپ ئەپسۇسلاندىم» دېدى. مەن ئىچىمدە «ئۇيغۇرنىڭ زېمىنىمۇ شۇنداق گۈزەل ئىدى، سەن خىتايلار كېلىپ، ۋەتىنىم قۇرۇشقا، ۋەيران بولۇشقا باشلىدى، ئەمدى بىزنىڭكىنى قۇرۇتۇپ بولۇپ، قوشنىلارنىڭ ھويلىسىغا كۆزۈڭ چۈشۈپتىدە،» دەپ ئويلىدىم. قازاقلارنىڭمۇ«خىتاي بارغان يەرگە قىيامەتمۇ ئەگىشىپ كېلىدۇ» دېگەن گېپى بار. يىغىشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، خىتاي داۋاملىق تۈردە كېڭەيمىچىلىك ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ، ھىندىستان، ياپونىيە، فىلىپپىن، ۋېيتنام …قايسى دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن زېمىن ماجراسى يوق؟ دېمەك، شۈكرى-قانائىتى يوق مىللەت ھامان يەپ تويمايدۇ. مەن ياپۇنىيەنىڭ سىنكاكۇ ئارىلى (خىتاي دىياۋيۈ ئارىلى دەيدۇ) ئۈچۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ قوغدىغاندا، «ياپونىيە نېمىدىگەن قۇدرەتلىك دۆلەت! ئۆز دۆلىتى، خەلقىنى، ھەتتا ئالىقانچىلىك يېرىنىمۇ جان تىكىپ قوغدايدىكەن، ۋەتەن، زىمىن دېگەن نېمىدىگەن ئۇلۇغ! بىزنىڭ ياپونىيەنىڭ نەچچە ھەسسىسى كەلگۈدەك، ئاستى گۆھەر، ئۈستى شېكەر زىمىنىمىزنى، بايلىقىمىزنى يەپ تويمىغانلارئەمدى بىزنى يەۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىغان. (ئۇيغۇرنىڭ ئىچ ئەزاسىنى سېتىپ پۇل قىلىدىغانلىقنى مەن بۇرۇنلا ئاڭلىغان، ئۇنى تۆۋەندە سۆزلەيمەن) يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيسى ئاز سانلىقلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىدا مەخسۇس «ئاز سانلىق مىللەتلەر لىنىيسى» ئېچىپ ئامانلىق تەكشۈرۈشى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئاپتۇر ماقالىدە، كومۇنىزىمنىڭ ئەسلى ماھىيتى باراۋەرلىكنى تەرغىپ قىلسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئەمەلىيلەشكەندە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيسىنىڭ ئاساسلىق كۈچكە ئايلانغانلىقىنى يازغان، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن خىتايدا ھەممە مۇھىم ھوقۇقلارنىڭ، ھەتتا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلار»دىمۇ رەھبەرلەرنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تۆۋەن دەرىجىدە قارىلىپ، ئۇلارغا گۇمانلىق نەزىرىدە قارايدىغانلىقىنى يازغان. نېمە ئۈچۈن يات مىللەتلەردىن گۇمانلىنىدۇ؟ بۇنىمۇ خىتاينىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيتىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. 6- تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ياتلارغا «ئاپتونومىيە»نى بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبى خىتايدا ئەمىنىيە دەۋرى ۋە يېغىلىق دەۋرىدە نۇرغۇن مۇتەپپەككۈرلەر چىققان، كۇڭزى ئەينى دەۋىردە ھوقۇق ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن قېرىنداشلار بىر- بىرسىنى ئۆلتۈردىغان بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا «رەھىمدىللىك تەلىماتى» نى ئوتتۇرغا قويغان. مەسىلەن، «ئاتا ئانىغا كۆيۈمچان بولۇش»، «ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى باشقىلارغا تاڭما» قاتارلىقلار. بۇ ئىدىيەلەربۈگۈنكى ياپونىيەدەك چەتئەللەرگىمۇ تەسىر قىلغان. ئەمما چىن دەۋرىدە، پادىشاھ چىن شىخۇاڭ خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن ( 7 كىچىك بەگلىكنى بىر دۆلەت قىلغان) مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىدۇ: 1. «كىتابنامىلەرنى كۆيدۈرۈپ، كۇڭزىچىلارنى ئۆلتۈرۈش». بۇ ئەھۋال خۇددى ماۋزىدۇڭ ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا ئوخشايدۇ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىمۇ كومۇنىست قىزىل ھاكىمىيتى ئاستىدىكى خىتاي، ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق ھەممە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرنى كۆيدۈرۈپ، يەكسان قىلغان. ھازىر شى جىنپىڭمۇ مۇشۇ تارىخنى قايتىلاۋاتىدۇ. 2. سەددىچىن سېپىلى قۇرۇش. بۇمۇ ھون قاتارلىق ياۋلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش دېيىلگەن. دېمەك تارىختىلا يات مىللەتلەرنى دۈشمەن كۆرۈشنىڭ يىلتىزى تىكلەنگەن. شۇندىن كېيىنكى ھەر قېتىملىق سۇلالىلەردە ئوخشاش بىر تەكرارلىنىش يۈز بەرگەن، يەنى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھاكىممۇتلەق تۈزۈم، زالىم پادىشاھلار ۋە خەلىقنىڭ ئاھۇ- زارى يىغىلىپ مەلۇم چەككە بارغاندا خەلق بىرلىشىپ زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن زالىم شاھنى ئۆلتۈرۈپ، يېڭى پادىشاھلىقنى تىكلەش ۋە يەنە زالىم پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا ياشاش. بۇ تارىخىي تەكرارلىنىش ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىيمىتىگىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا خىتايلارمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ قولىدا ياشىدى، مەسىلەن موڭغۇل ۋە مانجۇلارگەرچە نوپۇسى خىتايلاردىن ئاز بولسىمۇ، ئۆز كۈچى بىلەن خىتايلارنى نەچچە يۈز يىل باشقۇردى، ئۇندىن باشقا يەنە ياپونىيە ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىدى، شۇڭا خىتايلاردا تەدرىجىي مۇنداق ئىككى خىل ئىدىيە