ئامىنە سەدەف خەۋىرى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – ئۆكتەبىر
10- ئاينىڭ 23 – كۈنى ، تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىدە شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن قەلەمكەشلەرنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇشلۇق بولغان ، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ،يازغۇچى ، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ، شائىر ئابدۇلخەبىر قادىر( ئەركان ), مەخمۇتجان ياسىن ، ئالىمجان مەتقاسىم( غەمناكى), ئىمران سادائى ، ئابىدە ئابباس (نەسرىن ) قاتارلىق بىر قىسىم ياش شائىرلار قاتناشتى .
مەخمۇتجان ياسىننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت شېئىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە سۇئال _ جاۋاپ شەكلىدە ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى . پائالىيەت جەريانىدا شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى . پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مۇزىكانت جىنەستە ۋە دوستلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەتكە تېخىمۇ ھۆسىن قوشتى .