ئىلھام مۇئەللىم ۋە مىللەتلەر سىياسىتى

ئ‍ىلاۋە: ئىلھام مۇئەللىم ماڭا ئالىي مەكتەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىدىن ئىككى مەۋسۇم دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ، مەن ئۇنىڭ جاسارىتى، پاراسىتى ۋە خەتەرگە تولغان ھايات سەمەرىسىگە شاھىت بولغان. ئىلھام توختى مۇئەللىم ئۆمۈرۋايەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇئەللىمنىڭ بىر ماقالىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ماقالە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا بولۇپ، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ماھىيىتىدىن ئىيىتقاندا مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان بولغاچ، مەن مەزكۇر ماقالىدە توغرىسى بويىچە «يەرلىك مىل

ئەردەم ئەردەم

 

2020-9-23

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئ‍ىلاۋە: ئىلھام مۇئەللىم ماڭا ئالىي مەكتەپتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىدىن ئىككى مەۋسۇم دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ، مەن ئۇنىڭ جاسارىتى، پاراسىتى ۋە خەتەرگە تولغان ھايات سەمەرىسىگە شاھىت بولغان. ئىلھام توختى مۇئەللىم ئۆمۈرۋايەت ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق  خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇئەللىمنىڭ بىر ماقالىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ماقالە خىتاينىڭ  مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا بولۇپ، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ماھىيىتىدىن ئىيىتقاندا مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان بولغاچ،  مەن مەزكۇر ماقالىدە توغرىسى بويىچە «يەرلىك مىللەت» دەپ ئالدىم.

 

خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى بىرىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئىككىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى دىگەندە، خىتاي كومپارتىيەسى سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئۈلگە قىلىپ، مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرنى باشقۇرۇشنى ئ‍اسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئاپتونومىيەلەرگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتى بولۇپ،  كومونىزىم نۇقتىنەزىرىگە ئاساسەن مىللىي مەسىلىلەرنى نامراتلىقتىن كىلىپ چىققان قورساق مەسىلىسى دەپ قارايدۇ ۋە خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باي قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىل- مەدەنىيەت، ئەنئەنە، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قىلىش،  مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغداش  ۋە قسىمەن ئىتىبار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  

 

ئىككىنجى ئەۋلاد سىياسەت بولسا مىللىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، مىللىي پەرقلەرنى ئازايتىپ، مىللەتلەر ئارا سېڭىشىش، بىرلىشىشنى تىزلىتىپ، جۇڭخۇا ئۇلۇسىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەرقانداق شەكىلدىكى يەرلىك مىللەتچىلىكنى قەتئىي چەكلەپ، دۆلەتچىلىك ئېڭىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئىككىنجى ئەۋلاد سىياسەتنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىلىرىدىن چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى، خىتاينىڭ «دۆلەت ئۇستازى» ئاتالغان خۇ ئەنگاڭ ۋە بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتى جەمىيەتشۇناسلىق پىروففىسورى مارۇڭ قاتارلىقلار بار. بۇ ئىككى خىتاي يەنە ئىككىنجى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە بىر ئاز پەرقلىق پىكىرگە ئىگە بولۇپ، مارۇڭ «56 مىللەت دىمەستىن «جۇڭخۇا مىللىتى» دىيىشنى،  56 مىللەتنى بولسا 56 ئىتنىك گۇرۇپ دەپ  ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ گەرچە مۇستەملىكە رايونلاردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئاپتونومىيە ھوقۇقى، تۇغۇت چەكلەشتىكى ئىتىبار سىياسەتلەر ۋە مىللىي پەرقلەرنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، خىتاي شوۋىنىزىمىنى رەت قىلغان1. خۇ ئەنگاڭنىڭ تەشەببۇسى بولسا  پوپۇلەرىزىم، مىللەتچىلىك،  شوۋىنىزىم ۋە ئاتالمىش «تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش» ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ،  يوشۇرۇن فاشىستىك ئىدىيەگە ئىگە. ئۇنىڭ رادىكال تەكلىپلىرى گەرچە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن كۆرۈنۈشتە رەت قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى خۇ ئەنگاڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئاشۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

 

تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك،  ئىلھام مۇئەللىم 2011- يىلى يازغان « نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مىللىي مەسىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە پىكىرلەر» ناملىق ماقالىسى بىلەن مارۇڭ ۋە خۇئەنگاڭنىڭ ئوخشاش دەۋىردە يازغان مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە ئىلھام مۇئەللىمنىڭ ئۇلارغا قانداق رەددىيە بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختالماقچىمەن.

