نيچە (Nietzche) ، گىتلېر ۋە بىز

بۇ يازمىدا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ پىدائىيلار تورىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا قارتا يازغان يازمىسى ۋە بۇنىڭدىن باشلانغان تالاش – تارتىشلار مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

ئاپتورى: ھېچكىم

كوررېكتور: كۆكئالىپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-05

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇ يازمىدا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ پىدائىيلار تورىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا قارتا يازغان يازمىسى ۋە بۇنىڭدىن باشلانغان تالاش – تارتىشلار مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.  

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپلاردىن بىرى دەپ قارالغان گېرمان پەيلاسوپى نيچە ( Nietizche) ئۆزىنىڭ  « شۇنداق دېدى زەردۈشىت» دېگەن ئەسىرىدە « تەڭرى ئۆلدى ، بىز ئونى ئۆلتۈردۇق » دېگەن، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى دىنسىزلىق بىلەن ئەيىبلىگەن، ئەمما ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى «خىرستيان پوپلار  خرىستىيان دىنى تونى ئاستىدا خەلقنى نادانلاشتۇرۇپ ئۇلارنى قاقتى – سوقتى قىلماقتا، تەڭرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆزلىرى خالىغانچە دىنىي قانۇن چىقىرىپ جەمئىيەتنى زۇلمەتكە سۈرۈكلىمەكتە….» دېمەكچى ئىدى. دېسىمۇ ئاقارتىش ھەرىكىتىدىن بۇرۇنقى  ياۋروپادا ئىلىم – پەن ، ئىقتساد، قائىدە – يۇسۇن ۋە ھاكىمىيەت چېركاۋ ۋە پادىشاھ ياكى ئارىستوكراتلار تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا خەلقنى قاقتى – سوقتى قىلشتا «جەننەتنىڭ بېلىتىنى سېتىش » دەرىجىسىگە بارغان ئىدى. يەنى ھەر بىر خىرستيان مۇرىتى پاپاغا پۇل بېرىپ جەننەتتىن ئورۇن سېتىۋېلىشى كېرەك ئىدى. پاپالار بۇ پۇلغا جەننەتتىن بىر كىشىلىك ئورۇن زاكاس قىلىپ قويالايتى…. بۈيۈك پەيلاسوپ مانا بۇ سەۋەبتىن « بىز تەڭرىنى ئۆلتۈردۇق» دېگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت نيچە يەنە بىر پەلسەپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئو بولسىمۇ  «ئۈستۈن ئىنسان » پەلسەپىسى ئىدى. بۇنى دېيىش ئارقىلىق نيچە، ئىنسانلارنىڭ كۈچلۈك ۋە تىرىشچان بولىشى كېرەكلىكىنى، توختىماي ئۆزىدە بار بولغان يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقىپ، نورمال ئىنسان ئىدىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بۈيۈك ئىنسان دەرىجىسىگە يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا ئۇ «ئاجىزلار ئىچ ئاغرىتىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۈستۈن ئىنسان بولۇش ئىدداسىدىن ۋاز كەچكەن » دېگەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق  « بىز ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يۈرگىچە ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىزنى باشقا نەرسىگە يەنى ئۈستۈن ئىنسان بولۇشقا قارىتىشىمز كېرەك، چۈنكى ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتىش ئاجىزلارنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپلا قويماي، كۈچلۈكلەرنى ئاجىزلار بىلەنلا ھەپىلىشىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلمايدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلمىسا بەختىمۇ بولمايدۇ » دېمەكچى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى گىتلېر ۋە ناتسىستلار تەرىپىدىن «ساپ ئىرىق نەزەرىيىسى » نىڭ ئىسپاتى دەپ قوبۇل قىلىندى. ناتسىستلار نيچە ئېيتقان «ئۈستۈن ئىنسان» نى گېرمانلار ، «ئاجىزلار»نى بولسا يەھۇدىي ۋە باشقا پەس ئىرقلار دەپ چۈشەندى. گىتلېر، نيچە ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە باردى، نيچەنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭغا ئاكىسىنىڭ ھاسىسىنى تەقدىم قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ «ئۈستۈن ئىنسان» نەزەرىيىسىنى ناتسىسچە ئۇقۇم بىلەن شەرھلىدى. گىتلېر بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزىنى «ئۈستۈن ئىنسان» نىشانىنىڭ ھامىيسى دەپ ئاتىدى. ئۇقۇمنى ئۆز كاللىسى بىلەن ئىزاھلىۋېلىش نيچەنى فاشىزمنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنى تىكلۈگىچىلەردىن بىرى دەپ كۆرسەتتى ( تەبئىي، بۇ قاراشنىڭ خاتالىقى كىيىن ئىسپاتلاندى). ھالبۇكى نيچە تەڭرىنىمۇ رەت قىلمغان، فاشىزىمنىمۇ قوللىمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كاللىسى ئاددى، پەلسەپىنى ۋە نيچەنىڭ شەخسىيىتىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىچىلا چىقىرىۋالغان يەكۈنىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

