مالايسىيا ئىسلامى تەشكىلاتلار مەجلىسى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى

12-نويابىر، مالايسىيادىكى بىر قانچە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان «مالايسىيا ئىسلامى تەشكىلاتلار مەجلىسى» (Majlis Perundingan Pertubuhan Islam Malaysia) بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

(2019-يىلى 12-نويابىر)

بۇ بايانات مەزكۇر مەجلىسنىڭ پرېزىدېنتى مۇھىد ئەزمى ئابدۇلھەمىد (Mohd Azmi Abdul Hamid) نامىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن، ھەمدە خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ۋەھشىيلەرچە يۈزگىزىۋاتقان ئىشغال سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان. باياناتتا يەنە شەرقى تۈركىستاننىڭ 1949-يىلى خىتاي كوممىنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە دۇنيانى خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى ئازاد شەرقى تۈركىستاننىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشكە ۋە ئەستە تۇتۇشقا چاقىرغان.

مەنبە:
https://twitter.com/HKokbore/status/1194220319805976576

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى

سە نويابىر 12 , 2019
مالايسىيا پارلامېنتى ئەزاسى نىك نازمى نىك ئەھمەد (Nik Nazmi Nik Ahmad) مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

You May Like