دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىكىدىن خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇمىغا قارشى باياناتى

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ئۈزۈلمىدى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەق- ھوقۇقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي ھاياتىدا دۇچ كەلگەن باستۇرۇش سىياسىتى ۋە دىنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشلار بۈگۈنگە قەدەر خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ.

دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىكى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 26- نويابىر

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايىتۇللا

تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-26

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

    ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ئۈزۈلمىدى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەق- ھوقۇقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي ھاياتىدا دۇچ كەلگەن باستۇرۇش  سىياسىتى ۋە دىنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشلار بۈگۈنگە قەدەر خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ.

بۇ زۇلۇملارنىڭ مىساللىرىدىن: مىليونلىغان ئاتا-ئانىنى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ، ئىسىم قويۇلغان مەجبۇرىي يىغىۋېلىش ئورنىغا يىغىۋېلىپ ئۇلارنى دىنىي ئەقىدىلىرىدىن ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇلارنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشكە لايىق بولغان ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش…قاتارلىقلار.

ۋە يەنە: ئۇلارغا مەسجىدلەردە، دىنىي تەلىم تەربىيەلەردە، دىنى پائالىيەتلەردە، ئىبادەتلەردە ۋە سەپەرلىرىدە قولايسىزلىق تۇغدۇرۇش. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە خىتايلارنى مەجبۇرىي  تۇرغۇزۇش ۋە مەجبۇرىي قوندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئىسلامىي ياكى ئۆرۈپ-ئادەت كىيىملىرىنى كىيىش، قۇرئان كەرىم ياكى جاينامازغا ئوخشاش نەرسىلەر مەۋجۇت بولسا ياكى تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىككە ئالاقىدار ئادەتلەر ئۇچرىسىلا، بۇلارنى نازارەت ئاستىدىكى كىشىلەر قاتارىدا دوكلات يېزىپ يۇقىرىغا دوكلات قىلىش.

ئومۇمەن خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى بولسا، رەسمىي يوسۇندا مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن ئىسلامنى ئاپئاشكارا يوق قىلىۋېتىشنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامى سالاھىيىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان بۇ سىياسىتى  دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ دىققتىنى تارتتى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئىشلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ:

1- بىز خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئىككى مەدەنىيەت خەلقىنىڭ ئالاقسىنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە قويۇقلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئىككى مەدەنىيەت خەلقىنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىشنى ۋە ئىككى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈشنى خالىمايمىز.

2- بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدا ياشايدىغان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە؛

– تۇتقۇن قىلىنغان ۋە مەجبۇرى يىغىۋېلىش ئورنىغا يىغىۋېلىنغان مۇسۇلمانلارنى ئازاد قىلىش.

–  مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مەسجىد قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش، دىنىي تەلىم-تەربىيەگە يول قويۇش، جامائەت ۋە شەخسنىڭ دىنىي ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇش.

– مۇسۇلمانلارنىڭ سەپەر، ساياھەت، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە قانۇنلۇق بولغان ئىچكى-تاشقى سودا لىنىيەسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

3- بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا، بۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئالاقىدار بولغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنۇشقا چاقىرىمىز.

»ئاللاھ خالىغان ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ»، (سۈرە يۈسۈف 21- ئايەت).

دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى

پىروفېسسور دوكتور: ئەلى مۇھىددىن قاراداغى پىروفېسسور دوكتور: ئەھمەد ئابدۇسالام رەيسۇنى

دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكى يىڭى باش كاتىپى پىروفېسسور رەيسۇنىنىڭ تۇنجى باياناتى *

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتەلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە: http://www.iumsonline.org/ar/ContentDetails.aspx?ID=8921

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىلى: خىتاي  باش ئەلچىسىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم، جازا لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلمىدى

دۈ نويابىر 26 , 2018
6- نويابىر شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 196 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشقان ب د ت كىشلىك ھوقۇق يىغىنىدا، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ۋە خىتاينى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىپلىشىدىن كېيىن، قىسمەن سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى

You May Like