ئوخشاش ئىش ھازىرقى جەمىيتىمىزدىمۇ يۈز بەرمەكتە. مەلۇم شەخسىنىڭ دېگەن گېپىنى باشقا شەخسلەر ئۆزىنىڭ ھىسياتىغا تايىنىپ ئىزاھلاپ قالايمىقانچىلىق چىقارماقتا. شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇرىستان ۋە ئۇيغۇر – تۈرك جېدىلى مانا بۇلاردىن بىرى. بۇلارنى ھازىر تالىشىش ۋاقتى بولمىسىمۇ تارتىشىپ قويغان ئارتۇقچە ئەمەس دەپ قارايمەن. پروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈرك دېيىشى ۋە ۋەتەننىڭ ئىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىشى ۋە ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ بۇنىڭغا قارشى يازما يېزىشى بىلەن بۇ تالاش – تارتىش باشلىنىپ قالدى.

ئالدى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدا ئۆگەنگەن لوگىكا دەرسىگە تايىنىپ تۇرۇپ مەسىلىنى تەھىلىل قىلايلى. A. ئۇيغۇرلار تۈرك ، B. ئۇيغۇرلار تارىختا تۈرك دەپ ئاتالغان ، C. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دېگەن قاراش، ئۇيغۇرلۇقنى رەت قىلغانلىق. بۇ يەردىكىA ۋە Bخىل قاراش  C خىل قاراش ئۈچۈن  يېتەرلىك شەرتمۇ، زۆرۈر شەرتمۇ ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى تۈرك دېگەنلىك ئۇيغۇرلۇقنى ئىنكار قىلغانلىق دېگەن لوگىكا قۇرۇلمايدۇ. يەنە مەسلەن، ئامېرىكىغا ئايرۇپىلان بىلەن بارغىلى بولىدۇ دېگەن قاراش، ئامېرىكىغا پاراخۇت بىلەن بارغىلى بولىدۇ دېگەن قاراشنى رەت قىلىغانلىق بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى تارىخ ئىنكار قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت، شۇڭا مەھمۇد قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانى دەپ ئەسەر يازدى، ئەلىشىر ناۋايى تۈرك تىلى بىلەن پارس تىلىنى سېلشتۇرۇپ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىننى يازدى، ئاتا – ئانىلىرىمىز ئۆزىنى «بىز قارا تۈرك خەق» دەيتتى، ئاراتۈرك دېگەندەك جاي ناملىرىمىز بار ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان ئىدى.