 

ئىلھام مۇئەللىم ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مەسىلىلەرگە ئاساسلىق 9 نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ھەربىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، سەۋەبى ۋە چارىسى توغرىسىدا تەنقىد ۋە تەكلىپ بەرگەن. مەزكۇر توققۇز نۇقتا: يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى،  «قوش تىل» مائارىپى، دىنىي ئاشقۇنلۇق، مىللىي ئايرىمىچىلىق، يەرلىك مىللەت كادىرلىرى ۋە زىيالىيلىرىغا ئ‍ىشەنچىسىزلىك، بىڭتۈەن مەسىلىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرائىيەت ئىقتىدارى ۋە ئىناۋەت مەسىلىسى، خىتاي چوڭ مىللەتچىلىكى، مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايون ۋە دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت2.  

 

مارۇڭ ۋە خۇئەنگاڭلارغا كۆرە، لىنىن ۋە سىتالىننىڭ مىللىي سىياسىتدىن ساۋاق ئىلشى كىرەك، چۈنكى مىللىي بىرلىك ئاساسىدا قۇرۇلغان ئاپتونومىيەلىك رايونلار يەرلىك مىللەتلەرنى سىياسىي مەناغا ئىگە قىلىپ، مىللىي رەھبەرلەر يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ۋەكىللەرگە ئايلانغان. مىللىي سەردارلار، زىيالىيلارنىڭ مىللەتچلىك ئىڭى بۇرمىلانغان، باستۇرۇلغان ۋە يوشۇرۇلغان بولغاچ، سىرتقى كۆرۈنۈشتە يۇۋاشلىق بىلەن بىرلىكنى ساقلىغان. بىراق 1991- يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ياكى ئايرىلماسلىق توغرىسىدا بىروسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق مەملىكەتكلەردە خەلق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئايرىلماسلىقنى تاللىغان بولسىمۇ، مىللىي رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلانغان ۋە دۆلىتىنى مۇستەقىل قىلغان3.

 

بىز بۇنىڭدىن نىمىشقا خىتاينىڭ 100 يىل مابەينىدە قەرەللىك ھالدا ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سەردارلىرى، رەھبەرلىرى، ئىسلاھاتچىل ئۆلىمالار، يىتەكچى زىيالىيلار،  مەرىپەتپەرۋەر بايلار ۋە خەلقسۆيەر جامائەت ئەربابلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقانلىقىنىڭ نىگىزلىك سەۋەبىنى چۈشىنەلەيمىز.

 

ئىلھام مۇئەللىم بۇنىڭغا قارشى ھالدا: « يەرلىك مىللەتنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ھەقىقىي مىللىي ئاپتونومىيە، ئەگەر مىللىي ئاپتونومىيە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئىككى خىللا تاللاش بار دىگەن گەپ. بىرى، ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، يەنە بىرى مىللىي مۇستەقىللىق. مىللىي ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىش تولىمۇ خەتەرلىك، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىگە زەخمەت يەتكۈزىدىغىنى ئاپتونومىيە بولماستىن، بەلكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يوق قىلىۋىتىش» دەپ يازغان4. ئۇ يەنە يەرلىك مىللىي رەھبەر ۋە سەردەرلارنىڭ كۆپلەپ تەربىيەلىنىشى، مۇھىم ئ‍ورۇنلاردا ئەمەلىي ھوقۇق تۇتۇشى، يەرلىك مىللىي كادىرلارغا  ئىشىنىش ۋە ئ‍شىلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان  مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان5.