شەكىللەندى دەپ قارايمەن: 1. يات مىللەتلەردىن قورقۇش ۋە ھەر قانداق ئۆز بولمىغان مىللەتلەرنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قاراش؛ 2. چىن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ «بىرلىككە كەلگەن خىتاي دۆلىتى كۈچلۈك بولالايدۇ» دەپ قاراش. شۇڭا ھەر قانداق بىر پادىشاھ ئۆز ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قالىمەن دېسە ،چوقۇم زىمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۈتۈن خىتاينى باشقۇرالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ. ماۋزىدۇڭ «زىمىن بىرلىكىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكى بولسا تىنىچلىقنى ساقلاش ۋە گۈللىنىشكە ئېرىشىش ئۈچۈن» دېگەن. زىمىنىنى يوقاتقان پادىشاھ يەنە ئۆزىنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، «يۈز» نى چوڭ بىلىش خىتاينىڭ يەنە بىر مەدەنىيتى، شۇڭا شى جىنپىڭ چەتئەللەرگە زىيارەتكە بارسا، ئۆزىگە قانچىلىك قىزىل پايانداز سالغانلىقىنى، قانداق ئەمەلدارنىڭ ئالدىغا قارشى ئالغىلى چىققانلىقىنى، قانداق زىياپەت تەييارلىغانلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىنى سىنايدۇ،ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىلىرى شى جىنپىڭنى كۈتىۋىلىشقا ئايرودىرۇمغا بارغاندا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا پۇل بېرىپ داغدۇغا شەكىللەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقىردا دېيىلگىنى زىمىننىڭ بىرلىكى. ئۇنداق بولسا «بىرلىككە كېلىش» دېگەن نېمە؟ ھوقۇق مەزكەزگە مەركەزلەشكەن تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلماي، بېكىنمىچىلىكتە ياشاش ( ئەلۋەتتە بۇ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق قىلماسلىق دېگەن گەپ ئەمەس). ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول قويماسلىق، پەقەت پادىشاھ ۋە خان جەمەتىدىكى مەنپەئەت گورۇھىدىكىلەرنىڭلا توغرا بولۇش، خەلق بولسا قۇل بولۇش. خىتاينىڭ فېيسبۇك، گۇگىل، يۇتۇبلارنى چەكلىشى دەل مۇشۇ سەۋەبدىن، يەنى خەلقنى سىرتقى دۇنيا بىلەن ئىدىيە ۋە ئۇچۇر جەھەتتىن ئايرىۋېتىش. چۈنكى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىمۇ بىر قىزىل پادىشاھلىق دېسەك بولىدۇ. دېمەك بۇنداق بىرلا ھاكىمىيەت ئۆز شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلا خىل ئاۋازدا سۆزلەش، شۇنداقلا ئۇزاق ئەسىر بۇنداق تۈزۈم ئاستىدا ياشاش تەدرىجىي ھالدا بۈگۈنكى خىتايلارنىڭ «بىرلىك» ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن، يەنى «زىمىن بىرلىكى»، «مىللەت بىرلىكى»، «ئىدولوگىيە بىرلىكى». دېمەك خىتايلارنىڭ ئىدىيسى «خىتايدىن ئىبارەت بىرلا مىللەتتىن تەركىب تاپقان، زىمىنى بىرلىككە كەلگەن خىتاي دۆلىتى» قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ چوقۇم ئاسمىلاتسىيە بولۇش كېرەكلىكىنىڭ جاۋابى بولسا كېرەك. بەزى قېرىنداشلار«ئۇيغۇرلار جىم تۇرمايدۇ، شۇڭا خىتايلار بىزگە كۈن بەرمىدى» دەيدۇ. بىر كۈنى ئىچكىردىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىدا تاماق يەۋېتىپ ياندىكى ئىككى خىتاينىڭ پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلار ھۆكۈمەتتىن قاتتىق نارازى ئىكەن، بىرى «خىتايدا دېموكراتىيە يوق» دېدى، شۇ ۋاقىتتا يەنە بىرى «بۇ توغرا، ئەمما بىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىمىزدا ھازىر دېمكوراتىيەنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، خىتايدا نۇرغۇن مىللەتلەر بار تۇرسا، ئۇنداق بولغاندا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدۇم. دېمەك خىتايلار ھازىر دېموكراتىيەنى يولغا قويسا، ئۇيغۇر ، تىبەتتەك خېلى نوپۇسى بارغەربىي رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ دېمكوراتىيەدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ يەردىكى «قالايمىقانچىلىق» دەل شۇنى ئىما قىلىۋاتىدۇ. خىتايلاردىن ئۈمۈد كۈتكەن دوستلارغا ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى ياخشى ئويلىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. خىتايلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا «سىياسىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش» دەيدىغان ئۇقۇمنى كۈچەيتتى، نېمە ئۈچۈن؟ قان ۋە نەسەب سۈرۈشتۈرۈش خىتايلارنىڭ تارىخىدىن قالغان بىر ئادەت. سىماچىيەننىڭ «تارىخنامە»دە يېزىلىشىچە، بىر بەگنىڭ جاۋ فامىلىك جەمەتى بىلەن ئۆچ-ئادەۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن جەمەتى بويىچە قىرىۋەتكەن، ئەمما بىرلا بوۋاق ساق قالغان ۋە چوڭ بولغاندا جەمەتى ئۈچۈن قىساس ئالغان. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەڭگۈ تاشلارغا ئويۇلغان بۇنداق قۇرلار بار: «ئۇلار ياغلىما-ياۋىداق گەپلەرگە ئۇستىكەن، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئالدايدىكەن، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىنلا ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارلايدىكەن، ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاققىمۇ رەھىم قىلمايدىكەن!». دېمەك قەدىمدىكىلەر بۇلارنىڭ خۇي پەيلىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان. شۇڭا خىتايلار ھازىرقى ئۇچۇر سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلە ئەزالار مۇناسىۋىتىنى ئارخىپلاشتۇرغانلىقى ۋە «سىياسىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش»نى بېكىتكەنلىكىنى مۇشۇ سەۋەپتىن دەپ قارايمەن. بۇنداق بولغاندا بىر ئادەمنىڭ تۇغقىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى، تېررورچى ياكى گۇمانلىق ئادەم» بولسا، شۇ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالمايدىغانلىقى، ھەتتا جازالىنىش ئېھتىماللىقى بار. مەسىلەن تىزىملىكتە تۇغقىنى بولسا پاسپورت بەرمەسلىك. يېقىندا ئىلھام توختىنىڭ جىيەنىنىڭ 10 يىل كېسىلگەنلىكى (پەقەت تېلفونىدا ئىلھام توختىنىڭ رەسىمى بولغانلىقى ئۈچۈن) قاتارلىقلار. ئەمما ھازىرقى خىتاينىڭ سىياسىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئۇيغۇر بولغىنىڭىزنىڭ، چەتئەلدە تۇرۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا جىنايەت! شۇڭا خىتاي تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق تەھتىد بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىتىپ، قايتقانلارنى ئايرىدۇرۇمدا ئىز-دېركسىز يۇقىتىۋەتتى. ھەتتا خىتايلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭمۇ ھامان كەمستىلىشكە ئۇچرىشى ئېنىق، بۇنى ئىچكىردىكى خىتاي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بەلكىم ھېس قىلغان بولۇشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاپتۇنومىيە بەرمەسلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، 1959-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك قوزغىلىشتىن ساۋاق ئالغان بولۇشى مۈمكىن. 1951-يىلى تىبەتنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمگە ئوخشايدىغان سېستىما قوللانغان، ئەمما 1959-يىلى يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلىش خىتايغا ئاز سانلىقلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ دەپ كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۆلۈنىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئۇسۇلدىكى باستۇرۇشنى قوللىنىش، تاكى بۇ مىللەتلەر پۈتۈنلەي خىتايلىشىپ بولغۇچە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تۇنۇتقان. 7- خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى «تەيۋەن» ۋە خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە تەجرىبىسى ھەممىگە مەلۇم، خىتاي تەيۋەننى «ئەزەلدىن بىر قىسمىمىز» دەپ قارايدۇ، بۇ يەردىكى زىمىن مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە سىياسىي جەھەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدۇر. ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان «خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى» باشچىلىقىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى» بىلەن تەيۋەندە ھۆكۈمرانلىق قىلغان «گومىنداڭ (ھازىرقى مىنجىنداڭ يەنى خەلق دېمكوراتلار پارتىيىسى)» رەھبەرلىكىدىكى «جۇڭخۇا مىنگو» ئۆزلىرىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ قارايدۇ. تارىختىكى ئىچكى ئۇرۇشتا، كومۇنىستىك پارتىيە ناھايىتى رەزىل ۋاستىلەر بىلەن ھوقۇقنى قولغا ئالغان. مەسىلەن، گومىنداڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا سېلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنى ئوق چىقىرىشقا ئامالسىز قويغان. ئەلۋەتتە، ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ئىككى دۇنياغا ئايلاندى، تەيۋەن دېموكراتىك دۆلەت، كۆپ پارتىيە تۈزۈمى بار، پۇقرالار سايلام، ئاخبارات، نامايىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەركىنلىكلەرگە ئىگە [5]، ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە باندىت، زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ قول ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى دەل مۇشۇ خىل پەرقتىن ناھايىتى قورقىدۇ، شۇڭا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى مۇستەقىل تەيۋەن دۆلىتى بايا سۆزلەپ ئۆتكەندەك كومۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىغا تەھتىد ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا خوڭكوڭغا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ئاپتونومىيەسىنى بەرگەندە «بىر چامىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش»نى ئويلىغان، يەنى 1. خوڭكوڭنىڭ كاپىتالىست بازىرىدىن پايدىلىنىش؛ 2. تەيۋەنگە «خوڭكوڭ ئەندىزىسى»نى بىر ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ، تىنىچ بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئەمما ھەممىگە مەلۇم، زالىم ھامان ئۆز ئەپت-بەشىرسىنى ئاشكارلايدۇ، يالغانچىلىق، چىرىكلىك بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان خىتاي كومۇنىستلىرى خوڭكوڭ تېخى قايتىپ كەلگىنىگە 20 يىل بولمايلا ئۆزى بەرگەن ۋەدىلىرىنى بارا-بارا يىرتىپ تاشلىماقتا، خوڭكوڭلىقلار بۇنى ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتتى ۋە ھازىر «خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى»مۇ پەيدا بولدى. بۇنىمۇ كومپارتىيە ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ۋەقەلەر مىسال بولالايدۇ. 