ھاياجان بىلەن گەپ قىلىش پائالىيەتچى ۋە ئاددىي ئاۋامغا ياراشقان بىلەن ئاكادېمىك ئىنسانغا ياراشمايدۇ، ھەرقانداق پرافېسسوردىن سورىساق ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدۇ، شۇڭا پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى تارىخ نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر ئۇنداق دېمەي ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس دېگەن بولسا ئىدى ئاكادېمىيىلىك ۋە زىيالىلىق ئەخلاقى ۋە بىلىمىنى يوق قىلغان بولاتتى. بۇ مەسىلىنى ئۆزىچە «قارلۇق ئەپەندى ئۇيغۇرلۇقنى ئىنكار قىلدى» دېگەن نۇقتىغا ئاپارغانلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە كاللىسىنىڭ ئاددىيلىقىغا ھەيران قالماي تۇرغىلى بولمايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ نېمە ئويلىشى ھىچ مۇھىم ئەمەس، لېكىن ئەڭ يامان بولغىنى بۇ بىراۋغا قىلىنغان ھاقارەت، يەنى پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇققا قىلىنغان ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. نەق مەيدان پروگراممىسىدا قارلۇق ئەپەندى ئوچۇق قىلىپ «ھېچكىم مەن بىلەن ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە بەسلىشەلمەيدۇ » دېدى، يەنى مەن ھەركىمدىن بەكرەك ئۇيغۇرنى سۆيىمەن ۋە مەن ئۇيغۇر دېمەكچى. بىراۋ ئۆز ئاغزى بىلەن يۇقارقى گەپنى قىلىۋاتسا يەنە ئۇيغۇر ئەمەس تۈركلۈك تەشۋىقاتى قىلدى دېيىش قايسى مەنتىقىگە ئۇيغۇن؟

يەنە بىرى، تۈرك دېگەن ئۇقۇم پەقەت ئانادولۇدىكى تۈركلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېگەن قاراشنىڭ ئاساسىي قەيەردە؟ قايسى ماتېرىيالدا يېزىپتۇ. نۇرسۇلتان نەزەربايىفمۇ بىز تۈرك دېدى، شۆھرەت مىرازايىفمۇ بىز تۈرك دېدىغۇ؟! بۇلار بۇنىڭلىق بىلەن قازاقلىق ۋە ئۆزبىكلىكنى تەرك قىلغان بولدىمۇ ؟ ئەمدى بىر زىيالى توغرىنى ئەمەس، ئاددىي ئاۋام قوبۇل قىلىۋالغان تېيىز ۋە ھاياجان گەپلەرنى قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنداق گەپ قىلىدىغان زىيالى زىيالى بولماي ئارتىس ياكى يايمىكەش بولۇپ قالىدۇ.

يەنە بىر قاراشتىكىلەرنىڭ دېيىشىچە غەربنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈرك ياكى مۇسۇلمان دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەي ئۇيغۇر دېگەن ئاتالغۇلارنىلا ئىشلىتىشىمىز كېرەك ئىكەن. ئۇيغۇرلۇق بېشىمىزنىڭ تاجى، پروفېسسور قارلۇق ئۈچۈنمۇ شۇنداق. لېكىن ئو نىمدىگەن بىچارە، نادانلارچە ۋە كوممۇنىزمچە قاراش! غەربنىڭ دىمۇكراتىيە ۋە  ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكقۇ بۇ. غەربتە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى دەيدىغان بىر نەرسە بار، بۇ ھەرقانداق مەدەنىيەت ۋە ئىرقنى قوبۇل قىلالايمىز ۋە قۇچاقلىيالايمىز دېگەندىن ئىبارەت. فرانسىيىدە ۋە ئامېرىكىدا نۇرغۇن مۇسۇلمان بار، ئۇلارنى بىرى پەس كۆردىمۇ، چەتكە قاقتىمۇ ؟ ئىككىنچى سىنىپ مۇئامىلىسى قىلدىمۇ ؟ ئۇلار ھەرقانداق مۇسۇلمان دۆلىتىدىن بەكرەك ئەركىن ۋە بەختىيار ياشاۋاتىدىغۇ! بىزنىڭ تۈرك ياكى مۇسۇلمان ئىسمىنى قوللىنىشىمىز قانداقسىگە ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويىدۇ. زاتەن خەۋەرلەرگە Uyghurs, Turkic Muslims دەپ يېزىۋاتىدىغۇ. ئۇلار ئوچۇق ئۇنداق دەپ يېزىۋاتسا بىزنىڭ بۇ كىملىكلىرىمىزدىن  خۇدۈكسىرىشىمىز خىتاينىڭ «قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ داڭ ئوغۇرلاش» دېگەن ئىدىيومىغا ئوخشاپ قالماسمۇ! بۇ يەردە دېيىلگەن گەپ بىز ئۇيغۇر، لېكىن تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىمىزدىن تانمايمىز ۋە تانالمايمىز دېگەندىن ئىبارەت.

