غۇلامىدىن پاختا ۋاپاتىغا تەزىيە سۆزۈم

چوڭلار، ئۇستازلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلار بۇرۇنلا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئىزلەپ يولغا چىقىشى – توغرا تاللاش بولۇپ، ئۇ شەخسىي بۇرچنى ئادا قىلىش بولۇپلا قالماي، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاش ۋە نىشان كۆرسىتىش رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ. ئىلگىرىكىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرى توغرا ياكى نەتىجىلىك بولۇشى ناتايىن. ئەمما كۆرسەتكەن ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقنىڭ ئۆزىلا – بىز ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك بولغان روھتىن ئىبارەتتۇر.

غۇلامىدىن پاختانىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىز پۈكمەس ۋە ئىزچىل شەخسىيەتسىز بەدەل تۆلەشتىن قورقماسلىق روھى – بىزگە ئىلھام بولغۇسى!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئانا تۇپراق ھەسرىتىدە ئۆتكەن 75 يىللىق ھايات

شە فېۋرال 22 , 2025
تۇردى غوجىنىڭ غۇلامىدىن پاختا ھەققىدىكى ئەسلىمىسى مەرھۇم غۇلامىدىنكام ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپلا قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھىتلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، مىللەت سۆيگۈسى تىللاردا داستان بولۇشقا ئەرزىيدۇ. مەن غۇلامىدىنكام بىلەن تۇنجى قېتىم تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا 1995-يىلى يازلىق […]
غۇلامىدىن پاختا

You May Like