2014-يىلىدىكى خوڭكوڭلىقلارنىڭ رايون رەھبىرى سايلام كاندىداتىدا ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ (Opposition) كاندىداتى بولماسلىق سەۋەبىدىن زور كۆلەملىك نامايىش قىلىنغان [6]. بۇ «كۈنلۈك ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان ۋە شۇ نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان Joshua Wong Chi-fung كېيىن سوتلىنىپ، «جەمىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دەپ ئەيىپلىنىپ قاماققا مەھكۇم بولغان [7]. يەنە خوڭكوڭدىكى «توڭلوۋەن كىتابخانا ۋەقەسى». بۇ كىتابخانا مەخسۇس خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئائىت كىتابلارنى ساتقان. خوڭكوڭ قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، چوڭ قۇرۇقلۇق ساقچىلىرنىڭ خوڭكوڭدا ئەدلىيە ھوقۇقى بولمايدۇ، يەنى خوڭكوڭ ساقچىلىرىلا خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ[8]. ئەمما 2015-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇق ساقچىلىرى بۇ كىتابخانىغا مەسئۇل بەش ئادەمنى خوڭكوڭ ۋە تايلاندتىن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن، ھەتتا ساقچىلار گۈي مىنخۇا (بۇ كىشى شېۋىتسىيە پۇقراسى)نى تايلاندتىن تۇتقۇن قىلىپ چوڭ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ كەتكەن[9] ( 2017-يىلى مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلىشى [10] ۋە قازاقىستان پۇقراسى بولغان بىر قازاق كادىرىنىڭمۇ قازاقىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ قايرۇرۇلىشى ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.) كېيىن بۇ بەش ئادەم خىتاينىڭ CCTV خەۋىرىدە پەيدا بولغان ۋە ئاتالمىش «جىنايەتلىرى»نى تاپشۇرغان. كېيىن بۇلارنىڭ ئىچىدە قويۇپ بېرىلگەن بىرسى خوڭكوڭغا قايتىپ كېلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ قانداق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى، ھەمدە خىتاينىڭ ئۇنى خوڭكوڭدا جاسۇس بولۇشقا كۆندۈرگەنلىكىنى، ئەگەر بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىسا، ھاياتىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋپ يەتكۈزدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئەمما ئۇ ئادەم ناھايىتى قەھرىمانلىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئادالەت، ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرسا، كېيىن خوڭكوڭلىقلارنىڭ ئىنسان بولۇش ھوقۇقىنىڭمۇ دەپسەندە بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا پۈتۈن خوڭكوڭدىكىلەرنىڭ بۇ دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى كۆرۈپ يېتىش ۋە ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ[11]. دېمەك، خىتاي خوڭكوڭنىڭ ئەدلىيە، ئاخبارات، سۆز ئەركىنلىكى، مائارىپ (خىتاي خوڭكوڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسلىكىدىكى 1989-يىلى «تىيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن) …ھەممە ساھەلىرىگە قەدەممۇ قەدەم سىڭىپ كىرىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. يېقىندا ھەتتا تەيۋەنلىك ئىنسان ھوقۇق پائالىيەتچىسى لى مىنجې خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن 5 يىل كېسىلدى ۋە تەيۋەندىكىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى[12] . ئەلۋەتتە، بۇ مىساللار بىر نەتىجىنى بېرىدۇ، يەنى خىتاينىڭ تەيۋەننى تىنىچ يول بىلەن ئېلىشى مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى تەيۋەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قاتتىق نارازى بولغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بىر دېمكوراتىك تۈزۈمدىكى زېمىن دىكتاتورنىڭ قولىغا چۈشسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ؟ خوڭكوڭ دۇنيا تارىخىدا بىر ياخشى ئۈلگىنى يارىتىپ بەردى. شۇڭا شى جىنپىڭ ئۈچۈن پەقەت قورال كۈچى بىلەنلا تەيۋەننى ئېلىش قالدى، ئۇ بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ 8- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كومۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ساختىپەزلىك ۋە زومىگەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان قارا جەمىيەت تۈسىدىكى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ھازىر دۇنيا بىلدى. (1) ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ رايونىنى «ئاپتونوم رايون» دەپ قويۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى قىلىشى. بەزى مۇتەخەسىسلەر ھازىرقى خىتاينى ئالدىنقى ئەسىردىكى ناتسېست گىرمانىيسىگە ئوخشاتقان. 6 يىل بۇرۇن بولغان بىر پاراڭنى دەپ ئۆتەي: بىر قېتىم بىر ئادەم بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم، ئۇ ئادەم مۇنداق دېدى: بىر كۈنى ئىدارىدىكىلىرى بىلەن بىر خىتاي خىزمەتدىشىنى يوقلاپ بېرىپتۇ، ئۇ خىتاي بۆرەك كېسىلى بولۇپ، بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىنى قىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، باشقا خىزمەتداشلارئۇنىڭدىن «سەن نەدىن تاپتىڭ ئالماشتۇرغان بۆرەكنى؟ » دەپتىكەن، ئۇ خىتاي بۇ ئۇيغۇر ئادەمنىڭ ئالدىدىلا مۇنداق دەپتۇ: «ھازىر ئاسان تاپقىلى بولىدىكەن، 7.5 (ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى دېمەكچى)دىكى جىنايەتچى ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئېلىپ ساتىدىكەن.» بۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا يۈرۈكۈمگە بىرسى زىخ تىقىۋەتكەندەك ئېچىشىپ كەتتى، ئەگەر بىز تۇرۋاتقان يەر ئامېرىكىدەك بىر قانۇن بار دۆلەت بولغان بولسا، ئۇ خىتاينىڭ كانىينى سىقىپ، «ھەي! سەن كىمنىڭكىنى ئالدىڭ؟! ئۇ ئۆزى رازى بولۇپ بەردىمۇ ياكى مەجبۇرىي سويۇپ ئېلىۋالدىڭمۇ؟ » دەپ سورايتتم. ئەپسۇس، بىزدە ئۇنداق قىلغۇدەك ھوقۇقمۇ قالمىدى.» ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا كۆزلىرى ياش بىلەن تولدى. بۇنى ئاڭلاپ مەن ھەم قورقتۇم، چۈنكى قانۇن يوق دۆلەتتە ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؛ ھەم يۈرۈكۈم قاتتىق ئاغرىدى، نىمىشقا بۇ ئاچكۆزلەر بىزنىڭ زېمىنىمىزنى، بايلىقمىزنى ئېلىپ تويماي، ئەمدى بىزنى يەيدۇ؟ شۇ ۋاقىتتىلا مەن ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ خىتاي ھاكىمىيتى ئۈچۈن بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ھازىر يېپىق مەركەزلەرگە يىغىۋالغان قېرىنداشلىرىمىز نەگە كېتىپ بارىدۇ؟ تۈرمىدىكىلەرچۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ DNAۋە قان ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ خىتاي نېمە قىلماقچى [13]؟ خىتاي كومۇنستلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسى بارغانسىرى تۆۋەنلىگەن بۇ ۋاقىتتا، بىزنى مىللەت بويىچە يىلتىزىمىزدىن بىراقلا قۇرىتىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان، چۈشۈنىۋاتقانسىز! ئەگەر ئازراق بولسىمۇ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىڭىز بولسا، كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ، خىتايدىن ئەمدى ياخشىلىق كۈتمەي ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ، شۇنىڭغا ئىشىنەيلىكى ھەق ھامان ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىدۇ، زالىم پادىشاھ ھامان ئۆز بېشىنى يەيدۇ! (2) خىتاينىڭ خوڭكوڭ، ماكائۇغا بەرگەن ئاپتونومىيە ۋەدىلىرىمۇ بارا-بارا يوقۇلىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا يۇقىرى سۈرئ‍ەتلىك پويىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن خوڭكوڭغا كىرىشىگە «بىر رايوندا ئىككى تەكشۈرۈش» دەپ ئاپتونومىيەگە مۇخالىپ بىر قانۇن چىقىرىپتۇ، شۇڭا 2018-يىلى يېڭى يىلنىڭ بېشىدىلا خوڭكوڭدا يەنە نامايىش بولدى [14]. (3) خىتاي 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئەزالىق مۇددىتى 15 يىلغا يەتكەندە يەنى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى «بازار ئىگىلىكى» سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى قەيىت قىلغان. ئەمما بۇ جەرياندا خىتاي ماللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغۇرلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش، نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋە ئورگانلارنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئادىل رىقابەتلەشمەسلىك قاتارلىق «سودا ئەخلاقلىرى» بىلەن ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ ئ‍ۆزىنىڭ « بازار ئىگىلىكى» ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. 2017-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىسترلىكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى، خەلقئارالىق بەزى قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە «بازار ئىگىلىكى» دەپ قاراشنى رەت قىلغان [15]. (4) يېقىندا ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا، «شىمالىي كورىيە مەسىلىسى» ھەققىدە بېلەت تاشلاش بولغاندا، دائىم ئامېرىكىنىڭ قارشىسىدا بېلەت تاشلايدىغان خىتاي بىلەن روسىيەمۇ خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە شىمالىي كورىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاشقا ماقۇل بولۇپ، پۈتۈن بېلەتلىك قوشۇلۇش مەيدانغا كەلگەن. ئەمما جەنۇبىي كورىيە يېقىندا تەيۋەننىڭ دۆلەت بايرىقى بار بىر نېفىت كېمىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. خەلقئارادىن شىمالىي كورىيەگە نېفىت چەكلەۋاتسا، تەيۋەندەك بىر دېموكراتىك دۆلەت بۇنىڭغا ئوچۇق -ئاشكارا قارشى چىقارمۇ؟ كېيىن ئېنىقلانغان خەۋەردە خوڭكوڭدىكى بىر سودىگەر (خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بار) تەيۋەنلىك يەنە بىر سودىگەرنىڭ پاراخوتىنى ئىجارە ئېلىپ، بۇ ئارقىلىق شىمالىي كورىيەگە نېفىت ئەتكەس قىلغان، بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ دونالد تىرامپ خىتاينىڭ ئاغزىدا ھە دەپ قويۇپ، ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋېرىدىغان بۇنداق ھەرىكىتىگە قارىتا تىۋېتتىردا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ قىلغىنىدىن ئۈمۈدسىزلەندۇق، ئەگەر بۇ ھەرىكەت داۋاملىشىۋەرسە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى ھەرگىز دوستانە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ» [16]. (5) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاينى يەنە بىر قېتىم 2018‏-يىلى «دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە كۆزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1998‏-يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنى جازالاش ھوقۇقى بەرگەندىن بۇيان خىتاي ئىزچىل بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى. دېمەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىسىتلىرى، خىرىستىيانلار، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرى قاتارلىق دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق كونتىرۇل قىلىنغانلىقىنى دۇنيا دىققەت قىلىپ كۆزۈتىۋاتىدۇ[17]. (6) دۇنيادىكى ھەممە دۆلەتلەر خىتايدىن ئېھتىيات قىلىشقا باشلىدى. 2017-يىلى ئاخىرىدا ئاۋىستىرالىيەدە ئىمزالىغان «جاسوسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى يىغىنىدا خىتاينى « ئىستېراتىگىيلىك رەقىب» دەپ بېكىتىشى (يەنى خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن «تېرورىزىم»دىنمۇ چوڭ تەھدىت دېيىلگەن [18])، قازاقىستاندا ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتايغا قارشى كەيپىيات، تەيۋەننىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارنىڭ كىرىشنى چەكلىشى، گېرمانىيەنىڭ خىتاينى «گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق قىلغان ھەرىكەتلىرى بار» دېيىشى قاتارلىقلار پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدەك بىر كومۇنىست دېكتاتورىنىڭ « خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىزىل ئىدىيسى»نى ئۆز دۆلىتىگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىدىن ئەنسېرگەنلىكى ۋە تەدبىر قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چەتئەللەردىكى كۇڭزى ئىنىىستىتۇتلىرى ئاتاققا «خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيتى»نى تارقىتىش دېسىمۇ، ئەمما بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە تەشكىللىك قارشى چىقىدىغان ئورگان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن [19]. (7) خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئىنسان ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ھەق سۆزلىگەن ئاخباراتچىلار، ئۆكتىچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سوتلاپ، تۈرمىگە تاشلىشى. ئىلھام توختى بۇنىڭدىكى بىر ياخشى مىسال، بۇنىمۇ تەپسىلىي توختىلىمەن. بولۇپمۇ2017-يىلى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇق جىنايىتىنىڭ بىرى لىيۇ شىياۋبونىڭ ئۆلۈمى. بۇ ئادەم «نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى، 2010-يىلى ئۇ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 2017-يىلى جىگەر راكى بىلەن قازا قىلغان. بۇمۇ خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا مەھبۇسلارغا بولغان مۇئامىلىسىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ [20]. بۇ ئادەم خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا تۈرمىگە تاشلانغان، 2017-يىلى بۇ ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى خىتايدىكى ئاخباراتلاردا بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئېلىنمىغان، پۈتۈن ئىنتېرنىتلاردا بۇ ۋەقە قاتتىق كونتىرۇل قىلىنغان. بۇنداق ۋەقە تارىختا كۆرۈلگەن، تارىخ يەنە تەكرارلىنىۋاتىدۇ! بۈگۈنكى خىتاينى نىمىشقا گېتلىرنىڭ ناتسېست گىرمانىيسىگە ئوخشىتىمىز؟ چۈنكى: 1) دۆلەتنىڭ پۈتۈن ھوقۇقى بىر دىكتاتورنىڭ قولىغا جەملەنگەن: تارىختىكى گېتلىر ۋە بۈگۈندىكى شى جىنپىڭ؛ 2) بىرلا پارتىيە ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇش شوئارى توۋلانغان: تارىختىكى ناتسېستلار پارتىيەسى، بۈگۈنكى خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى؛ 3) ئىقتىسادىي قاتتىق تەرەققىي قىلغان، دۇنيادا ئېغىر سانائىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان: تارىختىكى ناتسېست گېرمانىيە، بۈگۈنكى كومۇنىست خىتاي؛ 4) بۈيۈك مىللەتچىلىك ئىدىيسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن: تارىختىكى گېرمانلارنىڭ ئارىيان مىللەتچىلىك ئىدىيسى، بۈگۈنكى خىتايدىكى چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيسى؛ 5) يات مىللەتلەرگە بولغان مىللي زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق: تارىختىكى يەھۇدىلار، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار؛ 6) ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش: گېرمانىيە 1936-يىلى 8-ئاي؛ خىتاي 2008-يىلى 8-ئاي؛ 7) ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇپ پىكىر بەرگۈچىلەرنىڭ ئوخشاش تۈرمىگە سولىنىشى ۋە تۈرمىدىكى ۋاقىتتا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى، شۇنداقلا تۈرمىدە قازا قىلغىنىدا ئاخبارات كونتىرۇللۇقى سەۋەبىدىن مەيلى گېرمانلار ياكى خىتايلارنىڭ بۇ شەخىسلەر ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەسلىكى: گېرمانىيەلىك كارل ۋون ئوسىيتزىكي Carl von Ossietzky بولسا 1935-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، لىيۇۋ شىياۋبو 2010-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (Carl von Ossietzky نىڭ تەپسىلاتى بىلەن بۇ يەردە كۆپ توختالمىدىم ). 