 

«قوش تىل» مائارىپى توغرىسىدا، خۇئەنگاڭ، مارۇڭ  خىتاي تىلىنى ئوموملاشتۇرۇش، «قوش تىل» مائارىپىنى يەسلىدىن تارتىپ يولغا قويۇش، ئارىلاش ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغان6. ئىلھام مۇئەللىم بولسا  ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئەمەلىيەتتە يەككە تىللىق مائارىپقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىدا يىزىلغان ھۆكۈمەت تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەكلىكى، يىقىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇرچە نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇ نۆۋەتتە كۆپ قىسمى خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر خەلقىنى بىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھوقۇقىدىن ئايرىپ، بىلىمسىزلىك، ئىشسىزلىق، مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىيىتقان.  ئۇيغۇرچە مائارىپ، ئۇيغۇرچە نەشىرىياتلار ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىسا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەرىكەتلىرى قوزغىلىپ، ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن ئەسكەرتكەن7.

 

دىنىي جەھەتتىن، خۇئەنگاڭ ئاتالمىش « ئۈچ خىل كۈچ»  قالپىقىنى كەيدۈرۈپ، يەرلىك مىللەتچىلىك ۋە دىنىي كۈچلەرنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاشنى ئىيىتقان8. ئىلھام مۇئەللىم بولسا ئارتۇقچە دىنىي باستۇرۇشنىڭ ئورنىغا، تۈركىيە، مالايسىيا، دۇبەيگە ئوخشاش دىندارلىق ۋە زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇ دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئۆلچىمى، دىنىي ئ‍ىبادەت بىلەن مىللىي ئۆرۈپ – ئادەتنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىكىتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكنى تەكىتلىگەن. دىنىي بىلىملەرگە تەشنالىق قانۇنلۇق يوللار بىلەن قاندۇرۇلمىسا، قانۇنسىز يوللاردىن كىرگەن ئاشقۇن ئىدىيەلەرنىڭ يامراپ كىتىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان9.

 

خۇئەنگاڭ، مارۇڭلار مىللەتلەر ئارا روشەن مەھەللە – رايون پەرقىنى يوقىتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، نوپوس كۆتىكى تۈزۈلمىسسىنى بىكار قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئارا ئەركىن كۆچۈش، كۆچۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان10. ئۇيغۇر ياشلارنى كەڭ كۆلەمدە دىڭىز بويى رايونلارغا ئىشلەشكە تەشكىللەش، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا بولۇپمۇ تەڭرىتاغ جەنۇبىغا خىتاي نوپوس يۆتكەپ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق رايون قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە جەمىيەت قۇرۇلمىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىشنى پىلانلىغان.  قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان11. ئىلھام مۇئەللىم  ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى قوبۇل كۆرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئاساسلىقى رايون ئىچىدە بولۇشىنى تەكىتلىگەن. ئىشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىكولوگىيەسى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان يىراق شەرق دىڭىز بويى رايونلاردىن قىلماستىن، تەڭرىتاغ جەنۇپتىكىنى شىمالغا يۆتكەشنى تەشەببۇس قىلغان12.

 

خۇ ئەنگاڭغا كۆرە، چىخسىلوۋىنىسكا ئەينى ۋاقىتتا ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە تەڭ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، دۆلەتنى ئىتراپ قىلىش تۇيغۇسى كەمچىل بولغاچ،  1993- يىلى يەنىلا چىخ ۋە سىلوۋىنىسكادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىشتىن قىچىپ قۇتۇلالمىغان.  شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي مەسىلە ھەرگىزمۇ باي- كەمبەغەللىك، ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىش- قىلماسلىق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى  يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاينى «ۋەتەن» دەپ ئىتراپ قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى دەپ قارايدۇ13.  ئىلھام توختى مۇئەللىم بولسا، نوقۇل ھالدا ئىقتىسادىي ياردەم نامىدا خىتاي كارخانىلىرىنى كۆپلەپ شەرقىي تۈركىستان زىمىنىغا كۆچۈرۈش يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى، يەرلىك مىللىي كارخانىلارنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كىرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى يەنىلا ئۆگەي چاغلاپ، ھۆكۈمەتنى ئىتراپ قىلىشى تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن14. 

