داۋۇت ئوغلى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىزنىڭ باش ئەلچىمىزدىن نېمنىڭ ھىسابىنى سورىدى؟

داۋۇت ئوغلى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىزنىڭ باش ئەلچىمىزدىن نېمنىڭ ھىسابىنى سورىدى؟

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 13- مارت

 

تۈركىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە سابىق زۇڭلسى، كىلەچەك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇت ئوغلى، سابىق تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى، دېموكرات ۋە ئىلگىرلەش پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالى باباجان بىلەن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى بىر  يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، سۆھبەتتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتنىڭ  مۇھىم مەزمۇنلىرى ئۈستدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

 

ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدىكى مەزمۇنلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي تاشقى مىنىستىرلىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتقانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن.

 

ئالى باباجان: ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەپسەندىچلىك قىلمىشلىرىغا سۈكۈتتە تۇرۇشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

 

ھۆكۈمەتنىڭ  ماسلاشماسلىقنى كۆرسىتپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ  مەسىلىلەرنىڭ بىرى – دەل شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى. ئاتالمىش ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلغان ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت، خىتاينىڭ كشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلالمايدۇ. بۇنى مەۋجۇت ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتتىن ۋە ئۇنىڭ شېرىكىدىن، شۇنداقلا ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچىنچى شېرىكدىن ھەر كۈنى سوراش كېرەك. ئۈچىنچى شېرىكى باشقا شېرىكلىرى ئۈستدىن قانداق بىر تەسىر دائىرسى قۇرۇپ، شەرقي تۈركىسىتان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى بۇ ئەقىللەرگە سوئال ئىشارىتىنى كەلتۈرىدۇ. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىىينەزەر، پېرىنچەك ئەپەندى: «بىز پاراخوتنىڭ يولنى سىزىمىز.» دېدى.

 

  داۋۇت ئوغلى: خىتايدىكى تۈرك باش ئەلچىسى نېمىنڭ ھىسابىنى بەردى؟

 

بىزگە كەلگەن بەزى غەيرى رەسمىي مەلۇماتلاردا، ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسترلىكىگە چاقىرتىلىپ، خىتاي تەرەپ بەزى مەسللەردە تۈركىيە تەرەپكە ئېتىراز بىلىدۈرگەن ۋە بەزى سوئاللار سورالغان. باش ئەلچىنىڭ تاشقى ئىشلارغا چاقىرتىلىش ۋەقەسى تۈركىيەدە ھېچ بىر مېدىيادا تىلغا ئېلىنمدى. بۇ يەردە ھۆكۈمەتتىن شۇنى سورىغۇم كەلدى، تۈركىيە شۇنىچۋالا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ۋە شەرقي تۈركىستاندا يۈز بېرۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىك مەسىلىلەردە خىتايغا باش ئەگكەن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى ئېتىراپ قىلىش لايىھەسى رەت قلىنغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك باش ئەلچىسىدىن نېمىنىڭ ھىسابىنى سورىدى ۋە نېمىلەرنى تەلەپ قىلدى؟ ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىلەرنى  ئوچۇق ئاشكارە خەلق ئاممىسى بىلەن ئورتاقلىشىشى كېرەك.

 

مەنبە: https://serbestiyet.com/haberler/cin-disisleri-bizim-buyukelcimizden-neyin-hesabini-sordu-53858/

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

كانادا: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالچىسى

شە مارت 13 , 2021
كانادا: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالچىسى

You May Like