ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

 ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى12-دېكابىر

10-دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇن بۇرنۇ رايونىدا «شەرقىي تۈركىستان ياشلار دەرنىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا چوڭ كۆلەمدە «شەرقىي تۈركىستانغا مەدەت بېرىش نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش» يىغىنى ئېچىلدى . 

نامايىشقا ئوسمانلى موتسىكلىت گۇرۇپپىسى، مالاتيالىلار دەرنىكى، 1453 زەيتۇن بۇرنۇ دەرنىكى، بالىكئەسىر ھۇدۇت دەرنىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق تۈرك ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات، دەرنەكلەر شۇنداقلا ئۆلكە ئوجاكلىرىغا قاراشلىق يۈزلىگەن ياشلار ۋە نەچچە يۈز تۈرك، ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. پائالىيەت زەيتۇن بۇرنۇ سائەت قەلئەسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان ياشلار دەرنىكىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام تۇرانلىنىڭ ئاخباراتچىلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىشى بىلەن باشلىنىپ، زەيتۇن بۇرنۇ ئەمىنىيە ئىنانچ جامىئەسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلىندى . يۈرۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاڭلىتىلغان رەسىملىك لوزۇنكىلار ۋە شوئارلار كوچىلاردىكى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى .

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنماقچى

شە دېكابىر 17 , 2022
ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 12- سىنتەبىر نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

You May Like