ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدىكى باياناتى

پەيشەنبە كۈنى ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تۆۋەندە باياناتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى بېرىلدى.

ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 14- فېۋرال

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئىليارۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-15

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

پەيشەنبە كۈنى ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تۆۋەندە باياناتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى بېرىلدى.

 

ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدىكى باياناتى

 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئىسلامىي ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۆز ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيىتىگە يات ئىش-ھەرىكەت ۋە ئادەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى يىللاردىن بېرى داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرمىگەن كىشىلەر قايتا تەربىيىلەش نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولىنىۋاتىدۇ.

ئۆلىمالار بىرلىكىمىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش، قاماققا ئېلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان نادان قالدۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. بىرلىكىمىز شۇنى تەكىتلەيدۇكى، بۇ رەزىل سىياسەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى مەنپەئەتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا مۇناسىۋىتىگىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

بىرلىكىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا ئىسلام دۆلەتلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ قىيىن سىناقلىرىدا بىرسەپتە تۇرۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئاڭلىتىشقا چاقىرىق قىلىمىز. دۇنيا بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشلىرىنى، شۇنداقلا بۇ تىراگىدىيەنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەي ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق رايىغا بويۇن ئېگىپ بۇ زۇلۇم ۋە جىنايەتلىرىدىن يانغاي.

 

ئىراق ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىباتى

ھىجىرىيە 1440/06/09

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

http://m.iraq-amsi.net/view.php?id=105393

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنى قارشى ئالدى.

جۈ فېۋرال 15 , 2019
15-فىۋرال كۈنى سەھەردە ،ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىلىكى تىېۋتىتىر ھساۋاتىدا ئىپادە بىلدۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تۈركىيە تاشقى ئشلار منتىسرلىكىنىڭ تۆۋەندىكى قارىشغا قوشۇلىدۇ دەپ بىلدۇردى:

You May Like