كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمىز؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەت كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىدۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىلار كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ؟ قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ يوقالمىغان، ئەكسىنچە ئورنىدىن دەس تۇرغان يەھۇدىلار كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلغان؟

ئالدى بىلەن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىلارنىڭ كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىدىن باشلايلى. بۈگۈنكى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋ ئەسلى تارىختا بولغان شەھەر ئەمەس. يەھۇدىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئىدى. يەھۇدىلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ئاساس سالغان تېدۇر ھېرزىل يەھۇدىلارنىڭ كەلگۈسىنى، قۇرۇپ چىقىدىغان دۆلىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بىر رومان يازغان. روماندا باھارتاغ دېگەن مەنا بېرىدىغان تېل ئاۋىۋ شەھرىنىڭ خىيالى مودىلىنى قۇرۇپ چىققان، بەختىيار، ھۆر، باياشات ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن. روماندا تەسۋىرلەنگەن مۇستەقىل ئىسرايىل دۆلەتى ۋە ئۇنىڭ غايىۋى شەھرى باھارتاغ كېشىلەرنى شۇ قەدەر جەلىپ قىلغانكى يەھۇدىلار دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يۈزلەپ تەشكىلاتلارنى، فوندى جەمىيەتلەرنى قۇرغان، پىلانلارنى تۈزۈشكەن. ئۇلار تۈركۈم تۈركۈملەپ بۈگۈنكى ئىسرايىلغا كۆچۈپ بېرىپ، يەر ئېلىپ، كۇچا بەرپا قىلغان. يەھۇدى كۆچمەنلەر روماندا تەسۋىرلەنگەن شەھەر تېل ئاۋىۋنى 1909-يىلى قۇرۇپ چىققان. 1913-يىلى تەسەۋۋۇر قىلىنغان ئۇنۋېرسىتېتنى قۇرغان. دۆلەتنىڭ ئىسمى ۋە پايىتەختى روماندا يېزىلغاندەك بولغان. 1948-يىلى دۆلەت قۇرغاندا پايىتەخت تېل ئاۋىۋ بولغان. دېمەككى، ئىسرايىل دۆلەتى ۋە ئۇنىڭ پايىتەختى ئەسلىدە ساپ تەسەۋۋۇر ئىدى، پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلغان بىر رومان ئىدى، تاتلىق خىيال ئىدى خالاس.

ئۇيغۇرلارمۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى، ئەمما ئۇيغۇر زىيالىلار نېمىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ؟ مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ خىيالىنى نەزمە قىلىپ يېزىپ باققانلار بارمۇ؟ ھۆر دىيارىمىزنىڭ قولىمىزغا كەلگەندىن كېيىنكى ھالىتىنى رومان قىلىپ ئەمەس، ھېكايە قىلىپ تىزىپ باققانلار بارمۇ؟ بولىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان دۆلەتنى قانداق قۇرىمىز؟ تارتىپ ئېلىشقا، قۇرۇپ چىقىشقا خىيالىدا بولسىمۇ ئۇرۇنۇپ باقمىغان كىشىلەرگە دۆلەت قۇچاق ئاچامدۇ؟

ئۇيغۇر زىيالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە نېمە ئويلاۋاتىدۇ؟ نېمىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئۈمىتسىزلەرنىڭ بايانلىرى خېلى بار، ئەمما بىۋاستە ئەمەس، بەلكى ۋاستىلىق بىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان بەزىلەرنىڭ «سۆزلەپ قوياي، بۇ تىل يوقالغاندا مۇزىيغا قويۇلۇپ قالسۇن» دېگەن لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم. يەنە بەزىلەرنىڭ «بۇ مىللەت يوقالسىمۇ، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىمىزنى تارىخچىلار ئۇنۇتمايدۇ» دېگەنلىرىدىن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى مەلۇم بولدى. ھەيرانلىقتىم «خىتاينىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىلارنىڭ سانى نوپۇسنىڭ 15-20 پېرسەنتىنى ئىگىلىگەندە قانداق قىلىمىز؟» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا چېكىگە يەتتى. يەنە پەرۋا قىلماسلىقنى، سۈكۈت قىلىشنى گۇناھكارلىقتەك ھېس قىلدىم.

