ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن زور سوممىلىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قارا قوللار

2021- يىلى 5 – ئاينىڭ 31- كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇن بۇرنۇ رايونىدا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئېغىر دەرىجىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى. ئىككى نەپەر بۇلاڭچى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلاجاننى بىناسىنىڭ كىرىش قەۋىتىدە ئېغىر يارىلاندۇرۇپ يېنىدىكى سومكىنى بۇلاپ قاچقان، سومكا ئىچىدە 4 كىلوگرام كېسەك ئالتۇن، 33 گرام پارچە ئالتۇن ۋە ئالتە يۈز دوللارغا يېقىن نەق پۇل شۇنداقلا باشقا ئىككى دانە كىتاب بار ئىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى، ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى بىلەن بۇلاڭچىلار تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى سۈرىيەلىك، بىرى ئۆزبېكىستا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 13- ئىيۇل

ياسىنجان مەمەت قۇلغانى

2021- يىلى 5 – ئاينىڭ 31- كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇن بۇرنۇ رايونىدا بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئېغىر دەرىجىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى. ئىككى نەپەر بۇلاڭچى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلاجاننى بىناسىنىڭ كىرىش قەۋىتىدە ئېغىر يارىلاندۇرۇپ يېنىدىكى سومكىنى بۇلاپ قاچقان، سومكا ئىچىدە 4 كىلوگرام كېسەك ئالتۇن، 33 گرام پارچە ئالتۇن ۋە ئالتە يۈز دوللارغا يېقىن نەق پۇل شۇنداقلا باشقا ئىككى دانە كىتاب بار ئىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى، ساقچىلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى بىلەن بۇلاڭچىلار تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى سۈرىيەلىك، بىرى ئۆزبېكىستانلىق، ئۈچى ئۇيغۇر، ئىككىسى قىرغىزىستانلىق بولۇپ چىققان.

جىنايەتچىلەر تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ ئىقرارى ۋە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ئارقىسىدا مەزكۇر دېلونىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم جىنايەت شېرىكلىرىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلاندى.

دېلونىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئابباس (تۈرك كىملىكىدىكى ئىسمى تۇرسۇن ئايدىن) ۋە ئەسەدۇللاھ ( كىملىكتىكى ئىسمى رۇستەم ئابلىز) قاتارلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ، بۇلار ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇلاڭچىلىق قىلىش ئۈچۈن ياللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان سۈرىيەلىك ئەلى ئابدۇلۋاھاب قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئىشنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتىنى ئىقرار قىلغان. ۋەقەدىن 10 كۈن بۇرۇن ئابباس بىلەن ئەسەدۇللاھ ئۇنى زەيتىنبۇرنۇدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا تاماققا تەكلىپ قىلغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ رەسىمنى ۋە ئۆيىنى كۆرسىتىپ، يالغان ئويدۇرما توقۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇ ئىككىسىنى تىجارەتتە ئالداپ پۇلىنى قويىۋالغانلىقىنى، ئەگەر ئالتۇنلارنى بۇلاپ ئالسا، ئۇنىڭغا يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى قايىل قىلغان. ئەلى ئابدۇلۋاھاب پىلاننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئالىمجان ئىسىملىك بىر ئۆزبېك كىشىنى تېپىپ كەلگەن. بۇ ئىككىيلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۇرۇپ سومكىنى ئېلىپ قاچقان. ئەسەدۇللاھ (رۇستەم ئابلىز) مارماراي بېكىتىدە ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىشتىن يېنىپ ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا ئۇنى كۆزىتىپ ئۇلارغا خەۋەر بەرگەن ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى يولدا ساقلاپ، ئەلى ئابدۇلۋاھاب بىلەن ئۇچراشقان. ئەسەدۇللاھمۇ تۇنجى ئىقرارىدا باشقا ئىككى شەخستىن ئابلاجاننىڭ كاپالى چارشىدا ئالتۇن ئېلىپ ساتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى ، ۋە ئۇنى بۇلاپ ئالتۇنلارنى تەڭ بۆلۈشۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئابباس بىلەن ئىككىسى بۇ ئىشنى پىلان قىلىپ ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى، قولغا ئېلىنغاندا كۆز ئالدىغا ئۇششاق بالىلىرى بىلەن ئائىلىسى كېلىپ پۇشايمان قىلغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن. بۇ دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ مېلىنى بۇلىغان ۋە ھازىرغىچە قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئۆزبېك ئالىمجاننى(بۇ كىشى ئىلگىرىكى رەينا قانلىق ۋەقەسىگە چېتىشلىقى سەۋەبلىك ئىككى يىلدىن كۆپ تۈرمىدە يېتىپ چىققان) ئەلى ئابدۇلۋاھھابقا تونۇشتۇرغان . مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدىن كېيىن ئۇنى قاچۇرۋەتكەن ئىككى قىرغىزىستانلىق ئابدۇللاھ دېمىربەك بىلەن ئەلى سۇلتانوۋلارمۇ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

بۇ جىنايەتچىلەر 1 كىلو 905 گرامغا يېقىن بۇلانغان ئالتۇن بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، قالغان ئالتۇنلارنى سېتىپ مەلۇم قىسمىنى خەجلىۋەتكەنلىكى ۋە مەلۇم قىسمىنى پەردە ئارقىسىدىكى بىرقانچە شەخسلەرگە بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان، ساقچى ۋە تەپتىش تەرەپ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە.

