ئىلان ماسك تۋىتتېرنى 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدىغان بولدى

ئىلان ماسك تۋىتتېرنى 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدىغان بولدى

 ئىلان ماسك تۋىتتېرنى 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدىغان بولدى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-ئاپرېل

دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار شەخس ، جەنۇبى ئافرىقىدىن كەلگەن كۆچمەن،  مىلياردېر ئىلان ماسك 25-ئاپرېل تۋىتتېر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

ھەر بىر پاي 52.4 دوللار باھا بىلەن جەمئىي 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋالىدىغان بولدى.

ئىلان ماسك تۋېتترغا 14-ئاپرېل باھا قويغاندىن كىيىن تېۋتتر ئۇنىڭ سېتىۋېلىشنى چەكلەش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان ئەمما ئىلان ماسك نىيۇيوركنىڭ داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى بانكىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ پۇلنى نەقلەشتۈرگەندىن كىيىن، تۋىتتېر سېتىۋېلىش كېلىشىمگە قوشۇلغان.

ئىلان ماسك باھا قويۇشتىن بۇرۇنلا تۋىتتېرنىڭ 9%دىن كۆپرەك پېيىنى سېتىۋېلىپ ئەڭ چوڭ پايچەككە ئايلىنىپ بولغان.

ئىلان ماسك تېۋتترنى سېتىۋېلىش مەقسىتىنىڭ «پىكىر ئەركىنلىكى»نى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.ئۇ تېۋتترنى ئىسلاھ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن

سە ئاپرېل 26 , 2022
خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن

You May Like