‍ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەرەب دۆلىتى بەھرەيىنگە تۇنجى زىيارەتكە كەلدى،ئىسرائىلىيە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا

‍ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەرەب دۆلىتى بەھرەيىنگە تۇنجى زىيارەتكە كەلدى،ئىسرائىلىيە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا

تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2022-يىلى 14-فېۋرال

14-فېۋرال ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بەھرەيىننى زىيارەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ۋە ساياھەت ئىشلىرى مۇھىم كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا.

ئۆتكەن ئايدا ئاياغلاشقان دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەرمەنكىلەردىن بىرى بولغان دۇبەي يەرمەنكىسىدە، ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى خىرزوك ئۆزى قاتنىشىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت كۈنى مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئەرەب دۆلىتىدە ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت كۈنىنى تەبرىكلىشى چوڭ تەسىر قوزغىغان ئىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغانمۇ  ئۆتكەن ئايدا سۆزلىگەن سۆزىدە پەلەستىننى ئۇنتۇپ قالمايمىز ئەمما ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىمىز دېگەن بولۇپ، بۇ ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ھىرزوكنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشەببۇسىغا يېشىل چىراغ ياقىدۇ.

ئەرەب دۆلەتلىرى پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىدىكى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلماقتا. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەم ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ياردىمى ئىزدىسە، مۇھىمى ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ھەربىي نىشانىغا ئايلىنىشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا رايوندىكى ئەڭ زور خەۋپ ھېسابلانغان -ئىران ۋە دائىشقا قارشى كۈرەشتە ئىسرائىلىيە بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ساغلام ئاخباراتچىلىق خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن:

1- بىزگە پىدائىي بولۇڭ؛

تېخنىك خادىم، لايىھىلىگۈچى، يازغۇچى، مۇخبىر، تەرجىمان،سوتسىيال مېدىيا باشقۇرغۇچى. ئەسەر ئەۋەتىڭ!

2-بىزنى ئىقتىسادى ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللاڭ؛

ئىشخانا، ئۈسكۈنە، مۇلازىمېتىر، خادىم ۋە پىدائىيلار ياردىمى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاڭ.

3-ئېلان بىرىڭ؛

تور بېتىمىز ۋە سوتسىيال مېدىيا قاناللىرىمىزدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلىرىڭىزنى تەشۋىق قىلىڭ، ئەرزان باھالىق ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىقات بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:info@uyghurtimes.com

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇس ئەسكەرلىرى قارارگاھلىرىغا قاراپ چېكىنگەن

سە فېۋرال 15 , 2022
ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى رۇس ئەسكەرلىرى قارارگاھلىرىغا قاراپ چېكىنگەن

You May Like