مۇخبىرىمىز بۇ دېلونى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك يەرلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنىڭ بىر قىسىم ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە ئىلگىرىكى جىنايەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە شۇنداقلا ئىلگىرىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە جىنايەتچى ئابباسنىڭ مەلۇم بىر جامائەتنىڭ ئىلگىرى مالايشىيا، تۈركىيە، سۈرىيە ئارىسىدا ئادەم توشۇش ئىشلىرىنى قىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنداقلا بىر قانچە يىل بۇرۇن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنى گۆرۈگە ئېلىپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن مىقداردا پۇل تەلەپ قىلغان دېلوسىدىكى باش جىنايەتچى ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا جىنايەتچى ئەسەدۇللاھ (رۇستەم ئابلىز) بولسا سۈرىيەدىكلەر بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار بىرى بولۇپ، يىللاردىن بىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بۇلاڭچىلىق ئىشىنى تىجارەت كەسپى قىلىپ شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىكەن. بىر قانچە يىل بۇرۇنمۇ ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن مەلۇم خانىمنىڭ 700-800 گرامغا يېقىن ئالتۇن بار سومكىنى بۇلىغان.

بۇلار يېقىنقى 4 يىلدىن بىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا گۆرۈگە ئېلىش، بۇلاش، قورقۇتۇپ قاقتى- سوقتى قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم جىنايەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ،ئاساسەن توپلىشىپ گۇرۇھ شەكلىدە پائالىيەت قىلىدىغان بولغاچقا،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇلاردىن قورقۇپ ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقالماي كېلىۋاتقان. بەزى گۇۋاھچىلار ئىسمى ۋە سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۆزلىرى ئۇچرىغان ۋەقەلەرنى بىزگە سۆزلەپ بەردى.

بۇ كىشىلەر ئۇيغۇر جامائىتىنى يوشۇرۇن كۈزۈتۈپ، قولىدا نەق پۇل بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنى ئەر—ئايال دەپ ئايرىماستىن ھەرخىل يوللار بىلەن بۇلاپ، قاقتى- سوقتى قىلغان. بۇ قېتىم بۇلانغان ئابلاجان -مىسىر ئەزھەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىق ماگىستىر ئاسپىرانتى شۇنداقلا ساباھەتتىن زەئىم ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئىسلام ئىقتىسادى ۋە پۇل – مۇئامىلىسى كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇش، تىجارەت ۋە تۇرمۇشى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىغان. بۇلانغان ماللار ئۇنىڭ شېرىكى ۋە باشقا ئىككى يېقىنلىرىنىڭ ئامانىتى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى تەخمىنى قىممىتى 250 مىڭ دوللار (يەنى 2 مىليون 200 مىڭ تۈرك لىراسى) غا يېقىن ئىكەن. ۋەقە سەۋەبلىك بۇلارنىڭ ھاياتىمۇ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى كۆپ قېتىم يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇلار پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك، جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا داغ يەتمەسلىكى ئۈچۈن زىيارەتنى رەت قىلىپ كەلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇلاڭچىلارنىڭ سىرتتىكى تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغاچقا، ئاخىرى ئۇيغۇر خەلقىگە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
بۇ ۋەقە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشمەكچى بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەرقايسى تەشكىلات ۋە يۇرت چوڭلىرىدىن بۇنىڭغا ئوخشىغان قاقتى – سوقتى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى كۈتمەكتە.

 

Uyghur Reporter

Next Post

ماراكەشتە تۇتۇلغان ئىدرسنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ تەۋەككۇل قىلىشغا ئائىت چۈشەنچە

جۈ ئىيۇل 23 , 2021
بۇگۇن ئەتتىگەندىن بىرى، ماراكەشتە تۇتۇلغان ئىدرس ئىسىملىك قېرىندىشمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئايالى ۋە باشقىلاردىن مۇناسۋەتلىك ئەھۋالنى سۈرۈشتۇرۇپ ئىگەللىگەندىن كىين،بۇ مەسلىنى جىددى ھالدا مەخسۇس ھۇججەتلەشتۇرۇپ، تەرجىمە قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈمىگە يەتكۇزگەن ئىدۇق، بۇ ۋەقەگە جىددى قارايدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

You May Like