گىتارچى ئەركىن ئابدۇللا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئويۇنىغا ئۇسۇل ئوينىماقتا

مەھمۇتجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-ئۆكتەبىر

7-ئۆكتەبىر سوسيال مېدىيادا تارقالغان ۋىدىئوغا ئاساسلانغاندا، تونۇلغان ئۇيغۇر گىتارچى، ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان گىتارچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ بېيجىڭ ئايرۇدۇرمىدا باشقىلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تارقالدى.

ئەركىن ئابدۇللا ئەينى چاغدا ۋەتەندە ئۇيغۇرلار بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرگەن ئۇيغۇر سەنئەتكار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرى، قېرىنداشلىرى قولغا ئېلىنغاندىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوقاپ كەتكەندىمۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى گەرچە ئىلگىرى ئەركىن ئابدۇللاغا قارىتا كەڭ تەنقىد باشلانغاندىمۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ شۇنچە ئىشلار بولغاندىن كىيىن يەنە ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىپ، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن تەشۋىقاتقا قاتنىشىشنى ھىچقانداق توغرا سەۋەب بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.

خىتاي 2017-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش يولىنى پۈتۈنلەي تاقىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرىدىن ئىبارەت. خىتاينىڭ چەتئەلدىن ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە، ۋەتەندىكىلەرنى چەتئەلگە تەشكىللىشى پەقەت ئۇنىڭ رەزىل مەقسىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەتەندىن ئۇچۇر بەرگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى چەتئەلگە چېقىشقا قىزىقتۇرۇپ، ئۇلاردىن خىتاي ئۈچۈن ئىشلەش، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش، چەتئەلدە ئۇچرىغان چەتئەللىكلەرگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختاش، قىرغىنچىلىقنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش، ۋىدىئو ئىشلەپ دويىنغا تارقىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە تەشۋىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىسرائىلىيەنىڭ بىر دىپلوماتى بېيجىڭدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

جۈ ئۆكتەبىر 13 , 2023
يۈسۈپجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 13-ئۆكتەبىر «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر خادىمى بېيجىڭدا نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە مەزكۇر كىشى نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە خىتاي تەرەپ بۇ ھۇجۇم ھەققىدە تەپسىلاتلارنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

You May Like