يەنە بىر خىل قاراش، تۈرك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكى بىزنى غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قويىدىكەن. بۇنىڭغا «ئاھ..بىزنىڭ سىياسىي ئېڭىمىز» دېگەندىن باشقا گەپ تاپقىلى بولمايدۇ. غەرب بولسۇن ياكى شەرق بولسۇن ھېچكىم بىراۋنىڭ قاش كۆزىگە ئاشىق بولۇپ ياردەم قىلمايدۇ، بەلكى مەنپەت بولسا ياردەم قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنى قۇرۇتۇشنى پىلانلاۋاتقان خىتاي تالىبانغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. تېررورىزمغا قارشىمەن دەپ موقام توۋلاۋاتقان خىتاي ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېرورچىلارغا  ئەڭ كۆپ قورال ساتتى، ئامېرىكا كوسوۋو ئۇرۇشىدا خرىستىيان سىربلارغا ئەمەس، مۇسۇلمان ئالبانلارغا ياردەم قىلدى، ئىسلامنىڭ داھىيسى مەن دەۋالغان ئىران خىتاينىڭ ناتسىست لاگېر سىستېمىسىنى قوللىدى. قېنى ئىدولوگىيە؟ قېنى دىنداشلىق ۋە قېرىنداشلىق. بىزگىمۇ ئوخشاش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىزنى بەك زۇلۇم كۆرۈپ كەتتى دەپ ئەمەس، خىتاينىڭ تەھدىدىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ياردەم قىلماقچى. بۇ يەردە بىزنىڭ ئۇيغۇر بولىشىمىز، تۈرك بولىشىمىز ياكى مۇسۇلمان بولىشىمىز ئۇلارغا بەرىبىر. بۇ رىئالىزملىق سىياسەت قارشى بولۇپ 500 يىل بۇرۇن ماكئاۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. دېمەك بىزنىڭ خېلى خېلى ماركىلىق شەخسىلىرىمىزنىڭ سىياسىي كاللىسى ھازىرغىچە ئوتتۇرا ئەسىر ئىدولوگىيىسىدە دېگەن گەپ.

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى. بۇ ئايرىم بىر ماقالە ھەتتا بىر قانچە كىتاب بولىدىغان بىر تېما، يۇقارقىلارمۇ شۇنداق. شۇنداق بولسىمۇ مۇھىم نۇقتىغا قىسقىلا تېگىپ ئۆتۈپ كېتەيلى. پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق پەقەت شەرقىي تۈركىستان بۇرۇندىن تارتىپ تارىخى ئاساسىي بولغان، سىياسىي ۋە جۇغراپىيلىك نام ۋە بۇ نام شۇ جۇغراپىيەدە بىز بىلەن بىللە ياشىغان باشقا مىللەتلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالالايدىغان، يەنى شۇ يەرنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق نام دېمەكچى. بىر مىللەت دۆلىتىنى تىرىلدۈرمەكچى ياكى قايتىدىن قۇرماقچى بولسا ئەڭ ئاددىي مونۇ نەرسىلەرگە قارايدۇ، بۇلار: شۇ مىللەت قۇرغان دۆلەتنىڭ ئىسمى، تېررىتورىيىسى ۋە مەدەنىيىتى. بولۇپمۇ باشتىكى ئىككسى ئەڭ مۇھىم بولۇپ، بۇلارنىڭ تارىخى پاكىتى بولىشى كېرەك.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ئاساسلىرى : 1850-يىللاردىن كىيىنكى رۇس ۋە ئىنگىلىز ماتېرىياللىرىدا ۋەتىنىمىز «چىينى تۈركىستان » دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ دېگەنلىك چىن ئشغالىيىتى ئاستىدىكى تۈركىستان دېگەنلىكتۇر ۋە بۇ ئىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان زىمىن بىزنىڭ ۋەتەندىنمۇ چوڭراق بولغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان بولۇپ چەت تىللاردىكى ماتېرىياللاردا موشۇ شەكىلدە خاتىرلەنگەن. بىز مانا مۇشۇلارغا تايىنىپ تۇرۇپ 1 مىليون 800 مىڭ كۋادرات مېتىر زېمىننىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ئۇيغۇرىستاننىڭچۇ ؟ سىياسىي ۋە جۇغراپىيلىك ئېنىقلىمىسى قەيەردە؟ تارىخىي پاكىتىچۇ؟ بىز قايتىدىن ئېنقلىما بەرگەندە شىمالدىكى قازاقلار ۋە موڭغۇللارنى قانداق بۇ نامغا ئەكىرىمىز؟

