فرانسىيە رادىئوسى: ۋاشىنگتوندا بۈگۈن نامايىش بولۇشى مۇمكىن

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 14- نويابىر

جۈمە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئېدىسون تەتقىقات مەركىزى پرېزىدېنت سايلىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى شىتاتنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بايدىن جورجىيە شىتاتىدا ترامپنى مەغلۇب قىلدى، ھالبۇكى ترامپ شىمالىي كارولىنا شىتاتىدا غەلىبە قىلدى. بايدىن ئېرىشكەن بېلەت ئاللىقاچان 270 تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى شەنبە كۈنى غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سايلامدىن كېيىن ترامپ بارلىق قانۇنلۇق بېلەتلەر سانىلىپ بولغاندا، «ئىشنىڭ توغرىسىنى قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا تۇنجى قېتىم رەسمىي بايانات بەردى. ترامپنى قوللايدىغان كىشىلەر بۈگۈن ۋاشىنگتوندا كەڭ كۆلەملىك قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ترامپنىڭ كىشىلەرنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بېرىشى مۇمكىنلىكىدىن ئالدىنئالا مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.rfi.fr/cn/%E6%94%BF%E6%B2%BB/20201114-%E6%96%B0%E8%AE%A1%E7%A5%A8-%E6%8B%9C%E7%99%BB306-%E7%89%B9%E6%9C%97%E6%99%AE232-%E5%8D%8E%E7%9B%9B%E9%A1%BF%E4%BB%8A%E6%88%96%E6%9C%89%E6%8C%BA%E7%89%B9%E6%9C%97%E6%99%AE%E5%A4%A7%E7%A4%BA%E5%A8%81

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئىقتىساد بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلەمدۇ؟

يە نويابىر 15 , 2020
بۈگۈن تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، تەيۋەندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىدى.

You May Like