ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-ماي
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرجىمىسى
ۋاشىنگتوندىكى فېدېراتسيە ئەرز سوتى پەيشەنبە كەچتە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتلەرگە خەۋەر تارقىتىدىغان، فېدېراتسيە مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى/ئازاتلىق رادىئوسى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رادىئو ئستانسسلىرىغا ھازىرچە پۇل بېرىشنى داۋاملىق توختىتىپ قويۇشقا رۇخسەت قىلدى.
مەزكۇر ئەرز سوتى – ھۆكۈمەتنىڭ خەۋەر تارقىتىش ئورگانلىرىغا مەبلەغ بېرىشنى توختىتىشنى چەكلىگەن تۆۋەن دەرىجىلىك سوتنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئىلان قىلغان ئىككى قارارىنىڭ بىر قىسمىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلدى.
ئەرز سوتى تۆۋەن دەرىجىلىك سوت قارارىنىڭ يەنە بىر قىسمىنى كۈچكە ئىگە ھالەتتە ساقلاپ قالدى، بۇ قارار ترامپ ئەمەلدارلىرىنىڭ فېدېراتسيە مەبلىغى بىلەن ماڭىدىغان «ئامېرىكا ئاۋازى»دىكى مۇخبىرلارنى ھەقلىق دەم ئېلىشتىن قايتۇرۇپ كېلىشى ۋە ئۇنىڭ خەۋەر پروگراممىلىرىنى قايتا باشلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكا ئاۋازىدىن پەرقلىق ھالدا، يۇقىرىقى ئۈچ خەۋەر تارقىتىش ئورگىنى مۇستەقىل خادىم ياللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ، شەخسىي ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان، پايدا كۆزلىمەيدىغان تەشكىلاتلار بولۇپ، ئۇلار دەسمايىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەت مەجلسىدىن ئالىدۇ.
ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈم مۇئاۋىن دىرىكتورى مەمەتجان جۈمەنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو ئستانسىسى خەۋىرىگە بىلدۈرىشچە، ھازىر ئۇيغۇرچە قانالدا پەقەت بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىم قالغان.