لاگېر شاھىتلىرى ۋە فىرانسىيە پارلامېنتى قارار لايىھىسى

لاگېر شاھىتلىرى ۋە فىرانسىيە پارلامېنتى قارار لايىھىسى

مەمتىمىن ئابباس كۆكتارىم ئەپەندىنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

20- يانۋار فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى بىر كۈن بولدى. پارلامېنتتا ئۇيغۇر نامى تەكرار تەكرار تىلغا ئېلىندى. خىتاينىڭ جىنايەتلىرى قايتا-قايتا پاش قىلىندى. پەقەت بىرلا ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 169 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىندى.

مۇشۇ نەتىجىنىڭ كەينىدە، جۇغى كىچىك، ئەمما گىگانت، تەۋرەنمەس روھلۇق بىر ئۇيغۇر قىزىمىز، دىلنۇر بار ئىدى. يىللار بويى تەرەپ تەرەپكە چېپىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ فىرانسىيە ياشلىرىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تىكلىگەن ئىدى. فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدىكى جەڭگىۋار ياشلىرىمىزنىڭ يىللاردىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشلىرىمۇ بۇ ئاممىۋى ئاساسقا تۆھپە بولغان ئىدى. 

ئەلۋەتتە يەنە بۇ تارىخىي نەتىجىنىڭ چىقىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان قەھرىمانلىرىمىز، لاگېر شاھىتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. 

بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر سوتى ئۈچۈن ماتېرىيال تاللاش جەريانىدا بىۋاسىتە تونۇشتۇم. ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى تەييارلاش مەن ئۆمرۈمدە ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئېغىر چاغلار بولدى. كەچۈرمىشلەرنى ئاڭلاپ مەن «تۈگىشىپ كېتىۋاتىمەن، شۇ كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەر قېتىم سۆزلىگەندە قايتا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ ئىنسانلار « نېمە دېگەن قەيسەر ھە ؟!» دېگەن ئويلارغا كەلگەن ئىدىم.  مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە زۇمرەت داۋۇتلارنىڭ ئېغىر ئاغرىق ۋاقىتلىرى ئىكەن، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئىسپاتلارنى ناھايىتى تېزلا جەزملەشتۈرۈپ بەرگەن ئىدى. 

بۇ قەدىردانلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى بىلەن پارىژدا دىدارلىشىش نېسىپ بولدى. 12-ئاينىڭ 15-كۈنى لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار جېلىل ۋە گۈلباھار خاتىۋاجىلار، خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدىن ۋەكىللەر، فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتۇق. دىلنۇر شاھىتلىرىمىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى، كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان ھالدا  تەرجىمە قىلدى. ھەممەيلەن، ھەتتا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ  كۆز ياشلىرىمىزنى تۇتالماي قالدۇق. 

ئۇنىڭ ئالدىدا قارار لايىھىسىنى سۇنغان سوتسىيالىست ئالەن داۋىد ئۆزىگىمۇ ئىشەنمىگەن ھالدا، بۇ لايىھىنىڭ ئۆتىشىگە كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى دىلنۇرغا دەپتىكەن. ئەمما ئەتىسى مەن بوغدودىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەندە، لاگېر شاھىتلىرىنى كۆزىگە ياش ئالغان ھالەتتە تىلغا ئېلىپ، بۇ لايىھىنىڭ ئۆتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

17-يانۋار، دىلنۇرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پارلامېنتتا يەنە بىر سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەربېك ئالى قاتارلىقلار تەسىرلىك گۇۋاھلىقلىرىنى بەردى. ئىككى گۈلباھار خانىم يەنە كېلىپ قاتناشتى. گۈلباھار جېلىل  ئارلىقتا بەك ئاغرىپ كېتىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مەن يىغىندىن كېيىن گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق خانىملار، ئۆمەربېك ئالىلار بىلەن قىسقا بىر چاي سۆھبىتىدە بولدۇم. ئۇ كەچمىشلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. ۋە ئۇلارنى ئاسرىشىمىزنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. 

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز مەسىلىسىدەك كۆرۈپ، پۈتۈن فىرانسىيە جامائەتچىلىكى ۋە ياشلارنى قوزغاشقا تۈرتكە بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۈكسمەنمۇ لاگېر شاھىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى پۈتۈن نىيىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. 

ئۇلار بىزنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىرىمىز. ئۇلارسىز ھەر قانداق پىداكارلىق ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولاتتى. ئۇلارنى ئاسراش، قوغداش، ياردەمدە بولۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارايمەن.  ئۇلارنى توختىماي گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىشى مۇمكىن. قەلبى گۈزەل بۇ قېرىنداشلىرىمىز بەلكىم چىرايلىقچە رەت قىلىشتىن قورۇنۇشى مۇمكىن. شۇڭا پەقەت ھالقىلىق، مۇھىم قارارلار چىققۇسى بولغان چاغلاردا تەكلىپ قىلساق دېگەن ئۈمىدتىمەن. كىچىكرەك يىغىلىشلاردا سىنلارنى قويۇپ بېرىشمۇ يېتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى شۇ چىدىغۇسىز كەچمىشلەرنى بايان قىلىش، ئۇلارنى قايتىدىن شۇ ئازابقا سۆرەپ كىرىدۇ. 
ئاللاھ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئەزىز تەنلىرىنى ئامان قىلغاي.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

2022-يىلى قىزىم ۋە تۇغقانلىرىم ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىمەن

چا يانۋار 26 , 2022
2022-يىلى قىزىم ۋە تۇغقانلىرىم ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىمەن

You May Like