لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا

لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم توغرىسىدىكى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى بازارغا سېلىنىش ئالدىدا

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى12-يانۋار

ئارمان

ئەنگلىيە نەشرىياتى sevenstories نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، ھازىر فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى خاتىرىلەنگەن « خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش» نامىدىكى كىتاب بازارغا سېلىنماقچى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ كىتابىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى 2021-يىلى يانۋاردا فىرانسۇز تىلىدا بېسىلىپ تارقىتىلغان بولۇپ، كىتابنى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ۋە فىرانسۇز ژۇرنالىست، يازغۇچى Rozenn Morgat خانىم بىرلىكتە يېزىپ پۈتتۈرگەن. كىتابىنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسىغا «خىتاينىڭ گۇلاگ لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش» دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب قىسقا ۋاقىت ئىچىدە فىرانسىيەدىكى ئەڭ بازارلىق كىتابلاردىن بولۇپ قالغان. كىتابنىڭ فىرانسىيەدە بازارغا سېلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ يەردىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، گېزىت-رادىئو قاتارلىق خەۋەر ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە گۈلباھار خانىمنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ تارقىتىپ، فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەڭ تۈردە تارقىلىشىدا تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىغان.

sevenstories تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ئامېرىكىلىق يازغۇچى، تەرجىمان  Gauvin Edward تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، تور كىتاب نۇسخىسى 2022-يىلى 8-فېۋرالدىن باشلاپ، رەسمىي كىتاب نۇسخىسى 15-فېۋرالدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىدىكى سياسى پاناھلىقى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلار سۆھبەت يېغىنى ئ‍ۆتكۈزمەكچى

جۈ يانۋار 14 , 2022
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما-مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كوللىكتىپ تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا ئۆز پىتى ئىلان قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان. ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما-مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن كوللىكتىپ تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا ئۆز پىتى ئىلان قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان.

You May Like