كونا خەۋەر:تەكلىماكان چۆلىدە قەدىمى شەھەر بايقالدى!

كونا خەۋەر:تەكلىماكان چۆلىدە قەدىمى شەھەر بايقالدى!

تەكلىماكاندا قەدىمى شەھەر بايقالدى
تەكلىماكاندا قەدىمى شەھەر بايقالدى

تەكلىماكان چۆلىدە قەدىمى شەھەر بايقالدى!

مەنبەسى:ھىندىستان زېى خەۋەرلىرى گېزىتى تور بېكىتى

ئىنگىلىز تىلىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەرجىمە قىلدى.

(2013-يىلى ،ئۈرۈمچى ،ئىزدىنىش ،مسرانىم ،ئەلكۈيى ،باغداش تور بېكەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان)

چىرا،شىنجاڭ:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگولۇق ئارخئولوگلار بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكتە بىر قەدىمى شەھەرنىڭ ئىزلىرىنى بايقىدى.

‹‹65مىڭ كۋادرات مېتر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ شەھەر ئۆتكەن ھەپتە تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسى بۆلىكىدە بايقالدى .››-دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى شىنجاڭ ئارخىئولوگيسى بۆلۈمى مۇدىرى دوكتۇر ۋۇ شنخۋا جۈمە كۈنى .

بىنالارنىڭ ئىزنالىرى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىدىن ھۆكۈم قىلغاندا،ۋۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى شەھەرنىڭ تارىخىنى غەربى خەن سۇلالىسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىيە 220-يىلىغىچە) دەۋرىگىچە سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.دوكتۇر ۋۇ مۇنداق دېدى:كۆپ قىسم ئىزنالار قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن،بىراق شەھەرنىڭ تۆت تېمىنى ھېلىھەم كۆرگىلى بولىدۇ.

شەھەرنىڭ ئەڭ ئىچكى تىمى جەنۇبتىن شىمالغا 17.8 مېتىر ،شەرقتىن غەرپكە 14.6 مېتىر بولۇپ،دوكتۇر ۋۇ:‹‹شەھەرنىڭ ئىچكى ئايلانمسنىڭ شەرقى جەنۇبى بۆلىكىدە بىر بىنانىڭ ئىزنالىرى بايقالدى››-دېدى.

‹‹ئىككىنچى تاما يېقىلغان تۈۋرۈكلەر ،لىم،قېزىل ساپاللار ئورنىتىلغان 4مىڭ كۋادرات مېتىرلىق شەھەر مەركىزىنى ئوراپ تۇرىدۇ.››-دوكتۇر ۋۇ.

‹‹ئۈچىنچى تام بولسا ئىھتىمالەن ‹‹دەرەخلىك يول››بولۇشى  مۇمكىن، بۇ تام ئاستىدىن نۇرغۇن مىقداردىكى كاربونلاشقان چىلان دەرىخى ۋە دەرەخ ئۇرۇقلىرى قېزىۋېلىنغان.››

‹‹دەرەخلىك يول بىلەن تاشقى تام ئوتتۇرىسىدا بىر قىسم تۇرالغۇ قۇرۇلمىلىرى،قومۇشلۇق چىتلاق  بايقالغان.››

ۋۇ مۇنداق دېدى:‹‹بۇ ئىزنالار 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بېرى بايقالغان ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىزنالاردۇر.پەرەز قىلىشىمىزچە،بۇ يەر ياكى بىر ئەسكىرى قورغان ياكى بىر كاتتاباشنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشى مۇمكىن.››

ئارخئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى دوكتۇر تاڭ جىخۇا شەھەر ئىزنالىرىدىن بايقىغان دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرشكىلىرىنى بىيجىڭغا ئاپىرىپ تەجرىيە قىلىش ئۈچۈن ئالدى.‹‹بىز ئۇلارغا تارىخ بېكىتىش ئۈچۈن كاربون 14 ئشلىتىمىز››- دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى گېئولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا ئىنۇستېتۇتى تەتقىقاتچىسى تاڭ.

قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ئارسىدىن بايقالغان مول ئۆسۈملۈك ۋە ياغاچ ماتىرياللىرىغا ئاساسەن دوكتۇر تاڭ مۇنداق دىدى:ھازىر يىل بويى سۇسز تۇرىدىغان بۇ رايون خەن سۇلالىسى دەۋرىدە مول سۇ بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

تارىختىكى ئاساسى سودا يولى بولغان قەدىمى يپەك يولىنىڭ جەنۇبى چىگېرسى تەكلىماكان چۆللۈكىدىن بويلاپ ماڭغان.ناھايتى رەڭگارەڭ بولغان مەدەنىي مىراسلار ھازىر ‹‹ئۆلۈم دېڭىزى››دەپ نام ئالغان تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن.

بۈگۈن337,000كۋادىرات كىلومېتر كىلىدىغان تەكلىماكان چۆلىنىڭ نامى ھەمىشە‹‹بارسا كەلمەس››دېگەن مەنىدە تەرجىمە قىلىنماقتا.

1901-يىلى ئەنگىليەلىك ئېكسپىدىتسيچى مارك ئاۋرىل ستەيىن ئۇزۇن يوللارنى بېسپ ئۆتۈپ ،شۇ يىللىرى پومپىيە شەھىرىگە ئوخشايدىغان ،تېخى ئۆيلەر ،بۇددا مۇنارى،بۇتخانا ،ساپال خۇمدان ،مېۋىلىك باغ،قەبرستانلىق،سۇيولى ۋە توسما بار بولغان بۇ يىراق قۇملۇقتىكى نىيە خارابىلىقىغا يېتىپ كەلگەن.

بۇ يېڭى بايقالغان خارابە قەدىمقى نىيە شەھىرىدىن 100 كېلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

خەۋەر ئادېرسى: http://zeenews.india.com/news/eco-news/ruins-of-ancient-town-found-in-taklamakan-desert_770835.html

تاھىر ئىمىن يازما ۋە تەرجىمىلىرى:

 

(مەسئۇل تەھرىر :admin)

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا« شنجاڭدىكى» دەپسەندىچىلىك سەۋەبىدىن جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىن(2018)

پە ئاپرېل 19 , 2018
ئامېرىكا« شنجاڭدىكى» دەپسەندىچىلىك سەۋەبىدىن جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىن(2018)

You May Like