كوممۇنىست خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش سىياسىتى راستىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشتىمۇ؟

كوممۇنىست خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش سىياسىتى راستىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشتىمۇ؟

كوممۇنىست خىتاينىڭ كاللا يۇيۇش سىياسىتى راستىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشتىمۇ؟

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ شۇ تېمىدىكى تەھلىل ماقالىسى

 

تەرجىمىدە: ئارمان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 12- فېۋرال

 

ئامېرىكا خەۋەر مېدىئالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا « ۋاشىنگتون ئاقىللار ئامبىرى ۋە خەلقئارا  ئىستىرادىگىيە تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) بىلەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتى بىرلىكتە بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي پۇقرالىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆەتتىكى يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىردە ئىكەن، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق سىياسەتلىرىنى قوللاش تەرەپدارلىرىدىن ئەمەس ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يۇقىرى قاتلام پۇقرالىرى ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئەركىن ئىدىيەنى ساقلاپ قالغان «سۈكۈتتىكى» لەر ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلاشقۇچى ئوبىكتىلىرى بولۇشقا لايىق ئىكەن.

 

مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىنى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇچۇر پەنلىرى پروففېسورى Jennifer Pan  بىلەن سىياسىي پەنلىرى پروففېسور ياردەمچىسى شۈ تيىېچىڭ ئىككىسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، خىتايدىكى يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئىقتىسادىي بىرقەدەر ياخشى بولغان پۇقرالار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكنى قوللايدىكەن. 

 

گەرچە بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما تەتقىقاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا خىتاي ھاكىمىيىتى پۇقرالار ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيەلىك پەرقلەرگە دۇچ كېلىشى مۇقەررەر ئىكەن. بۇنداق بولغاندا دائىرىلەر سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا «سۈكۈتتىكى» پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچار بولشى مۇمكىن ئىكەن.

 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،  كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» ۋە «سىياسىي ئەركىنلىك» جەھەتلەردىكى كۆز قاراشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسەتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى بىلەن بىردەك ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن: كۆپ ساندىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت شەخىسلەرنىڭ بالىلىق بولۇشى ياكى قانچە بالا ئېلىشىدەك شەخسىي ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىقى كېرەك ئىكەن. يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر جەمىئەت ئامانلىقىنىڭ قالايماقان بولۇش خەۋپىنىڭ بولۇشىغا قارىماي پىكىر-سۆز ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.

 

ئىقتىساد ساھەسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپلىگەن كىشىلەر داۋالىنىش ساھەلىرىدىكى خۇسۇسىيلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار كۆپ پۇل خەجلەش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى بولغان داۋالىنىش شارائىتىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن كۆپلىگەن ئامما شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئورتاق بېيىش» سىياسىتىگە باشقىچە قاراشتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دۆلەتتە ئوخشىمىغان پەرقلەرنىڭ بولۇشى خىتاي دۆلىتىنى سىياسىيلەشتۈرۈش ئىستىراتىگىيسىگە پايدىسىز ئىكەن. بەزى كىشىلەر دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلارغا دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىشىگە قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئادىل رىقابەت مەيدانىنى بەرپا قىلىشى كېرەك بولۇپ، بازار ئىگىلىگىنىڭ غەلىبە قازىنىشىنىڭ ھوقۇق كۈچى ئارقىلىق ئەمەس ئەمەلىي كۈچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

 

دېپلوماتىيە جەھەتتە، گەرچە كۆرۈنۈشتە خىتايىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك دولقۇنى كۆتۈرۈلگەندەك ھالەت ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە ئامما ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى خالىمايدىكەن. نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ھەربىي كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى قوللايدىغان بولسىمۇ، ئەگەر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا ھەربىي كېڭەيتمىچىلىكىگە قارشى تۇرىدىكەن. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خىتاي پۇقرالىرى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەدھىيلەشتە ئىنتايىن ئاكتىىپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشنى قوللاش نىسپىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن.

