ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كۈچلۈك بولغان «ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى خالايمىز»دىدى، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى تىلغا ئالمىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-نويابىر

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كېئىر ستارمېر برازىلىيەدىكى G20 يىغىنىدا ختاي دۆلەت رەئىسى  شى جىنپىڭ  بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئۈچۈن «كۈچلۈك ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى»نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ كۆرۈشۈش 2018-يىلدىن بېرى ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى بىلەن بولغان تۇنجى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىر قاتار مەسللەر تۈپەيلىدىن يامانلاشقان.

كېئىر ستارمېر: «ئەنگلىيە قانۇننىڭ ئۈستىنلىكىگە سادىق، ئىشەنچلىك، ۋە مۇستەقىل بولغان دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.»

برازىلىيەدىكى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، باش مىنىستىر مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا سەھنىگە قاتنىشىش ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كېلىدۇ – بۇ يېقىن ھەمكارلارىمىز بىلەن كۈچلۈك ۋە مېۋىلىك ھەمكارلىق قۇرۇشنى ۋە قىممەتلىرىمىز پەرقلىق بولغان دۆلەتلەر بىلەن راستچىللىق بىلەن سۆزلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «دۇنيادىكى يېتەكچى ئىقتىسادىي دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئەنگلىيەگە كىرەكلىك مەبلەغ تارتىش ۋە خىزمەت ئورۇنى يارىتىش ئۈچۈن زۆرۈر.»

شى جىنپىڭ: «خىتاي ۋە ئەنگلىيە سودا، سەرمايە، پاكىز  ئېنېرگىيە، مالىيە خىزمەتلىرى، سەھىيە ۋە خەلقنىڭ ياخشى تۇرمۇشىنى ياخشلاش ساھەلىرىدە كەڭرى ھەمكارلىشش پۇرسىتى بار.»

ئۆتكەن ئايدا ئەنگىلىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرىنىڭ ختايغا زىيارەتكە بىرىىشى، شۇنداقلا لايبور پارتىيسنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»نى ئ‍تىېراپ قىلىش مەيدانىدىن ۋاز كەچكەنلىكى تەنقىدكە دۇچ كەلگەنىدى.ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلغانىدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ «مەڭگۈلۈك رىشتە»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان

سە نويابىر 19 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 19-نويابىر ئامازوندا نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتاپ ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بىرىلگەن: مەڭگۈلۈك رىشتە: شېئىردا بىر ئائىلە پورترېتى يېزىلغان، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر شەخسىي تۇيغۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 پارچە شېئىرلار توپلىمىدۇر. بۇ توپلام ئائىلە، مېھىر-مۇھەببەت، شەخسىي ئۆسۈش، مەدەنىي مىراس ۋە تەبىئەت گۈزەللىكى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غۇلجىدا ئۆسكەن ۋە […]
گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ «مەڭگۈلۈك رىشتە»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 19-نويابىر ئامازوندا نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتاپ ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بىرىلگەن: مەڭگۈلۈك رىشتە: شېئىردا بىر ئائىلە پورترېتى يېزىلغان، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر شەخسىي تۇيغۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 پارچە شېئىرلار توپلىمىدۇر. بۇ توپلام ئائىلە، مېھىر-مۇھەببەت، شەخسىي ئۆسۈش، مەدەنىي مىراس ۋە تەبىئەت گۈزەللىكى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غۇلجىدا ئۆسكەن ۋە كېيىنچە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ياشىغان مەركىزىي ئاسىيالىق شائىر گۇلناز ئابدۇقادىر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يولىنى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ۋە ئۇنى شەكىللەندۈرگەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەرنى نامايش قىلىدۇ. بۇ توپلام مەركىزىي ئاسىيانىڭ باي شېئىرىي ئەنئەنىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە، زامانىۋى قاراشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

You May Like