گىۋادار پورتىدىكى خىتاي مىھمانخانىسى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

11- ماي كەچتە، ئۈچ نەپەر قۇراللىق كىشى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى گىۋادار پورتىغا جايلاشقان، خىتايلار سالغان كاتتا مىھمان سارايغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ۋە بىر نەپەر ھۇجۇمچى قازا قىلغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بەش يۇلتۇزلۇق «مەرۋايىت چوڭ قۇرۇقلۇق مىھمانخانىسى»يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دائىم كىلپ تۇرىدىغان مىھمانخانا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-5-12

 

11- ماي كەچتە، ئۈچ نەپەر قۇراللىق كىشى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى گىۋادار پورتىغا جايلاشقان، خىتايلار سالغان كاتتا مىھمان سارايغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەپەر ئامانلىق قوغدىغۇچىسى ۋە بىر نەپەر ھۇجۇمچى قازا قىلغان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بەش يۇلتۇزلۇق «مەرۋايىت چوڭ قۇرۇقلۇق مىھمانخانىسى»يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دائىم كىلپ تۇرىدىغان مىھمانخانا ئىكەن.

گىۋادار پورتى جايلاشقان بەلۇجىستاندىكى بۆلگۈنچى قۇراللىق كۈچ «بەلۇجىستان ئازاتلىق ئارمىيىسى»  بۇ ھەرىكەتكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تىۋىتىر ھىسابىدا خىتاي ۋە باشقا دۆلەت مەبلەغچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئىيىتقان.

بەلۇجىستان ئازاتلىق ئارمىيىسى يەرلىكتىكى خىتاي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يەرلىكلەرگە ئانچە پايدىسى تەگمىگەنلىكىنى، ئۆتكەن يىلى نويابىردا كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمغىمۇ ئۇلار ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بەلۇجىستان پاكىستاننىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان نامرات ئۆلكە بولۇپ، بەلۇشلار پاكىستاندىكى تۆت چوڭ مىللەتنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. بەلۇجىستان ئافغانىستان، ئىران بىلەن چىگراداش، پارس دىڭىز قولتۇقى بىلەن دىڭىزىغا قارايدىغان گىۋادار پورتى بولسا خىتاي يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ، بەلۇجىستان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرى خىتاي ۋە پاكىستاننى ساراسىمىگە سالماقتا. خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ، پاكىستاندا قۇرۇلۇش ۋە سودىگەرلىرىنى قوغداش باھانىسىدا قۇراللىق قىسىم تۇرغۇزۇشى مۇمكىن.

مەنبە:

https://www.bbc.co.uk/programmes/w172wyj32hbqwjr

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىدە يېڭى مەسئۇل سايلاندى

دۈ ماي 13 , 2019
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-يىلى 5-مايدا ۋاشنگىتوندا قۇرۇلغان تاپاۋەتسىز ئورگان، 10 خىل تىل-يېزىقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن بولۇش، ھەققانىي بولۇش، توغرا بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ شۇئارنى نىشان قىلغان.

You May Like