خوش خەۋەر:ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى: گۆرۈگە ئېلىنغانلار ئىچىدە خىتاي پۇشتىمۇ بار

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى9-ئۆكتەبىر

ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۈگۈن سوتسىيال مېدىئا X تە 7-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسقا فىلىمنى چىقارغان ۋە ئاستىغا مۇنداق دەپ يازغان: « بېيجىڭدا تۇغۇلغان خىتاي-ئىسرائىلىيە پۇشتىدىن بولغان بۇ قىز تۈنۈگۈن گۆرۈگە ئېلىنىپ غەززا رايونىغا ئېلىپ كېتىلدى، بۇ كۆرۈنۈش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېدىئالار تەرىپىدىن تارقىتىلدى…بىز نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنى شۇنداقلا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

«جەنۇبى سەھەر گېزىتى»نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۇتقۇندىكى بۇ قىزنىڭ ئىسمى Noa بولۇپ بۇ يىل 25 ياشتا ئىكەن. توردىكى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ دادىسى يەھۇدىي، ئانىسى خىتاي ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي ياكى ئىسرائىلىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئوبزور: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئ‍سرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىغا قانداق ئپادە بىلدۈرۈشى كىرەك

دۈ ئۆكتەبىر 9 , 2023
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان داۋاسى سۈكۈتنى كۆتۈرەلەمدۇ؟مەمەت توختىئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلىشى ئىجرا دىرىكتورى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بىردىن بىر ھاماسنىڭ ئىسراىلگە قارىتا ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىنلا ئىسرائ‍ىلنىڭ غاززاغا قاراتقان قايتارما ھۇجۇمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە مەركەزلەشتى.بۇ ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئىسرائ‍ىلىيەنىڭ قايسى نۇقتىدا […]
مەمەت توختى

You May Like