يەرشارىنىڭ ھەجمى تەخمىنەن بىر تىرىليون 83 مىليارد 200 مىليون كۇب كىلومېتىرغا يېتىدۇ، سىرتقى يۈزى بولسا تەخمىنەن 510 مىليون كۋادرات كىلومېتىر. ھازىر يەر شارىدا يەتتە مىلياردتىن ئارتۇق ئادەم بار، نوپۇس زىچ شەھەرلەردە ئۆي باھاسى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا بەزى چاغلاردا كىشىلەر «يەرشارى چوڭراق بولغان بولسا ئۆي باھاسىمۇ ئەرزانراق بولغان بولاتتى» دەپ ئۇھسىنىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ئۆي باھاسى بىلەن يەرشارىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىڭ ئەسلا مۇناسىۋىتى يوق. نوپۇس زىچ جايلاردا يەر بىلەن ئولتۇراق ئۆي تەبىئىيلا كەمچىل بايلىققا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، يەرشارى مەيلى قانچە چوڭ بولۇپ كەتسۇن، نوپۇسنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈن شۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنى بويىچە يەرشارى يەنە ئون ھەسسە چوڭايسا زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى: ئەگەر يەرشارىنىڭ ھەجمى ئون ھەسسە ئېشىپ زىچلىقى ئۆزگەرمىسە ئۇ چاغدا يەرشارىنىڭ ماسسىسىمۇ ئوخشاشلا ئون ھەسسە ئارتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاڭلىماققا يەرشارىنىڭ سىرتقى يۈزى چوڭايغاندەك قىلغان بىلەن بىز يەرشارىدا قەتئىي ياشىيالمايمىز. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بىلىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ يەرشارىمىز قاتتىق ماددا ھالىتىدىكى پىلانېت، پىلانېتلار قاتتىق ماددا ھالەت ۋە گاز ھالەتتىكى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، يەرشارىنىڭ ماسسىسى بەك چوڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قاتتىق ماددا ھالىتىدىكى پىلانېتقا ئايلىنالىغان. ئەگەر يەرشارىنىڭ ماسسىسى ئون ھەسسە چوڭىيىدىغان بولسا ئۇ چاغدا يەرشارى بىلەن گاز ھالەتتىكى پىلانېتقا ئايلىنىدۇ. گەرچە ھازىر گاز ھالەتتىكى پىلانېت بىلەن قاتتىق ھالەتتىكى پىلانېتنىڭ ئېنىق بىر ماسسا چېگرىسى بولمىسىمۇ، لىكىن ئالىملار يەرشارىدىن يەتتە ھەسسە چوڭ بولغان پىلانېتنىڭ گاز ھالەتتىكى پىلانېت بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، مەسىلەن ئۇران بىلەن نېپتون دەل گاز ھالەتتىكى پىلانېتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماسسىسى ئايرىم-ئايرىم يەرشارىنىڭ 14.5 ھەسسىسى ۋە 17 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئىسمىدىنلا بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، گاز ھالەتتىكى پىلانېتتا ئەسلا مۇقىم سىرتقى يۈز بولمايدۇ، دىمەك بىز دەسسەپ تۇرىدىغان قۇرۇقلۇقلارمۇ بولمايدۇ، ئۇنداقتا ئىنسانلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە گاز ھالەتتىكى پىلانېتلارنىڭ ھاۋا بېسىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىنسانلار بۇنداق ھاۋا بېسىمىدا ئەسلا ياشىيالمايدۇ. يەرشارى گاز ھالەتتىكى پىلانېتقا ئايلانغان تەقدىردىمۇ قۇرۇقلۇق بار بولىدۇ دەپمۇ تۇرايلى، ئۇ چاغدىمۇ كىشىلەر ئوخشاشلا يەرشارىدا ياشىيالمايدۇ، چۈنكى يەرشارىنىڭ ماسسىسى 10 ھەسسە ئاشقان ئىكەن، ئۇنىڭ ئېغىرلىق كۈچىمۇ ئون ھەسسە ئاشىدۇ، دىمەك بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئەسلىدىكىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز يۈگۈرۈش، سەكرەش دېگەنلەرنى قويايلى، يول ماڭغاندىمۇ زور بېسىمنى كۆتۈرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا بەدەن ئېغىرلىقىمىز سەۋەبلىك سۆڭەڭلىرىمىز بەرداشلىق بېرەلمەي سۇنۇپ كېتىدۇ، كارىۋاتتا تۈز يېتىۋالغان تەقدىردىمۇ بېسىمنىڭ سەۋەبىدىن نەپەس ئالالماي قالىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، يەرشارىنىڭ ماسسىسى ئاشقاندىن كېيىن گاز ھالەتتىكى پىلانېتقا ئۆزگەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئاتموسفىرا قەۋىتى قېلىنلىشىپ، ئاتموسفىرا بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئادەمنىڭ بەدىنى ئۇچرايدىغان بېسىم يۈز نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئاستىغا چۆككەن چاغدىكى بېسىمغا باراۋەر بولىدۇ، بۇنداقىمۇ ئادەم بەدىنى ئوخشاشلا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، يەرشارىنىڭ ماسسى ئون ھەسسە ئاشسا، ئاي شارى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبلىك يەرشارىغا قاراپ يېقىنلىشىدۇ ھەمدە ئۇزاق قالماي يەرشارىغا سوقۇلۇپ، بارلىق جانلىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىشكە يېتىدىغان ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز يەنە تېخى يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، يەرشارىنىڭ ماسسىسى 10 ھەسسە چوڭايسا، تارتىش كۈچى سەۋەبلىك قۇياش بىلەن بولغان ئايلىنىش ئوربىتىسىنىمۇ ئۆزگەرتىپ قۇياشتىن بارا-بارا يىراقلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەرشارى بىر مۇز پىلانېتقا ئايلىنىدۇ-دە، جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەي قالىدۇ. قارىغاندا يەرشارىنىڭ ئەسلىدىكىدىن چوڭ بولۇشى بىر قورقۇنچلۇق ئىشتەك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت بىرلا بولغان بۇ ياشاش ماكانىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.
ئەگەر يەر شارى ھازىرقىدىن ئون ھەسسە چوڭ بولسا قانداق بولاتتى؟
قارىغاندا يەرشارىنىڭ ئەسلىدىكىدىن چوڭ بولۇشى بىر قورقۇنچلۇق ئىشتەك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت بىرلا بولغان بۇ ياشاش ماكانىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.