ئىران ئ‍سرائىلىيەگە رەسمى ھۇجۇم باشلىدى، ھىزبۇللا ئ‍سرائىلىيەگە جەنۇبتىن ھۇجۇم باشلىدى

ئىران ئارمىيسى بۈگۈن رويتىرىسقا مۇنداق دىدى: ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى باشلاندى.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئىلان قىلغان خەۋەردە، ئىران جۇمھۇريەت مۇھاپىزەتچى ئارمىيسى شەنبە كۈنى كەچتە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە 100 دىن ئارتۇق دىرون (ئۇچقۇچسز ھۇجۇمچى ئايرۇپىلان) ئەۋەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە يېتىپ بارىدىكەن، ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائىلىيە بۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

بۇ ئىراننىڭ تۇنجى قېتىم ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھەربى ھۇجۇمى بولۇپ، ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرىگە قارشى ئىلىپ بارغان ھۇجۇمىغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم ھسابلىنىدۇ.

ئىران -ختاي ۋە روسيە باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى رەزىل كۈچلەرنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، شئەلەشتۈرۈش دۆلەت سياسىتى ئاساسىدا، ئوتتۇرا شەرقتە ئاجىز دۆلەتلەرنى ئ‍ېقتسادى ۋە ھەربى جەھەتتە قوللاش ۋە سۈنئىيلەرگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى 20 يىلدىن قالايمىقان قىلىپ كەلمەكتە.

2022-يىلى ئىران ختاي بىلەن 500 مىليارد دوللارلىق غايەت زور سوممىلىق ھەربى، تېخنىكا، ئېقتسادى ھەمكارلىق ئورناتقان.

ختاي -خاماسنى دىپلوماتىيە ۋە ئېقتسادى جەھەتتە قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۇرگەن بولۇپ، ختاي ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئىرانغا مۇھتاج.ئ‍سرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئېتتپاقدىشى بولغاچقا، خىتاي ئ‍سرائىلىيەگە بولغان سياسىيتىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، دەسلەپتە پەلەستىننى ئارقىدىن رەسمى شەكىلدە خاماسنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆتكەن ئايدا قاتاردا ئاشكارا ھالدا خاماس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىران ئ‍سرائىلىيەگە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان

دۈ ئاپرېل 15 , 2024
ئىران ئ‍سرائىلىيەگە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان، سان جەھەتتە رىكورت ياراتقان، سەئۇدى ئەرەبستان ۋە ئىئوردانىيە ئ‍سرائىلىيەنى قوللىدى. 13-ئاپرىل ئىران مۇھاپىزەتچى ئارميسى قساس نامىدىن ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ئىلىپ بارغان ھەربى ھەرىكىتىدە 300 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دىرون ئاتقان، 100 دىن ئارتۇق ئوق بېشلىق بومبا، 30 دىن ئارتۇق قوغلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا […]
ئىران-ئ‍سرائىلىيە

You May Like