مۇھىم خەۋەر: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ختاي «شنجاڭنى تەلتۆكۈس يېڭى ماركىدا تەشۋىق قىلماقتا.»

ئەركىن ئۇيغۇر، 8-يانۋار، 2024-يىلى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن سى ب ئەس خەۋەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە ختاي كومپارتىيسنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا يېڭىدىن باشلىغان «شنجاڭنى يېڭى ماركىدا تونۇشتۇرۇش» ھەرىكىتى ھەققىدە قسقا ھۈججەتلىك فىلىم ئ‍شلىگەن.

مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىمدە، ختاينىڭ پۈتۈن دۇنيادا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سياسىتى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە قارىماي، «شنجاڭ» ئۈچۈن يېپ-يېڭى بىر ئوبراز ياراتماقچى بولۇۋاتقان ئ‍ۇرۇنۇشى ۋە ھەرىكەتلىرى» ئاساسى تېما قىلىنغان. ختاينىڭ رايوندىكى غايەت زور كۆلەملىك ئېقتسادى قۇرۇلۇش تۈرلىرى، چەتئەللەر بىلەن بولغان ساياھەت ئالاقىسى تونۇشتۇرۇلغان.ختاي ياراتماقچى بولغان يېڭى ئوبراز بولسا-ئېقتسادى ئ‍ۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان شنجاڭ، كۆپ مىللەتلىك شنجاڭ، دۇنياغا ئېچىۋىتىلگەن شنجاڭ دىگەندىن ئ‍ىبارەت بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ، ئۇيغۇر نامىنى ئ‍ۇنتۇلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى ھەر قانداق چۈشەنچە-ئۇقۇمنى يوققا چېقىرىشتىن ئىبارەت.

ختاينىڭ توختىماي ئىلىپ بىرىۋاتقان پىروپاگاندالىرى ۋە خەلقئارادا يۈز بىرىۋاتقان ئۇرۇشلار -دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئ‍ۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئىلىپ بارماقتا، ئۆتكەن 3 يىلدا، ختاينى ئەيىپلەيدىغان سادالار ئەسلىدىكى 51 دۆلەتتىن كۆپەيمىگەن، خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر 2021-يىلقىدىن كۆرىنەرلىك ئازلىغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي تاكېتكىسى:قەشقەر «2024-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ تارماق مەيدانى بولدى

سە يانۋار 9 , 2024
خىتاينىڭ ھەر يىلى چاغانلىق سەنئەت نۇمۇرلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان نەق مەيدان پىروگرامما بولۇپ، ختاي بۇ پىروگرامما ئارقىلىق پىروپاگاندا ئىلىپ بارىدۇ، ختاي تۇنجى قېتىم قەشقەرنى بۇ پىروگراممانىڭ 4 مۇھىم مەركىزى مەيدانى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىدۇ ۋە نۇمۇر تارقىتدۇ.ختاينىڭ مەقسدى ئاشكارا: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ۋە دۇنياغا ئۇيغۇرلار خوشال دەپ تەشۋىق […]
اغان

You May Like