مىللەت نۆۋىتىنىڭ تەسىرى قەيەردىن كەلگەن؟

مىللەت نۆۋىتىنىڭ تەسىرى قەيەردىن كەلگەن؟

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 21- فېۋرال
(مەزكۇر ماقالىدىكى كۆز قاراش ئاپتورغا تەئەللۇق.)

 

تۈركىيەدە باشلانغان ئائىلە نۆۋىتى قىسقىغىنە بىر ئايدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە مىللەت نۆۋىتىگە ئايلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايتىدىن  كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

 

5000 دىن ئارتۇق لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ماتېرىيالى تەييار قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا خىتاينىڭ ئالدىغا تاشلاندى. ئى پارتىيە يىغىنىدا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە بۇنچە ئىلگىرىلەشلەر بولدى؟

 

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى  بۇ پائالىيەتنى باشلىغان ياشلارنىڭ ئىزچىللىقى، جانلىقلىقى ۋە ئۆزىگە خاس داۋا ئۇسلۇبى ياراتقانلىقىدۇر.

 

قوللىرىغا يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، ئەڭ ئەقەللىي ۋە ھەقلىق رەۋىشتە «ئائىلەم قەيەردە؟» دەپ خىتاب قىلىپ، ئىستانبۇلنىڭ كوچا-كوچىللىرىدا ئائىلىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئاڭلىتىش بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ۋە خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا تېخىمۇ ئوچۇق بىر شەكىلدە پاش قىلغان بۇ گۇرۇپپا ھەر قايسى پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

 

يىلدا بىر، ئىككى قېتىم ئۇلۇغ شۇئارلارنى توۋلاپ قويۇپ، باشقا چاغدا نورمال خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقان تەشكىلى قۇرۇلمىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ گۇرۇپپا، ئۆز ئىچىدىمۇ بىر قىسىم قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلغان ئاساستا  پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر كىيگەن كىيىملىرىنىڭ رەتلىك بولۇشى، نۇتۇق ۋە خىتاپلىرىنىڭ جانلىق، تەسىرلىك ۋە ئىسپاتلىق بولۇشى، پائالىيەتنى ئۇلۇغ سىياسى شۇئار ۋە بايراق ئاستىدا ئەمەس، ناھايىتى ئاددىي، ئىلمىي مەنتىقە بىلەن ئېلىپ بېرىش، ئىزچىللىقنى ساقلاش، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك، پائالىيەت جەريانىدا شەخسىي قىيىنچىلىق ۋە مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ئوخشاش پائالىيەت ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈردىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش، تەھدىت ۋە قورقۇتۇشلار سەۋەبلىك بەل قۇيۋەتمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىللىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللەت نۆۋىتىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.

 

كۆك بايراقتىن بىئارام بولمىغان خىتاي ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەسۇم سۈرىتىدىن بىئارام بولدى. «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «زالىم خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك دەبدەبىلىك شۇئارلارغا قۇلاق سالمىغان، دىققىتىنى بەرمىگەن خىتاي كونسۇلى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتكە «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن ناھايىتى ئاددىي ۋە چىن يۈرەكتىن چىققان سوئال ئېغىر تۇيۇلدى. مۇستەقىللىق چۇقانلىرى بىلەن كارى بولمىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئائىلەم قەيەردە؟» نىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. شۇنداق قىلىپ خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مۇستەقىللىق شۇئارلىرى ئاستىدا، ئاڭلىغان كىشىگە بۆلگۈنچى، تېرورچى تەسىراتىنى بېرىدىغان، ھەقلىق تۇرۇپ، ھەقسىز كۆرۈنىدىغان شەكىلدىكى ئۇسۇلدا ئەمەس، ئاڭلىغانلا ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان، ئەيىبىنى بىزدە ئەمەس خىتايغا قويالايدىغان توغرا ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاڭلىتىلدى.

 

ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەت ۋە سورىلىۋاتقان سوئال توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەر قەدەمدە، ھەر تەرەپتىن باستۇرلۇشقا ئۇچرىدى. تاكسىم مەيدانىدىكى مايكىلارنى تەتۈر كىيدۈرلۈپ ھەيدىلىش، ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمەسلىك، يوللاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ سەۋەپسىز چەكلىنىشى، خىتاي كونسۇلى ئالدىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ توختىتىۋىتىلىشى،  ئەنقەرەدە پائالىيەتچىلەرگە ئېلىپ بېرىلغان قوپاللىقلار، قاتتىق مۇئامىلىلەر ۋە ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، سىرتقا چىقىرىلماسلىق … قاتارلىق ئىشلارغا قارايدىغان بولساقلا، بۇ پائالىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ۋە خىتاينى قانچىلىك بىئارام قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن بىئارام بولغان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەرقانداق ئىشنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە قاراپ باھا بېرىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىگە دىققەت قىلمايدىغان، دىققەت قىلسىمۇ ئۆزى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان بىر قىسىملار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىللىرىدا خىلمۇ-خىل پىكىرلەرنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك يەنىلا بۇ پائالىيەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە ۋە پائالىيەت قوشۇنى كېڭەيمەكتە. مانا بۇ نەتىجە، مانا بۇ ئائىلە نۆۋىتىنىڭ مىللەت نۆۋىتىگە ئايلىنىشىنىڭ سەۋەبى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

فرانسىيە بېيجىڭنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى

پە فېۋرال 25 , 2021
فرانسىيە بېيجىڭنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى

You May Like