يەنە بىر مەسىلە، خىتاي كومىنستلىرى، يەنى خىتايلار قانداق قىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنغا ۋارىسلىق قىلالىدى ۋە بۇنى خەلقئاراغا ھەقلىق كۆرسىتەلىدى؟ سەۋەبى دەل ئۇلار ئىسىمنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولغىنىنى تاللىدى.

1800يىللاردا ياۋروپالىقلار چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە ئۇلارنى Chinese  دەپ يېزىشنى سورىغاندا مانجۇ خانى بۇنىڭغا مانجۇرىيە دەپ يازىسەن دېمەي ماقۇل دېگەن. 1912- يىلى خىتايلار چىڭ خاندانلىقىنى يوقاتقاندا يەنە ئىنگىلىزچە China دېگەن ئىسمىنى قوللانغان. دۆلەت نامىنىمۇ مەيلى سۈن جۇڭشەن مەيلى جاڭ جيېشى ۋە ياكى ماۋ خىتاي بولسۇن 汉国 دېمەي 中华民国 ياكى 中华人民共和国 دېگەننى قوللانغان. ئىنگىلىزچە People’s Republic of Han دېمەي Pleases Republic of China دېگەن. ئەشەددىي ئۇچىغا چىققان رادىكال مىللەتچى خىتاي نېمىشقا نامىدا قۇرمىدى دۆلىتىنى؟ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە ئېرىشەلەيدىغان زېمىنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ زىمىنىدىن ئىبارەت بولىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان، مۇڭغۇل ۋە تىبەتلەر بېسىۋېلىنغان زىمىن دەپ قارىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچى دەپ ئەيىپلىندۇ ۋە ياكى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كېتىشى  كېرەك بولىدۇ. خىتاي ئەنە شۇ Chinese دېگەن ئىسىم بىلەن چىڭ سۇلالىسى مېنىڭ دادام دەپ تۇرۇپ بىزنىڭ ۋەتەننى مېنىڭ ئىدى دەۋاتىدۇ. بىزمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ بېسىۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلدۇرالماي قاتراپ يۈرۈۋاتىمىز. مانا بۇ ئىسىمنىڭ سىياسىي كۈچى. شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنىڭ كۈچىمۇ مانا بۇيەردە ۋە قارلۇق ئەپەندىمۇ بۇنى دېمەكچى .

ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاتسى دەپ ئاتالغان يەمەنلىك تارىخچى  ئىبن خالدۇن  «مۇقەددىمە» ناملىق كىتابىدا خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىنى  تەرەپبازلىق ۋە تەخسىكەشلىك دەپ شەرھلەيدۇ. مۇنداق قارىساق جەمئىيىتىمىزدە تەرەپبازلىق تولىمۇ ئېغىردەك ۋە دەل مۇشۇ سەۋەپتىن پىكىر قىلغان كىشىنىڭ گېپىنىڭ توغرا خاتالىقىغا قاراپ ئەمەس ئۇ كىشى بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتى ۋە «خوجايىنى » بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىدىغانلار نۇرغۇن. ھەقىقەتنى بىلىشنى خالىغان ئادەم تەرەپبازلىقنى تاشلىشى، ئىنسانغا ئەمەس پىكىرگە مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشى لازىم.  

