ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 21-ئېيۇل
جوۋ بايدىن 27-ئېيۇن كۈنى دونالد تىرامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سايلام مۇنازىرىسدە كۆرسەتكەن ئىپادىسى ناچار بولغانلىقى، قايتا-قايتا دۇدۇقلىغانلىقى، سۆزلىرىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك دىموكراتلار پارتىيسى رەھبەرلىكى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ بېسمىغا ئۇچراپ، نامزاتلىقتىن چىكىنىشكە چاقىرىلغان ئىدى.ئۇلار بىردەك: جوۋ بايدىن ھازىرقى ئەھۋالدا دونالد تىرامپقا تاقابىل تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا 11-ئايدىكى سايلامدا، دىموكراتلار ئاق ساراينى، دۆلەت مەجلىسنى بىردەك جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ دەپ ئەندىشە قىلغانىدى.
بايدىن سايلامدىن چېكىنىش ئۈچۈن بەرگەن باياناتىدا، كىمنى كۆرستىدىغانلىقى ھەققىدە ئېىنىق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسمۇ، ئەمما كامالا ھارسنى ماختاپ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.