سىلەر نېمىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىسىلەر؟ تىلىمىزنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنىمۇ؟ سىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشىڭلار تارىخچىلارنىڭ كىتابىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟ سىلەر تېخى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئىككى ئۈچ مىليونىنى خىتايدىن تۇغۇلغان شالغۇتلار بېسىپ كېتىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەجەبا غەرپتە يېتىشىپ چىقىدىغان يۈزلەرچە كەشپىياتچى ئۇيغۇر، سۈرىيەدە چېنىقىپ چىقىدىغان مىڭلارچە جەڭچى ئۇيغۇر، ۋەتەندىكى زۇلۇمدا قىساس ئۆتىدا تاۋلىنىپ چىقىدىغان مىليۇنلارچە پىداكار ئۇيغۇرنى نېمىشقا تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر؟

سىلەردەك تەسەۋۋۇرچىلار ئۇيغۇردا بولمىغان ئەمەس. ئۇيغۇر پروفېسسور، ئازات سۇلتان 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىغا ئاسپرانتلىققا ئۇقۇشقا بارسام بىر قېتىملىق دەرستە، بۇندىن كېيىن ماقالە يازساڭلار خەنزۇچە يېزىڭلار، يەنە 20 يىلدىن كېيىن ھەممە ئادەم خەنزۇچە بىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ، ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇيدىغان، يازىدىغان ئادەم قالمايدۇ دېگەن ئىدى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتتى، ئادەم قالمىغان ئىش يوق. ئىزچىل ئۇيغۇرچە يېزىۋاتىمىز، ئۇيغۇرچە يازىدىغان تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى ۋە دۇنيادا ھازىرغىچە 18 خىل تىلدا نەشىر قىلىنىپ بولدى. ئۇيغۇرچە يازىدىغان ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئېنگىلىزچە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ شىۋىتچە، مۇتەللىپ سەيدۇللا قاتارلىقلارنىڭ تۈركچە نەزمە توپلامى چىقتى. ئۇيغۇرچە يازغان پەرھات تۇرسۇننىڭ رومانى ئېنگىلىزچەگە تەرجىمە قىلىنىپ داڭق چىقاردى، ئارقا ئارقىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ قۇرلار يېزىلىۋاتقاندىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتاپلار توختىماي ئېنگىلىزچە قاتارلىق چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ.

خىتايلار 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، ئۇيغۇر تىلىنى، ئىتىقادىمىز ۋە مەدەنىيەتىمىزنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما بۇ جىنايەت ئىرقى قىرغىنچىلىق دېگەن ھۆكۈم بىلەن تارىخقا يېزىلدى. ئامېرىكادا خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتىدىغان قانۇن لايىھەسى مۇلاھىزە قىلىنىۋاتىدۇ. دۇنيادا سىياسىيۇن، ئالىم، مۇتەخەسىسلەر خىتاي غۇلىغاندا ئۇيغۇرلار قانداق قىلىدۇ دەپ مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇيۇ سىلەر نېمە دەۋاتىسىلەر؟ دۇنيا بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق، خىتايغا زاۋاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، دەۋاتسا، سىلەر بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جازاسىنى نېمىشقا تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر؟ ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن مۇستەقىل بولغان جەنۇبى سوداننى، كوسۇۋۇنى، بوسنىيەلەرنى بىلىسىلەر، نېمىشقا شۇلارغا كەلگەن پۇرسەتنىڭ ئۇيغۇرغا نىسىپ بولىدىغانلىقىنى خىيال قىلالمايسىلەر؟ كەلگۈسى ھۆر زېمىن، ئازات ئۇيغۇر، بەختىيار ھاياتنى نېمىشقا تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر؟

ھەممەيلەن خىيالىمىزنىڭ بەرپاچىسى، قۇربانى ياكى قەھرىمانى. دۆلەت، مىللەت، ھۆرلۈك، مۇھەببەت، قىساس دېگەنلەر پۈتۈنلەي ئىنسان تەسەۋۋۇرى، ئۇلار ئالما ئەمەس ھۆسنى ۋە پۇرىقى بولىدىغان، پىچاق ئەمەس، بىسى ياكى سېپى بولىدىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىيال، تەسەۋۋۇر، مەۋھۇم نەرسىلەر. ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى ھۆرلۈكتەك مەۋھۇملۇققا ئىشەنگەنلىكتە، قىساستەك يوقلۇققا تەلپۈنگەنلىكتە، مۇھەببەتتەك خىيالى ئۈچۈن جان بەرگەنلىكتە. سىز بىر مايمۇننى بىر تال بانان بىلەن ئالداپ تۇتۇپ بىر ئۆمۈر قەپەزگە بەنت قىلالايسىز، ئەمما ئىنسان يىگىلى بولمايدىغان ئەركىنلىك ئۈچۈن قەپىزىڭىزنى چاقىدۇ، كۆرگىلى بولمايدىغان تەسەۋۋۇردىكى ۋەتىنى ئۈچۈن سىزنى پىچاقلاپ، قەپىزىڭىزگە ئوت يېقىپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنى، ھۆر ھاياتىنى، بەختىيار كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىسىڭىز مايمۇن بولۇپ ياشىماي، ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرچە يەپ ئىچىپ، ئۇيغۇرلۇقتىن تاما كۈتۈپ نېمە قىلىسىز؟

