دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش بولدى

                                          

2020-8-14

    ھەبىبۇللا ئىزچى     

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

12- ئاۋغوستتىن باشلاپ دۇنيانىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە خىتاي كونسۇلى ئالدىدا بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر ۋەتەندىكى ئېز دېرىكىنى ئالامىغان تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.

گوللاندىيەدە پائالىيەتچى ئابدۇرىېھىم غېنى ئۈچ كۈندىن بېرى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك  نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ ،ۋەتەندىكى يوقاپ كەتكەن تۇققانلىرى ھەققىدە يىللاردىن بېرى دېرىكىنى ئالامىغان ئابدۇرېھىم غېنى ،ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارقىلىق نەچچە قېتىم خىتاي كونسۇلىغا يوقاپ كەتكەن تۇققانلىرى ھەققىدە جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىغان بولسىمۇ خىتاي تەرەپ ئىزچىل رەت قىلىپ ياكى يالغان سۆلەپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم غېنى بۈگۈن ئەتىگەن خىتاي كونسۇلى ئىچىگە ۋەتەندىكى يوقاپ كەتكەن تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ۋە خىتاي كونسۇلىغا يېزىلغان ئۇلتىماتۇمنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كىرگەندە خىتاي كونسۇلى ئامانلىق ساقلىغۇچىسى چىقىرىۋەتمەكچى بولغان ،ئابدۇرېھىم غېنى مېنىڭ تۇققانلىرىم نەدە،تۇققانلىرىمنىڭ دېرىكىنى قىلىمەن،خىتاي كۇنسۇلى چىقىپ جاۋاپ بەرسۇن دەپ تۇرۇۋالغاندا گوللاندىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە بىر يېرىم سائەت  تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ،كونسۇل ئالدىدىكى نامايىشنى توختىتىش شەرتى بىلەن مىڭ ياۋرۇ جەرىمانە قويۇپ ئاندىن قويۇپ بېرىلگەن بېرىلگەن.

ئابدۇرېھىم غېنى بۇ ھەقتە نامايىشنى يەنە دام مەيدانىدا داۋاملاشتۇرۇدىغىنىنى ،ۋە بۇنچىلىك ئىشلارغا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

This image has an empty alt attribute; its file name is c4c38813-3d63-40b1-8c27-ce418e30a1e5-1280x720.jpeg

ئوخشاش ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىمۇ ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن مىر ئەخمەت، جەۋلان ۋە ئامىنە ۋاھىت خانىم(سەدەف)  بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سارىيەردىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىغا ۋەتەندىكى يوقاپ كەتكەن تۇققانلىرىنىڭ رەسمىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللىرىنى ئېلىپ چىققان،بۇندىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇلار يالغان ،ئۇنداق ئىش يوق ،بۇلار تۇققانلىرىنىڭ ماتېرياللىرنى ئېلىپ كەلسۇن دەپ تېلېۋېزور ۋە گېزىتلەردە بەرگەن باياناتىغا ئاساسەن ھازىرغىچە توتختىماي داۋا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ،يەنە ئوخشاش تۇققانلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ نەدىلىكى ھەققىدە خىتاي كونسۇلىدىن جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان نوتا خەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى ئېلىپ كەلگەندە ،خىتاي كونسۇلى تەرەپ بۇلارنى قوبۇل قىلمىغان ،كونسۇلخانا بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل تۈرك ساقچىلار تەرپىدىن كونسۇلخانا  ئالدىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىۋىتىلگەن .

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاينىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى

جۈ ئاۋغۇست 14 , 2020
شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىشلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەتەن سىرتىدا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، گېزىت - ژورنال مۇخبىرلىرىغا ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ

You May Like