ئىنژېنىر ئوقۇغۇچى «تەربىيىلەش مەركىزى »دە نېمە ئىش قىلىدۇ ؟

ئەسلىدە زالىمدىن بۇنداق سوئال سوراش پېقىرغا كۆرە قاملاشمىغان بىر ئىش، شۇنداق بولسىمۇ زاماننىڭ تىلى بويىنچە سوراپ باقايلى ؟!

ئاپتورى: ساي ئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-02

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئەسلىدە زالىمدىن بۇنداق سوئال سوراش پېقىرغا كۆرە قاملاشمىغان بىر ئىش، شۇنداق بولسىمۇ زاماننىڭ تىلى بويىنچە سوراپ باقايلى   ؟!

داپشاقلىق ھەققىدە سۆز بولىنسا تەبىئىيلا خىتاي ئېسىمىزگە كىلدۇ. چۈنكى بۇلاردا داپشاقلىق سەنئىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. لازىم بولسا خەقنى دادا دېيىشتىن يانمايدىغان، كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن يانمايدىغان، بۇ خەلق دۇنيادا يوق ئەجدەرھانى چوڭ بىلىپ يۈرىيدىغىنى ھەممىگە ئايان. بۇمۇ ئۇلارنىڭ شۇ نەپسانىيەتچى،داپشاقلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان نەرسە .

ھازىر خەلقئارا مېديالاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ زالىملارچە قىلمىشىنى يەنە شۇ داپشاقلىقى بىلەن پەردازلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ . تۈلكىنىڭ ئەڭ يامىنى دەپ تەرىپلىنىدىغان قىزىل تۈلكىمۇ بىر يەرلىرىدىن چاندۇرۇپ قويارمىشكەن، خىتاي دەل ئۆزىنىڭ پەردازلىرىدىن چېنىپ قېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە پاختا ئىچىدە چوغ ساقلانمايدۇ، قۇياشنى ئېتەكتە ياپقىلى بولمايدۇ. غالجىرلاشقان خىتاي بۇ نوقتىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، خۇدىنى يوقاتقان قانجىق ئىتتەك ئەسەبىيلىشىپ ئىنسانىيلىققا يات بىر جىنايەت ئىشلىمەكتە !

يېقىندا يۇرتىمىز خوتەنگە ئائىت بىر ۋىدىئو تارقالدى. ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى »دە خىتاي ئۆزى تاللاپ ئاپىرىپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا تەربىيلىگەن، يەنە شۇ خىتاينىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتلىرىدىن بىرى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتكۈزۈپ 3 يىلدەك نورمال خىزمەت قىلغان بىرىنىڭ « تەربىيىلەش مەركىزى »دە نېمە ئۆگىنىدىغانلىقى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايدۇ ؟! سەككىز يىل ئىچكىرىدە ئۇقۇغان ئادەم، يەنەكېلىپ قۇرلۇش لاھىيلەش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن بىرىنىڭ توردىن نەرسە سېتىۋېلىشنى ئۈگۈنۈشكە ئىھتىياجى بارمۇ !؟

ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مائارىپى شۇنچىلىك ناچارمىدى؟ …كەم نەرسە قاپتىكەن دەپ خىزمەتتىكى ئادەمنى يىغىپ ئۇقۇتىدىغانغا نېمە ئېھتىياج بار ؟

مەن ئۇ ئاغىنەمنىڭ ئەقلى ھۇشىدىن ھېچ گۇمانىم يوق، ئۇنچىلىك نەرسىنى بىلەممەيدىغانلىقىغا مەن ئەمەس، شۇ داپشاق خىتايمۇ ئىشەنمەيدۇ!؟  …ئەينى ۋاقىتتا ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتكىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە ! ماتېماتىكا نەتىجىسى ناھىيە بويىنچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە مۇكاپاتلانغان بىرى. باشقا پەنلەردىمۇ ئالاھىدە ياخىشى ئىدى. ئىچكىرىدە سەككىز يىل تۇرغان كاۋاپچىمۇ خىتاي تىلىنى راۋۇس بىلىدۇ. ئەجەبا سەككىز يىل مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن بىرىنىڭ، يەنە خىتاي تىلى ئۆگىنىشى، توردىن نەرسە سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىشى مىسران قىلىچتا چامغۇر توغراش ئەمەسمۇ !؟ ئاتالمىش «مەدەنىيەتسىزلەر ئىنقىلابى » تەكرارلىنىۋاتامدۇ !؟ نۇر بەكرىنىڭ سۆزى بويىنچە «ئۈچ خىل كۈچ » تىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئىچكىرىدە نۇقتۇلۇق تەربىيلەنگەن بىر ئوقۇغۇچىدىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىگە زىيانلىق نېمە ئىش كەلمەكچى !؟

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ بۇ قىلمىشلىرى بېشىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئىنسانلىققا يات بۇ جىنايەتلىرىدىن يېنىشىقا دەۋەت قىلىمىز !

ھەقسىزلىق ھېچقاچان  سوراقسىز قالماس !

ئەزىم دەريا قۇرۇپ قالمىغاندەك، بىز ھامان ئاقىمىز ! نەپرەت بىللە ئاقىدۇ ! ئاھىمىز بىللە ئاقىدۇ ! كۆز ياشلىرىمىزدىن دۇنيا ياشىرىپ، ئىزچىلار مەنزىلىگە يېتىدۇ !

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ۋىدىئونىڭ ئۇلىنشى:

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

لوس ئانژېلىستا 6-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشىسى

يە ئاپرېل 7 , 2019
بۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرى رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىشى ئۆتكۈزدى.

You May Like