ھۆر ۋەتەننىڭ تەسەۋۋۇرىسىز ياشاۋاتقان زىيالىنىڭ تەلپۈنگىدەك ۋەتىنى بولمايدۇ. خەلقىنى باياشات ۋەتەن، ئازادە تۇرمۇش، ئەركىن ھايات ھەققىدە گۈزەل تەسەۋۋۇرىغا، كەلگۈسى ھۆرلۈكىگە ئىشەندۈرەلمەيدىغان سەرخىلنىڭ ئىشەنچلىك باياناتى، پىلانى، ھەرىكىتى بولمايدۇ. قايتا دۆلەت قۇرۇشنى، ئورنىدىن يەنە بىر نۆۋەت دەس تۇرۇشنى، يېڭىدىن گۈللىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلالىغان يەھۇدى سەرخىللار خەلقىنى دۆلەت قۇرۇشقا يېتەكلىيەلىدى، ئۇلار شەھەرلەرنىڭ تەسۋىرىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئاۋۋال ئويالىغان ئىدى، باھارتاغ دېگەن مەنىدىكى خىيالى شەھەر تېل ئاۋىۋ راستىنلا قۇرۇلدى، ھەقىقى شەھەر بولدى، پايىتەختمۇ بولدى. يەھۇدى رەھبەرلەر ئاۋۋال تەسەۋۋۇر ئارقلىق ھۆرلۈكنىڭ ھوزۇرىنى دىللارغا سىڭدۈرەلىگەن ئىدى، ئۇلارغا ئاخىرى ھۆرلۈكنىڭ پەيزىنى نىسىپ بولدى، بىز نېمىشقا قىلالمايمىز؟ خەق يازغان روماندىن دۆلەت قۇرۇلدى، بىز نېمە ئۈچۈن ئون نەچچە مىليۇن ئىنسان سۆزلەۋاتقان تىلىمىزنى يوقىلىدىغان تىل، خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىيەلەيدۇ، دۇنيانىڭ بۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان مىللىتىمىزنى ھالاكەتنىڭ بايرىقىدەك تەسەۋۋۇر قىلىمىز؟

دۇنيادا ئويدىن ھالقىغان مۇتلەق رېياللىق يوق، بار دېيىلسە ئالما، بانان، شامال، تەمبۇر ياكى سەھنە، ساراي دېگەن نەرسىلەر، قالغان ۋەزىيەت، كەيپىيات، ئىستىقبال، ئىستىقلال دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئويىغا تايىنىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ رىياللىقىنى قانداق ئويلىسىڭىز ئۇيغۇر كۆزىڭىزگە شۇنىڭغا ماس كۆرۈنىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ تىلنى يوقۇلىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز تىلىمىزدىكى كىتاپلار، ئۇقۇملار، ئىبارەلەر كۆزىڭىزگە مۇزىيدىكى ئەسكى چاپاندەك كۆرۈنىدۇ، ئۇيغۇرنى تۈگەشكەن دەپ خۇلاسە چىقارسىڭىز ئالدىڭىزدىكى يەرنى يۇلۇپ ئالغۇدەك ئۇيغۇر ئايال، ئاسماننى تارتىپ پايانداز قىلالىغۇدەك ئۇيغۇر ئەرمۇ كۆزىڭىزگە ئۆلۈمتۈك ئەبگادەك كۆرۈنىدۇ. نېمىشقا مىللىتىمىزنى خىتاينىڭ گۆركارى، يېڭى دۇنيانىڭ بىناكارى، ئىسلامنىڭ شەرقتىكى قالقانى، ھۆرلۈكنىڭ قاراۋۇلى، قىرغىنچىلىقلارنىڭ خالاسكارى دەپ خىيال بولسىمۇ قىلىپ باقمايمىز؟

ئۇيغۇرلارغا ئەركىن كەلگۈسىنى، پارلاق ئىستىقبالنى، يېقىن ئىستىقلالنى، ھۆر زامان، ئازات زېمىننى ئەمەس، مۇدھىش، قاراڭغۇ، خۇنۇك ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ سۇنۇۋاتقانلاردىن سوراپ باقاي، سىلەر نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like