خاتالىق يۈز بېرىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۆزى بىلمىگەن ساھەگە كىرىۋېلىش بولۇپ، بۇ بىزدە تولىمۇ ئېغىر. رومان ئوقۇپ تارىخ يازىدىغان، خەۋەر ئوقۇپ سىياسەت سۆزلەيدىغان قىلمىشلار تولىمۇ ئېغىر. بۇ بەلكىم ھەممە جەمئىيەتتە بار مەسىلە بولىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ تولىمۇ خاتا ۋە ئەخلاقسىز قىلمىش. تۈركچىدە ئوقۇپ چۈشەنمەي يازغان، ئودۇر دۇنيانى بۇزغان  Okuyup Bilmeyip Yazan, Odur Dünyay Bozan دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. ئۆمرىدە سىياسەت توغرۇلۇق بىر پارچە كىتاپ ئوقۇپ باقمىغان ياكى بىر سائەت دەرس ئېلىپ باقمىغان بىراۋنىڭ سىياسەتكە ئارلىشىشىدىنمۇ چاكىنىلىق ۋە ئېچىنىشلىق ھال بولمىسا كېرەك. بۇلار خۇددى ئىسپانىيەنىڭ كوچسىغا قويۇۋەتكەن بۇقىغا ئوخشاش كوچىنى قالايمىقان قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بىلىمەن، بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان بەزى ئۆزىگە ئۆزى سىياسەت ياكى  تارىخ دىپلومسى بەرگەن ھاياجانلار ئاچچىقتىن قىزىرىپ كېتىۋاتىدۇ ياكى لۇشۈننىڭ AQ سىدەك بىر باھانە ئويدۇرۇپ ئۆزىنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىماقتا، لېكىن ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ، سىياسەتكە ئارلىشىش ئۈچۈن بۇ ساھەدە بەش ئون يىل تەر ئاققۇزۇش كېرەك

نيچەنىڭ پەلسەپىسىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى ئۆزىنىڭ ئاددىي كاللىسىدا ئىزاھلاپ دىنسىز ۋە فاشىستقا چىقارغانغا ئوخشاش، يېتەرلىك بىلىمى كەمچىل بولغان كىشىلەرمۇ پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقنىڭ ئۇيغۇرلار تۈرك دېگەن گېپىنى ئۇيغۇرلۇقتىن تانغانلىققا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان كۆزقارىشىنى پانتۈركىست ۋە تۇرانىزمچىلىق ئىدىيىسى بىلەن ئىزاھلىشى تولىمۇ خاتا. شەرقىي تۈركىستان ئىدىيىسى تۇرانچىلىق ۋە ئۈممەتچىلىك ئىدىيىسى ئەمەس، ئۇ پەقەت بىرمىليون 800 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق زېمىننىڭ سىياسىي ئىسمى ۋە شۇ دائىرەنىڭ  ئىچىدە، ھەرگىز سىرتىدا ئەمەس. تۈركلۈك ئىدىيسىمۇ بىر تارىخ ۋە ھەقىقەت، شۇنداقلا  بۇ تارىخنى سۆزلەش ئۇيغۇرلۇقنى رەت قىلغانلىق بولمايدۇ.

يەنە قايىل بولمىغانلار سوسيال مىدىيادا قالايمىقان يازما يازىمەن دەپ ئاۋارە بولماي قارلۇق ئەپەندىنى ئوچۇق مۇنازىرىگە تەكلىپ قىلساڭلار بولىدۇ دەپ قارايمەن.

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئورىگون شتاتى ھەپتىلىك ئۇيغۇر پائالىيىتىدە، شەھەر باشلىقى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۈ ماي 6 , 2019
پورتلاند شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر ھەپتە تونۇشتۇرۇلغان.

You May Like