مېديۇم شركىتى ئۇيغۇر تايمىز ھېساۋاتىنى خاتا چەكلەپ قويغانلىقىنى ئ‍ېتىراپ قىلدى

ئۇيغۇر تايمىز ئۆز خەۋىرى،15-ماي

ئامېرىكا تور نەشر شركىتى مېديۇم (medium )ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ھېساۋاتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىشى بىلەنلا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا چەكلەپ قويغان ئىدى.ئۇيغۇر تايمىز تېخنىك بۆلۈم بىر نەچچە قېتىم ئالاقىلەشكەن بولسمۇ ئۇلار ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر تايمىز ئادوۋكاتى مەزكۇر شركەت بىلەن ئالاقىلىشپ، بۇ ھسابنى تاقاشنىڭ ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدىكى بىرىنچى ماددىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، شركەتنىڭ مەزكۇر ھېسابنى تاقاشقا ھىچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ماقالە ئۈچۈن ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ھېساۋاتىنى تاقاپ قويۇش-مەزكۇر شركەتنيڭ ختاي بىلەن ئالاقىسى بار يوقلۇقى ھەققىدە سۇئال قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇر تايمىزنىڭ قانۇنى ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىين، مەزكۇر شركەت دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ: ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ھېساۋاتنى تاقاشنىڭ بىر ئاپتوماتىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى، دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۇرگەن.

بۈگۈن ئۇيغۇر تايمىز بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان ئىنگىلىزچە خەۋەردە، مېديۇم ۋە باشقا شركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تاقاپ قويۇشى ھەققىدە گۇمان بارلىقى ئالاھىدە تىلغا ئىلىنغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

بايانات: نۇرى تۈركەل ئىستىپا بەردى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېڭى رەھبەر سايلاپ چىقتى

جۈ ماي 17 , 2024
17-ماي، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى «رەھبەرلىك ئالمىشىشى ۋە جىنسى پاراكەندىچىلىك قىلمىشى ھەققىدە بايانات»ناملىق بايانات ئىلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر باياناتنى مۇستەقىل ھالدا تەييارلاپ ئىلان قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ 17-ماي كۈنى ئ‍ىلان قىلغان دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچىسى: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) سابىق مۇئاۋىن رەئىس ، دوكتور جاستىنيان رۇدېلسون […]
ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

You May Like