تۈركىيەدىكى مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈردى

تۈركىيەدىكى مادو شىركىتىنىڭ خوجايىنى خىتايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16- نويابىر

ئامىنە سەدەف

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇز قايماق ۋە تورت ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش نۇقتىسى بولغان MADO نىڭ خوجايىنى Mehmet Sait kanbur خىتاي خەلقئارا رادىئوسىنىڭ تۈركچە قانىلىنىڭ زىيارىتىدە: «ئىنساننىڭ ئىككى ۋەتىنى باردۇر، بىرى  تۇغۇلغان يېرى بولسا يەنە بىرى ئۆزىنى باققان زېمىندۇر. بۈگۈن  خىتاي دۆلىتى مېنى بېقىۋاتقان  بولسا مەن بىر خىتاي پۇقراسى » دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈردى.

SERBESTÍYE تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈردى .
بۇ MADO نىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆزىنىڭ خىتايلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ ، ئالدىنقى ئايدا MADO نىڭ ئەنقەرە چۇقۇر ئامباردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىمۇ  MADO  خوجايىنىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە SERBESTÍYE تور بەتلىرىدە بۇ توغرىسىدا MADO نى ئەيىبلەپ خەۋەر ئىشلەنگەن ئىدى.

بۇ قېتىم MADO خوجايىنىنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئۆزىنى خىتاي دەپ ئېلان قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ MADO غا بولغان نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋە پائالىيەتچىلەر تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا MADO نى ئەيىبلىدى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى MADO نى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى . 

MADO شىركىتى 1850- يىلى قۇرۇلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ زەنجىرسىمان مۇز قايماق ۋە تورت ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بازىسى بولۇپ، تۈركىيەدە 300 ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان سېتىش نۇقتىسى بار بولغان كۈچلۈك يېمەك -ئىچمەك كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە يىۋۇ شەھەرلىرىدە تارماق دۇكانلىرى بار.

ئەسلى مەنبە: 
https://t.co/eetsAL1w9y?amp=1

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئۇمۇمىي يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

سە نويابىر 16 , 2021
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئۇمۇمىي يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

You May Like