جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان شى جىن پىڭغا خەت يازغان ئۆلىماغا رەددىيە قايتۇردى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 31-ئۆكتەبىر

شەرقى تۈركستان مۇستەقىللىق يولىدىكى داۋا ئادىمى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان يېقىندا. ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭغا خەت يېزىپ، مەدھىيەلەپ، ياردەم سورىغان دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن باش كاتىۋى، باش مەسلىھەتچىلەر كوللىكتىۋى ئەزاسى فەقىھ ئالىم مۇھەممەد ئەل سالابىغا رەددىيە قايتۇردى.

ئابدۇقادىر ياپچان مۇنداق دىگەن: ئ‍سلام بىلەن كوممۇنىزىم ئوت بىلەن سۇغا ئوخشاش بىر-بىرىگە قارشى، يېقىن كىلىش ئىھتىمالى يوق، كوممۇنىزىم تۈزۈلمسنىڭ توغرا بولۇش ئىھتىمالى يوق، بۇ ئىككسنى بىر يەرگە ئەكىلىپ سلىشتۇرغان كىشمۇ كاپىر بولىدۇ.»« ئەي سالابى دىگەن بەدبەخ، خيانەتچى، سەن ئ‍سلامغا خيانەت قىلدىڭ، مۇسۇلمانلارغا خيانەت قىلدىڭ،شەرقى تۈركستان مۇسۇلمانلىرىغا خيانەت قىلدىڭ، ئ‍نسانلىققا خيانەت قىلدىڭ، بۇنى دۇنياغا جاكارلىيالىدىڭ» .

ئەل سالابىنىڭ يازغان ختى-دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى ئورگان تور بېكىتى، تېۋىتتر ھساۋاتى، شەخسى تور بېكىتى، پەلەستىن ئۆلىمالار تور بېكىتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر خەت ئىلان قىلىنپ ئىككى كۈندىن كىين خەۋەر ئىلان قىلغاندىن كىين، شەرقى تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقى تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكىن مەزكۇر تەشكىلات ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىگە خەت يېزىپ نارازىلىق باياناتى بىلدۈرگەندىن كىين، بۇ خەت ئالاقىدار تور بېكەت ۋە سوسيال مېدىيادىن ئۆچۈرۈلگەن. ئەمما مەزكۇر تەشكىلات ياكى مەزكۇر فەقىھ ئۆلىما ھىچقانداق شەكىلدە كەچۈرۈم سورىمىغان ياكى بايانات بىرىپ، نىمە ئۈچۈن ئۆچۈرگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ئۆزبەك زىيالى كامالىدىن رابىموۋ كىم؟

چا نويابىر 1 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى، 1-نويابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ياپونيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر خەلقئارا مۇنىبرى»پارلامىنت ئەزالىرى ئارا ئۇچرىششدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پارلامىنىت ئەزالىرىدىن باشقا، ئالىملار ۋە زىياليلارمۇ كۆپلەپ قاتناشقان. بۇلار ئىچىدە تۈرك مىللەتلىرىدىن بولغان ئ‍ۆزبەك زىيالى كامالىدىن رابىموۋمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئالاقىدار سۆھبەتلەردە مەخسۇس سۆز قىلغاندىن باشقا، يىغىن […]
كامالىدىن رابىموۋ

You May Like