لوندون بېيجىڭنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى

فرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە 12- يانۋار خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا ئۇنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.

ئەنگىلىيە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلىدى، لوندون بېيجىڭنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى.

 

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 18- يانۋار

 

فرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە 12- يانۋار خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا ئۇنى «ۋەھشىي» دەپ ئاتىدى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.

 

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ناھايىتى قاتتىق سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىنقى دەۋردىلا يوقىلىشنى ئۈمىد قىلغان بۇ خىل ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولغان ۋەھشىي ھەرىكەتنى دەل مۇشۇ پەيتلەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان بىر دۆلەت داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.» ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بەزىبىر پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەگەر ئەنگىلىيە شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن غەرەزسىز ياكى غەرەزلىك ھالدا مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقان بولسا، ياكى بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىۋاتقان بولسا، ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشى چەكلىنىدۇ.» دېدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تۈركىيەنىڭ ختاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى

دۈ يانۋار 18 , 2021
تۈركىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنۇن 16- يانۋار تۈركىيە تاراتقۇلىرىغا بەرگەن زىيارىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە «بىر خىتاي سياسىتى» پرىنسپىنى بىز قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق ۋاستىلار بىلەن كۈچەيتىپ كېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى بىلەن مۇناسۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇششنى ئارزۇ قىلىمىز.

You May Like