مۇئاۋىن باش مىنىستىر تارو ئاسو: خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تەيۋەننى قوغدىشى كېرەك.

ياپونيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ياپونىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تارو ئاسو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تەيۋەندە چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ياپونىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ.

ئافراسىياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2021- يىلى، 6- ئىيۇل

ياپونيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ياپونىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تارو ئاسو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تەيۋەندە چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ياپونىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ. خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىشپ، تەيۋەننى قوغدىشى كېرەك.» يېقىندىن بېرى، شى جىنپىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قەسەم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاراتقۇلىرى تەيۋەننى قانداق بويسۇندۇرۇش ھەققىدە تۈرلۈك تەشۋىقات تارقاتقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بىر شەپىسى دەپ قارالماقتا. بۇ ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەيۋەننى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي قارارى ئەمەس، ئەمما بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ياپونيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىشپ تەيۋەننى قوغداشنى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى نامىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تۇنجى دۆلەت. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر تېخى خىتاينى ب د ت دا تەنقىد قىلىشتىنمۇ ئەيمىنىپ يۈرمەكتە.

Uyghur Reporter

Next Post

كومپارتىيەنىڭ 100 يېللىقىدا،جاللات شى جىنپىڭ دۇنياغا تەھدىت سالىدىغان نۇتۇق سۆزلىدى.

يە ئىيۇل 18 , 2021
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىلەر شايكىسى - خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، مەزكۇر قارا جەمئىيەتنڭ نۆۋەتتىكى كاتتىۋىشى - جاللات شى جىنپىڭ كومپارتىيەنى مەدھىيلەپ، خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك روھىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دۇنياغا ھەيۋە كۆرستىش ئۈچۈن بىر مەيدان كۆرەك ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ نۇتقىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭ قارا نىيتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

You May Like