ماھاتىر: جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا تىك تۇرالمايمىز

مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھادىر 28- سىنتەبىردىكى بىر زىيارەتتە، جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن قارشىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-10-1

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھادىر 28- سىنتەبىردىكى بىر زىيارەتتە، جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن قارشىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باھادىر نىيۇيوركنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، « مالايسىيا بىر كىچىك دۆلەت، خىتاي كىمىلىرى مالايسىيانىڭ رۇخسىتىسىز جەنۇبىي دىڭىزدا نىفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەپ  خالىغانچە كىزىپ يۈرسىمۇ، مالايسىيا خىتايدەك ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت بىلەن تىركىشەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنى نازارەت قىلىمىز، ئەسكەرتىش بىرىمىز، بىراق بىز ئۇلارنى ھەيدىۋىتەلمەيمىز، ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشەلمەيمىز. مالايسىيا تارىختا ھەر يىلى خىتايغا ئالتۇن- كۈمۈش ئولپان تاپشۇراتتى، يەنى ئۇلارغا بوي ئىگەتتى. دىمەك مالايسىيا بۇرۇندىن مەنپەئەتپەرەس» دىدى. ئۇ يەنە:« مالايسىيادەك مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشلارنى ئاشكارا ئەيىبلىيەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى – خىتاينىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى. سىز مەغلۇب بولىدىغان ئىشنى قىلمايسىز ۋە سىناپ كۆرمەيسىز، بىر ئاز ياخشىراقى ئانچە بەك كەسكىن بولمىغان باشقا  ئۇسۇل قوللىنىش، خىتاي بىلەن دۈشمەنلەشمەيمىز، چۈنكى خىتاي مالايسىياغا نىسبەتەن پايدىلىق». ئۇ يەنە خىتاي بىلەن بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى ۋە خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى، غەربنىڭ ۋەھىمىلىك پاراڭلىرىغا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي نۆۋەتتە مالايسىيا تۆمۈر يولىنىڭ چىقىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئازايىتقان بولۇپ، مىلىيارد دوللار مەبلەغ سالغان.   قوشۇمچە: بۇنىڭغا ئوخشايدىغان گەپنى تۈركىيەمۇ قىلغان بولۇپ، ئۇ يىقىندا ئوغۇزخان ئەنۋەر تۇرانى سورىغان سۇئالغا جاۋابەن مەسئۇلىيەتنى ئامرىكىغا ئىتتىرىپ قويغان ئىدى. مالايسىيا ۋە تۈركىيە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ساناقلىقلا بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە دىموكراتىك دۆلەت بولسىمۇ، مىيانمار ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرىدە غەرب دۆلەتلىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغىنى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسدە قىرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماقتا.   مەنبە: https://www.benarnews.org/english/news/malaysian/Malaysia-china-09272019165716.html?searchterm:utf8:ustring=+uyghur https://www.voachinese.com/a/malaysia-china/5102428.html

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

70يىللىقنى تەبرىكلەش ۋە خىتايدىكى ئىچكى تۇقۇنۇش

چا ئۆكتەبىر 2 , 2019
خىتاي كومىنىست ھۈكۈمىتىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتى بېيجىڭدا ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانلىرىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like