«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن نېمە؟

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ 1944- يىلىدىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ ئاتالغۇ پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا قوللىنىدىغان بولۇپ، مەنىسى مەلۇم بىر توپلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىۋېتىشنى مەخسەت قىلغان قەستەن قىرغىنچلىق جىنايىتى ئىشلەش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ 1948-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرغا قويغان ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ بىر جىنايى قىلمىشتۇر.

تەييارلىغۇچى: ھىدايەتۇللا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ 1944- يىلىدىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ ئاتالغۇ پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا قوللىنىدىغان بولۇپ، مەنىسى مەلۇم بىر توپلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىۋېتىشنى مەخسەت قىلغان قەستەن قىرغىنچلىق جىنايىتى ئىشلەش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ 1948-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرغا قويغان ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنىغا خىلاپ بىر جىنايى قىلمىشتۇر.

ئىرقىي قىرغىنچلىقىنىڭ ئېنگىلىسچە “genocide” دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ  يۇنانچىدىن “geno-” بۇ سۆزدىكى ئىرق، مىللەت سۆزى ۋە “-cide” لاتىنچىدىن  قىرغىنچىلىق مەنىسىدىكى  سۆزلەردىن تەركىب تاپقان، بۇ ئاتالغۇنى 1944-يىلى پولشالىق يەھۇدى ئادۋۇكات رافال لېمكىن  (Rafał Lemkin) ئوتتۇرغا قويغان.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەنلىك سېستىملىق، مەخسەتلىك ھالدا بىر مىللەت، ئىرق ، ئېتنىك ۋە ياكى  دىنىي گۇرۇپپىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمىنى قىرىپ تاشلاش بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جىنايى ئالامەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئىشلارنى سانىغان:

1- مەلۇم توپلامنىڭ ئەزالىرىنى قىرىپ تاشلاش.

2- بۇ توپلامنىڭ ئەزالىرىنى جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئېغىر ئازابلاش.

3- بۇ توپلامنى قەستەن مەلۇم بىر تۇرمۇش شارائىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمىنى قىرىپ تاشلاش.

4- مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش.

5- مەجبۇرىي ھالدا بۇ توپلامنىڭ كۆپىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش.

6- بۇ توپلۇمنىڭ بالىلىرىنى باشقا توپلۇق ئارىسىغا مەجبۇرى كۆچۈرۈش.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ كىرىش سۆزىدە: ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا بىر تۈرلۈك جىنايى قىلمىشتۇر، ب د ت نىڭ ئاساسى شۇئارىغا خىلاپ بولغان قىلىمىش، مەدەنيەتلىك بىر دۇنيادا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلاقسىزلىق. تارىختىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنسانلاردا ئۇنتۇلغۇسىز قايغۇ -ھەسرەت ۋە تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز كۆڭۈل جاراھىتى قالدۇرىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن.

ئىنسانلارنىڭ بۇ بەتبەشىرە، قورقۇنۇچلۇق بالايى ئاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى دۇچ كەلگەنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا چوقۇم ھەمكارلىشىشى كېرەك.

دۇنيا تارىخىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق كەم بولغان ئەمەس، بۇ پەقەتلا  بىر ئىنساننىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش جىنايىتى ھەم ئەمەس. ھەر بىر  « ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى » دەپ ئەيىبلەنگەن ئەنزىرە، قاراش ۋە مەيداندىكى ئوخشىماسلىق تۈپەيلى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ۋەقەنى چۈشەندۈرۈشتە كەسكىن تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت، ھەتتا ۋەقەلىكنى تەسۋىرلەشتىمۇ ئاسمان-زېمىن پەرق بولىشى مۇمكىن.

مەنبە:

https://encyclopedia.ushmm.org/content/zh/article/what-is-genocide https://zh.wikipedia.org/wiki/%E7%A7%8D%E6%97%8F%E7%81%AD%E7%BB%9D

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ئابلىكىم يۈسۈپنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى

شە سېنتەبىر 14 , 2019
2019-يىلى 13- سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئۇيغۇر مۇھاجىر ئابلىكىم يۈسۈپنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىنىڭ تەرجىمىسى:

You May Like