قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنياز ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنياز ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

 قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنياز ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 9-فېۋرال

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 8-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ ئەنگلىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەركىن تۇنياز يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا كېلەر ھەپتە ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېرىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىياسىتىنى ئاقلاپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلخەت ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: « ئەركىن تۇنياز كېلەر ھەپتە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقچى، بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدۇق شۇنداقلا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتاينى بەزىبىر ئالاھىدە نۇقتىلاردىكى قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە دەۋەت قىلىشىمىز مۇمكىن.»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. « دۆلەت ھالقىغان خىتاي سىياسىتى پارلامېنت بىرلىكى» (IPAC)نىڭ ئەنگلىيە تەرەپ ئەزالىرى بايانات بېرىپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ دەپ ئەيىبلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:«  ئەركىن تۇنياز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشىدا يادرولۇق رول ئۆتەپ كەلدى. بۇنداق بىر شەخس بىلەن كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس.» 

ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى، ئىشچىلار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسى ئەزالىرى ئورتاق ھالدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ ئورگان تەرەپتىن خىتايغا ئەۋەتىلگەن بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق تەكلىپنامىنى بىكار قىلىشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك ئەنگلىيە پارلامېنتى 2021-يىلى بېلەت تاشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

جۈ فېۋرال 10 , 2023
مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

You May Like