9- ئەمدى ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلايلى. ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقى ۋە كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى ماڭا ئالىي مەكتەپتىكى بىر مۇئەللىمىم يەتكۈزگەن. 2014-يىلى 9-ئايدا، بىر كۈنى مۇئەللىم بىلەن پاراڭلاشقاندا، مۇئەللىم تۇيۇقسىز«مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدىكى بىر ئۇيغۇر پىروفىسورنى مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىپتۇ، سەن بىلەمسەن ئۇ ئادەمنى ؟ » دەپ سورىدى. مەن بەك ھەيران قالدىم، چۈنكى مەن ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلىپ بولغانىدىم، ئۇ تۇڭگان مۇئەللىم ماڭا «ئۇ پىروفىسسور چوقۇم ياخشى ئادەم دەپ ئويلايمەن، ئەگەر راست دېگەندەك بۆلگۈنچى بولسا، قانداق قىلىپ نۇرغۇن يىل مۇنبەردە دەرس بېرەلەيدۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىپقىزىل ئالدامچىلىقى» دېگىنى ھازىرغىچە ئېسىمدە. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىلھام توختى ناھايىتى تىنچ يول بىلەن ھەركەت قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى خىتايلارغا يەتكۈزدى. لىيۇ شىياۋبوغا ئوخشاش كومۇنىستىك پارتىيەنى كۆپ پارتىيەلىك بول دېمىدى ياكى بىزگە مۇستەقىللىق بەر دېمىدى، بەلكى خىتاي پايتەختىدە تىنىچلىق بىلەن « كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك! » دېدى. بۇ جەھەتتە ئىلھام توختىنىڭ تەلىپى تىبەتلەرنىڭ ۋەكىلى دالاي لامانىڭ تەلىپىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئادەممۇ «ئوتتۇرا يول» ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قوللىغان، يەنى «تىبەت خىتاينىڭ بىر قىسمى، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز، ئەمما تىبەت ھەقىقىي ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك، تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك.» دېدى. بۇنىڭغا قارىتا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى، دالاي لامادەك بۇنداق بۆلگۈنچىنىڭ تەلىپىنى مەركەز مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ! دېمەك خىتاي دالاي لامانىڭ چەتئەلدىلا ھاياتىنىڭ ئاخېرلىشىشىنى، بۇنداق بولغاندا تىبەتلەرنى بىرلىكتە تۇتۇپ تۇرىدىغان رەھبەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا تىبەت مەسىلىسىنىڭمۇ خەلقئارا سەھنىدە ئاجىزلىشىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق تىبەت مەسىلىسىنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇردەك بىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمىنىگە ئاۋاز بەرگەن ئىلھام توختىنىمۇ خىتاي ناھايىتى قاتتىق «مۇكاپاتلىدى». دېمەك، گەپنى يىغىپ ئېيتقاندا، مەيلى خىتاي كومپارتىيەسى مەنپەئەت گورۇھىدىكىلەرنىڭ بۇ كەڭ زېمىنلاردىن بايلىققا ئېرىشىش ئارزۇسىدىن بولسۇن، ياكى خىتاينىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن بولسۇن، ۋە مەيلى كومپارتىيەنىڭ ھازىرقى سىياسىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش تەققازاسى جەھەتتىن بولسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئاپتونومىيەنى بېرىشى ھەرگىزمۇ مۈمكىن ئەمەس! بۇ بىر ھەقىقەت! ئىلھام توختى يۇقىردا سۆزلىگەنلەرنى بىلمەمدۇ؟ ياق، ئىلھام توختى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ، ئىلھام توختى خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ، كومپارتىيەنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئىلھام توختى يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ھەقنى سۆزلەش، باش ئەگمەسلىك ئارقىلىق ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇنداق ئىككى مۇھىم شارائىتنى يارىتىپ بەردى: 1-، بۇرۇن خىتاي ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلدىكى ھەممە تەشكىلاتلىرىنى تېرورچى تەشكىلات دەيتتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا دۇنيا ئالدىنىپ قالمايدۇ، ئەمما ئىلھام توختىنىڭ سوتلىنىشى، يەنى تىنچلىق بىلەن سۆز ئەركىنلىكىنى ئىشلەتكەن خىتايدىكى بىر پۇقرانىڭ پەقەت ۋە پەقەت مىللىتى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مەڭگۈ قاماققا كىرىشى دۇنياغا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈرىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن كومۇنىزىمنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنى دۇنياغا بەردى. 2-، خىتايدەك دىكتاتور دۆلەتتىن ئۈمۈد كۈتۈشنىڭ بىر خاتا تاللاش ئىكەنلىكىنى ھەم خىتاينىڭمۇ ئاپتونومىيەنى ھەرگىز بەرمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا پەقەت مۇستەقىللىق كۈرىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى يەنىمۇ توغرا ھالدا ئىسپاتلاپ بەردى. پايدىلانغان ماتېرياللار:

