كانادا ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەندىشىسىنى تەكىتلىدى، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چامپەين 16- نويابىر، كانادا خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ دەپ تەكىتلىدى، ئەمما ئۇ كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بوب رايدەك «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئاتىمىدى.

فرانسىيە رادىئوسى، 2020- يىلى 17- نويابىر
تەرجىمىدە: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 17- نويابىر

 

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چامپەين 16- نويابىر، كانادا خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ دەپ تەكىتلىدى، ئەمما ئۇ كانادانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بوب رايدەك «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئاتىمىدى.

 

چامپەين دۈشەنبە كۈنى ئوتتاۋادىكى ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: كانادا خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان مۇئامىلىسىگە «قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ». ئۇ كانادا تەرەپنىڭ بۇرۇن بۇ مەسىلىگە بولغان ئوچۇق باياناتىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ: «مەن خۇپىيانە ۋە ئاشكارا ھالدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا بۇ ئىشنى دېدىم، مەن بۇنى داۋاملاشتۇرىمەن.» دېدى. ئالدىنقى ئايدا، كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىر دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ يەكۈن چىقارغان ئىدى. بېيجىڭ بۇ دوكلاتنى رەت قىلىپ، ھېچقانداق ئاساسى يوق دەپ قارىغان ئىدى. چامپەين دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ دوكلاتنى تىلغا ئالمىدى.

 

بوب راي 15- نويابىر كانادا رادىئو شىركىتى (CBC) گە ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئىسپات توپلاپ، خىتاي قىلىمىشىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنىڭ « ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت ئېنىقلىمىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئېيتتى. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجيەن دۈشەنبىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن كېلىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك سانلارنى تەكشۈرۈپ چىقتىم. 2019- يىلى كانادا نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %1.42، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپەيگەن نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەن. 2010- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون  170 مىڭدىن، 12 مىليون 720 مىڭغا كۆپىيىپ، 2 مىليون 550 مىڭ نوپۇس ئارتقان، ئېشىش نىسبىتى %25 بولغان، پۈتۈن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) دىكى %14 نوپۇس ئېشىش نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسى، ئېنىقكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2 تىن تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، 12.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا كانادا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ 18 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.»

 

جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ كانادا باش ئەلچىسىدىن سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇ كىمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى چوقۇم تاپماقچى بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى كانادا خەلقى بولار؟ كۆپچىلىك مەن بايا مىسال كەلتۈرگەن سانلار ۋە مېنىڭ قايتۇرۇپ سورىغان سوئالىمدىن بۇ باش ئەلچىنىڭ گېپى ناھايىتى بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. مەن يەنە بۇ باش ئەلچىگە شۇنداق تەكلىپ بېرىمەن – مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، كۈلكىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى پۇختا قىلسىڭىز توغرا بولارمىكىن.»  مۇخبىرلار جاۋنىڭ بايانىتى توغرىسىدا سورىغاندا، چامپەين كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ كانادا تاشقى ئىشلار سىياسىتىدىكى بىر ھالقىلىق قىسىم ئىكەنلىكىنىلا ئوتتۇرىغا قويدى.

 

چامپەين مۇنداق دېدى: «بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرىمىز، مۇۋاپىق ھېس قىلساقلا چوقۇم سۆزلەيمىز.» «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) مەسىلىسىدە بىز مۇشۇنداق قىلدۇق، يېقىندا خوڭكوڭ مەسىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق قىلدۇق، بىز داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىمىز.» ئۇ يەنە: «مېنىڭچە كانادالىقلار كانادانىڭ خەلق ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن، دېموكراتىيە ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» دېدى. كانادا بولسا ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى بىرلەشمە تەنقىد قىلغان 39 ب د ت ئەزا دۆلىتىنىڭ بىرىدۇر. بۇ دۆلەتلەر يەنە خىتايدىن خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت.) غا بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 

مەنبە:
https://www.rfi.fr/cn/%E4%BA%BA%E6%9D%83/20201117-%E5%8A%A0%E5%A4%96%E9%95%BF%E9%87%8D%E7%94%B3%E4%B8%A5%E9%87%8D%E5%85%B3%E5%88%87%E6%96%B0%E7%96%86%E7%BB%B4%E5%90%BE%E5%B0%94%E4%BA%BA%E9%81%AD%E9%81%87-%E5%8A%A0%E4%BB%A3%E8%A1%A8%E8%A6%81%E6%B1%82%E8%81%94%E5%90%88%E5%9B%BD%E8%B0%83%E6%9F%A5

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ قەستلىنىشى خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئارقىمۇ-ئارقا خەۋەر قىلىندى.

پە نويابىر 19 , 2020
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسى گۆرۈگە ئېلىنىپ، خىتايغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغاندىن كېيېن، تۈركىيەدە تۇرۇش مەزگىلىدە خاتالىقىنى تونۇپ، يۈرەكلىك بىلەن خىتايغا قارشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سۆزلىگەن يۈسۈپجان ئەمەت 2- نويابىر كەچتە ئىستانبۇلدا قەستكە ئۇچرىغان ئىدى. دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنۋاتقان يۈسۈپجان ھازىر جىددىي ھايات خەۋپىدىن قۇتۇلغان. ئۇنىڭ قەستكە ئۇچرىشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قايغۇغا سالدى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە ئامما ئۇنى يوقلىدى. يۈسۈپجاننىڭ قەستكە ئ‍ۇچرىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ جىددىي دىققىتى

You May Like