مۇبارەك مەسچىتى ئەقسانىڭ ئىمامى شەيخ ئىكرىما سەئىد سەبرى ماراكەش ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلدى

مۇبارەك مەسچىتى ئەقسانىڭ ئىمامى شەيخ ئىكرىما سەئىد سەبرى ماراكەش ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 23-دېكابىر

مۇبارەك مەسچىتى ئەقسانىڭ ئىمامى، ئىسلام دۇنياسىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە شەيخ ئىكرىما سەئىد سەبرى بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا بايانات بېرىپ ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىر ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

ئۇ تۋىتتېرىدا مۇنداق دەپ يازغان:« ئەگەر بىر مۇشرىك مۇسۇلماندىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا ئۇ مۇسۇلماننىڭ بۇ مۇشرىكنى ھىمايە ئاستىغا ئېلىشى ۋە ئۇنى بىخەتەر جايغا يەتكۈزۈپ قويۇشى ۋاجىپتۇر، ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسىچۇ؟ بىز مۇبارەك ئەقسا مەسچىتى نامىدىن  ماراكەش ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرىنى تۈركىستانلىق(ئەسلى تېكىستتە تۈركىستان دەپ ئېلىنغان) مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز.»

ئۇ يازغان تىۋىتىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرىدىغان كاپىر دۆلەت، ئۇلار ئىدرىس ھەسەنگە ئۆلۈم جازاسى بەرمەكچى، سىلەرنىڭ ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتىڭلار بار. ئەگەر ئۇنى دۆلىتىڭلاردىن قوغلاپ چىقارماقچى بولساڭلار، چوقۇم بىخەتەر بولغان باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتىڭلار. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار: » مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇلار ئۆزئارا زۇلۇم قىلمايدۇ، ۋە ئۆزئارا ئاسىيلىق قىلمايدۇ»(المسلم أخو المسلم لا يظلمه ولا يُسْلِمه).»

شەيخ ئىكرىما سەئىد سەبرىنىڭ تىۋىتتېر ئۇلانمىسى:
https://twitter.com/DrEkrimasabri/status/1474035762073116676?t=akP_5ppXBq3UKymMWLMyNQ&s=08

ئارمان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان

پە دېكابىر 23 , 2021
خىتاي تاراتقۇسى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 22-دېكابىر بېيجىڭغا جايلاشقان «خىتاي تارىخ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» دە ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تارىخى تەتقىقات ئىنستىتۇتى چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.

You May Like