1. http://lfpr.lt/wp-content/uploads/2015/09/LFPR-28-Kutkauskaite.pdf

2. https://www.researchgate.net/publication/256011823_The_Concept_of_Autonomy_in_International_Law

3. Milton J. Esman, Ethnic Politics, New York: Cornell University Press, 1994.

4. http://www.international-relations.com/CM2011/Tibet-Xinjiang-2011.pdf

5. https://www.reuters.com/article/us-taiwan-election-timeline/timeline-taiwans-road-to-democracy-idUSTRE7BC0E320111213

6. https://en.wikipedia.org/wiki/Umbrella_Movement

7. https://cn.nytimes.com/china/20170818/hong-kong-joshua-wong-jailed-umbrella-movement/

8. https://www.cecc.gov/resources/legal-provisions/basic-law-of-the-hong-kong-special-administrative-region-of-the-peoples

9. http://edition.cnn.com/2016/06/20/asia/china-hong-kong-bookseller-lam-wing-kee/index.html

10. https://www.rfa.org/english/news/uyghur/egyptian-authorities-forcibly-disappear-16-uyghur-students-from-notorious-prison-09252017124938.html

11. http://time.com/4771771/hong-kong-bookseller-taiwan-china/

12. https://www.theguardian.com/world/2017/nov/28/serious-damage-to-china-taiwan-ties-as-activist-lee-ming-cheh-jailed

13. https://thediplomat.com/2017/12/uyghur-biodata-collection-in-china/

14. http://www.abc.net.au/news/2018-01-02/hong-kong-democracy-protesters-sound-warning-to-china/9297720\

15. https://www.reuters.com/article/us-usa-china-trade-wto/u-s-formally-opposes-china-market-economy-status-at-wto-idUSKBN1DU2VH

16. http://edition.cnn.com/2017/12/28/politics/president-donald-trump-china-north-korea-oil/index.html

17. http://www.uscirf.gov/reports-briefs/annual-report-chapters-and-summaries/china-chapter-2017-annual-report

18. https://www.asio.gov.au/counter-espionage.html

19. http://eng.the-liberty.com/2017/7009/

20. https://www.cbsnews.com/news/liu-xiaobo-china-nobel-peace-prize-laureate-dies-chinese-political-prisoner/

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ۋاڭيى: شىنجاڭدىكى 20 مىليون ئامما ھۆكۈمەتنىڭ قىلغىنىنى قوللايدۇ

دۈ ئۆكتەبىر 1 , 2018
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان- ت) مەسىلىسى توغرىسىدا سورالغاندا،

You May Like