يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق تۈركلىرىدىن ۋە قازاق تۈركلىرى فوندىنىڭ رەئىسى فارۇق ئاكسەلنىڭ جىنازا نامىزى 2025-يىلى 10-مارت دۈشەنبە كۈنى زەيتۇنبۇرنۇ-ئەمىنە ئىنانچ فوندى (ئىستانسا) جامەسىدە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئادا قىلىنىپ، مەرھۇم مەڭگۈلۈك ئارامگاھىغا ئۇزىتىلدى.
جىنازا نامىزىغا زەيتۇنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى، زەيتۇنبۇرنۇ مەمۇرىي رايون باشلىقى، قازاقىستان باش كونسۇلى، پۇقرالار تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆپلىگەن ئەرباپلار قاتناشتى. مەرھۇمنىڭ تاۋۇتىغا قىزىل بايراق – كۆك بايراق ۋە قازاقىستان بايرىقىنىڭ يېپىلىشى مەرھۇم قېرىندىشىمىزنىڭ ھاياتىدىكى بىرلەشتۈرگۈچى، قۇچاقلىغۇچى يۇقىرى پىكىر ۋە خىزمەتلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى ۋە سىمۋولى بولدى.
مەنبەسى: ھامۇت گۆكتۈرك ئېجتىمائى ھېساۋاتى