مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى

مالايسىيا پارلامېنتى ئەزاسى نىك نازمى نىك ئەھمەد (Nik Nazmi Nik Ahmad) مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

(2019-يىلى 11-نويابىر)

 

مالايسىيا پارلامېنتى ئەزاسى نىك نازمى نىك ئەھمەد (Nik Nazmi Nik Ahmad) مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن پەقەت تۈركىيە بىلەن مالايسىيا بارلىقىنى، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىگە قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرېئان زېنزنىڭ سىرتقى ماتېرىياللاردىن باشقا خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدىنمۇ پايدىلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە بەزى مىساللارنى بەردى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە گەرچە مالايسىيانىڭ بۇ مەسىلىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ خىتاينى قوللايدىغان مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ ئۇيغۇرلادىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى، بۇنىڭ كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ۋەقە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

 

مەنبە:
https://twitter.com/niknazmi/status/1193099045692035072

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى

چا نويابىر 13 , 2019
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك بىر ئىش بولدى.

You May Like