 

مەزكۇر ئىككى نەپەر تەتقىقاتچى ئىقتىسادى كىرىمى ۋە مائارىپ تەربىيەسى جەھەتتىكى ئوخشىمىغان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقاتلارنىمۇ ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايقىشىچە ئىقتىسادى كىرىمى ياخشى، يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەركىنلىكنى ۋە بازار ئىگىلىگىدىكى مىللەتچىلىكنى ئازايتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. نىسپەتەن يۇقىرى كىرىمدىكىلەر بولسا، سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكنى بازار ئىگىلىكىدىكى ئەركىن رىقابەتنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، ئىمپىرىيالىزىمغا قارشى خاھىشىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇلارمۇ مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى: شىجىنپىڭ بەلكىم خەلق ئارىسىدىكى سىياسىي رىقابەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

 

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى يۇقىرى قاتلام سىنىپىغا تەۋە كىشىلەر ھۆكۈمەت نۆۋەتتە يۈرگۈزىۋاتقان كۈچلۈك بولغان ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈش، ئىمپىرىيالىزىم، مىللەتچىلىك قاتارلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشتا ئىكەن. ئەمما ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان ئوخشاش تۈردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە بولسا، يۇقىرى قاتلام پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقىدەك سىياسەتلىرىنى قوللاش نىسپىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. چۈنكى ئۇلارئىلگىرى ھۆكۈمەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدا مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

 

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئامېرىكا مائارىپىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتايدىكى ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغانلار ئوتتۇرىسىدىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك نۇقتىلار ئارىسىدا پەرقلەر بار بولۇپ، ئالدىنقى تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار كۆرۈنەرلىك ھالدا سىياسىي ئەركىنلىك ۋە ئەركىن بازار رىقابىتىنى قوللىغان. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە، بۇ جەھەتلەردە ئۇلار ئامېرىكىدىن ئۆگۈنىشى كېرەك ئىكەن. 

 

ئىككى نەپەر تەتقىقاتچى ئورتاق ھالدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىتىدە بۇ تۈردىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇلار تەتقىقات دوكلاتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: « يىغىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچدىكى ئاممىدىن كەلگەن سىياسىي رىقابەتكە دۇچ كېلىش ئالدىدا. ھازىر خىتاي جەمىئىتىدە » سۈكۈتتىكى ئەركىنلىكنى قوللىغۇچىلار» مەۋجۇد.» بۇ تۈردىكى كىشىلەر شى نىڭ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلار بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئامما ئىنكاسلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلغاندا، ۋاشىنگىتوننىڭ خىتاي يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشلىرىنى تەتقىق قىلىشىغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەكسىچە ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىستراتىگىيىسىگە پۈتۈنلەي دۈشمەنلىشىش خارەكتىرىدىكى سىياسىتىنى يۈرگۈزسە بەلكىم خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان قاتلامدىكى قوللىغۇچىلاردىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. دوكلاتتا تەۋسىيە قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئوخشىمىغان قاتلامدىكى  كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇقۇشى ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشى كېرەكلىكى كېرەك ئىكەن.

 

خىتايدىكى مۇستەققىل تەتقىقاتچى، سىياسىي پەنلىرى دوكتورى ۋۇ چىياڭ بۇ دوكلاتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: « شۇنداق، بۇ دوكلات مېنىڭ پەرىزىم بىلەن ئوخاشاش ئىكەن…بۇنىڭغا ئوخشاش سۈكۈتلەر خىتايدا ناھايىتى كۆپ». ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى نەچچە ئون يىللىق كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ جەمىئەتنى يۇيىشى، ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى چەتكە قېقىشى نۆۋەتتىكى «سۈكۈتنى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

 

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي جەمىئىتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت شۇنداقلا زور بولغان شەھەر، يېزا پەرقى، قوشۇلغان شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن بۇيانقى يۈرگۈزگەن سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش سىياسەتلىرى، ئىنتېرنېت قاماللىقى قاتارلىقلار نەتىجىسىدە يۇقىرىقىدەك ئاممىنىڭ رايىنى سىناش تەتقىقاتلىرى نۇرغۇن قىيىچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن، نەتىجىدە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىشى ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ توپتوغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەس ئىكەن. جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي پەنلىرى مۇتەخەسسىسى Bruce Dickson  ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: « شى جىنپىڭ خىتايدا زادى قانچىلىك قوللاشقا ئېرىشىدۇ؟ بەلكىم بىز بۇ توغرىسىدا مەڭگۈ توغرا جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇكرائىنا -رۇسىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر

شە فېۋرال 12 , 2022
ئۇكرائىنا -رۇسىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر

You May Like