 

ئۇزۇن ماقالىدىكى ئۆ-ئارا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار ئۈستىدە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك توختالدىم. ئەگەر پۈتۈن ماقالىنى ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق، ئىلھام مۇئەللىم خىتاي سىياسەتچىلەرنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرىنى ئاشكارا قىلغانلىقى ۋە ئۇستىلىق بىلەن رەددىيە قايتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ يۈكسەك مىللەتپەرۋەرلىكى، ئەگەر ھەقىقىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلمىغاندا، ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يولىغا ماڭماي ئامالى يوقلۇقىنى يۈرەكلىك بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايقايمىز.

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر: 

 

ئىلھام توختى مۇئەللىم: «نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مىللىي مەسىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە پىكىرلەر»

 

伊力哈木:当前新疆民族问题的现状及建议(全文)

 

https://chinachangedotorg.files.wordpress.com/2015/05/e4bc8ae58a9be59388e69ca8efbc9ae5bd93e5898de696b0e79686e6b091e6978fe997aee9a298e79a84e78eb0e78ab6e58f8ae5bbbae8aeae1.pdf

 

مارۇڭ:  «مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشتىكى يىڭىچە پىكىر ئۇسۇلى- ئاز سانلىق ئىتنىك گۇرۇپلارنى « سىياسىيزلاشتۇرۇش» ، 1

 

理解民族关系的新思路 ——少数族群问题的“去政治化”

 

http://www.shehui.pku.edu.cn/upload/editor/file/20180626/20180626185600_9962.pdf

 

مارۇڭ: «شىنجاڭ مىللىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى»، 2

 

新疆民族教育的发展与双语教育的实践

 

http://www.shehui.pku.edu.cn/upload/editor/file/20171123/20171123153402_5740.pdf

 

مارۇڭ :«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى دىڭىز بويى شەھەرلىرىگە يۆتكەش»، 3

 

南疆维吾尔族农民工走向沿海城市

 

http://www.shehui.pku.edu.cn/upload/editor/file/20171123/20171123152034_8038.pdf

 

چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى، خىتاينىڭ «دۆلەت ئۇستازى» ئاتالغان خۇ ئەنگاڭ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىرلىكسەپ مىنىستىرلىكى 9- بۆلۈمى، شەرقىي تۈركىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل خىتاي خۇلىيەنخى يازغان« دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، مىللەتلەر سىڭىشىپ بىرلىشىش، دۆلەت ئەبەدىي ئامانلىقىنى قوغداشتىكى نېگىزلىك تەدبىردۇر!»

 

胡鞍钢 胡联合:第二代民族政策:促进民族交融一体和繁荣一体

 

http://www.aisixiang.com/data/36593.html

 

https://iuyghur.com/?p=7716

 

 

 

مەنبەلەر:

 

  1. مارۇڭ ماقالىسى 15- بەت
  2. ئىلھام مۇئەللىم مەزكۇر ماقالىسى
  3. خۇئەنگاڭ ماقالىسى 2- باب، مارۇڭ ماقالىسى 45- بەت
  4. ئىلھام مۇئەللىم ماقالىسى 9- باب
  5. ئىلھام مۇئەللىم ماقالىسى 5- باب
  6. خۇئەنگاڭ ماقالىسى 6-باب،  مارۇڭ 2- ماقالە خۇلاسە قىسمى
  7. ئىلھام مۇئەللىم، 2- باب
  8. خۇئەنگاڭ ماقالىسى 3-باب
  9. ئىلھام مۇئەللىم ماقالىسى 3- باب
  10.  خۇئەنگاڭ ماقالىسى 3-باب
  11.  مارۇڭ : 3- ماقالە خۇلاسە قىسمى
  12.  ئىلھام مۇئەللىم ماقالىسى 1- باب
  13. خۇئەنگاڭ ماقالىسى 1-باب
  14.  ئىلھام مۇئەللىم ماقالىسى 1- باب

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئاۋىستىرالىيە ئاقىللار ئامبىرى: خىتاي يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭدىكى 16000 مەسچىتنى چېقىۋەتتى

سە سېنتەبىر 29 , 2020
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى 25- سىنتەبىر «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان -ت.) دىكى ئۇيغۇر ۋە ئىسلام بوشلۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇش جەريانىنى ئىز قوغلاش» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلات سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتى قاتارلىق تەتقىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 16000 مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەن ياكى ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايقىغان

You May Like